• شىنجاڭ مايتاغ-كۇچا تاشيولى ئېتىۋېتىلدى

  • يوللىغۇچى : دىلشات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-10-19 12:01
  • شىنجاڭ مايتاغ-كۇچا تاشيولى ئېتىۋېتىلدى

    ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدە مايتاغ-كۇچا تاشيولى (دۆلەت يولى 217-لىنىيەسىنىڭ K577 بۆلىكىدىن K722 بۆلىكىگىچە) قاتناش شارائىتىنى ھازىرلىمىغانلىقى سەۋەبىدىن، 10-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 14:00 دىن باشلاپ ئېتىۋېتىلدى. بۇ مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ ئېتىۋېتىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، كېلەر يىلى 5-ئاينىڭ ئاخىرى قاتناش باشلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

      مۇخبىرنىڭ 10-ئاينىڭ 17-كۈنى كۈيتۈن تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئىلى تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونلىرىدا ئۇدا قار يېغىپ، يوللارنى مۇز تۇتۇپ، قاتناشقا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن. يەرلىك قاتناش ساقچى، تاشيول، يوللارنى مەمۇرىي باشقۇرۇش قاتارلىق ئۈچ تەرەپ مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا قاتناشقا چەك قويغان.

      ئۇنىڭدىن باشقا مۇخبىرنىڭ ئىلى تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ,S237 لىنىيەسى غۇلجا-موڭغۇلكۈرە تاشيولىنىڭ بەيشىفىڭ بۆلىكىمۇ ھاۋارايى سەۋەبىدىن 10-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ ئېتىۋېتىلگەن.

    مەنبەسى :سەھەر گېزىتى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك