• سودىيە تۇرسۇننىڭ ئىجرا سۈرئىتى (قانۇنچىلىق گېزىتى تەۋسىيەسى)

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-10-28 05:06
  • سودىيە تۇرسۇننىڭ ئىجرا سۈرئىتى (قانۇنچىلىق گېزىتى تەۋسىيەسى)

    سودىيە تۇرسۇننىڭ ئىجرا سۈرئىتى 


    ئۈرۈمچى يۇقىرى، يىڭى تېخنىكىلىك كەسىپلەر تەرەققىيات رايۇنلۇق (يىڭى شەھەر رايۇنلۇق) خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا ئىدارىسىنىڭ سودىيەسى تۇرسۇن مۇسا 9-ئاينىڭ 30كۈنى سائەت 10دىن 30مىنۇت ئۆتكەندە خىزمەت ئۈستىلى ئالدىدا ئولتۇرۇپ شۇ كۈنى ئىجرا قىلغان 10نەچچە يۈرۈش دېلو مىسالىنى رەتلەشكە باشلىدى، ئۇ تېخى بايىلا ئىجرا قىلىنغۇچىنىڭ مال-مۈلىكىنى ئىنىقلاشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى تۈگەتكەن ئىدى،
    ئىجرا دىلو مىساللىرىنى كۆرۈش، ئىجرا لاھىيەسى تۈزۈش، مال-مۈلۈكنى توردىن تەكشۈرۈش، ئىجرا ماتىرىياللىرىنى رەتلەش، دەۋالاشقۇچىلارنى كۈتۈۋېلىش، ئىجرا ئىشلىرىنى سىرتقا چىقىپ بىجىرىش قاتارلىقلار يېقىنقى 3يىلدىن بۇيان تۇرسۇننىڭ كۈندىلىك خىزمەت كۈن تەرتىپىگە ئايلانغانىدى،
    دىلو مىسالىنىڭ تىز سۈرەتتە ئېشىشى سەۋەپلىك ئىجرا سودىيەلىرى كۈندە دىگۈدەك ئىنتايىن  ئالدىراش يۈرسىمۇ تۇرسۇن خىزمەتتە يەنىلا چۇشقۇن ئىدى،

    --- قىلىۋاتقان ئىشلىرىم بەكمۇ ئەھمىيەتلىك -- دەيتتى  تۇرسۇن دائىم،

    تۇرسۇن ئاساسى قاتلام سىياسى-قانۇن سېستىمىسىدا 10يىل 


    خىزمەت قىلغاندىن كىيىن 2011-يىلى ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئۈرۈمچى يۇقىرى يىڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر رايۇنى (يىڭىشەھەر رايۇنلۇق) خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ  ئىجرا ئىدارىسگە يۆتكىلىپ كەلگەن، ئۇ بۇيەردە سوت مەھكىمىسى ۋە ئىجرا خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگۈرىشىنى ھەقىقى ھىس قىلغان،
    بىرگۇرۇپپا سانلق مەلۇماتلاردىن تۇرسۇن ئېيتقان ئۆزگۈرۈشنى ھەقىقى ھىس قىلغىلى بۇلىدۇ، تۇرسۇن 2011.يىلى ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ  200گە يېقىن دىلو بىجىرگەن، ئەمما بۇ يىلنىڭ يېرىمىدىلا ، دېلو مىقدارى ئېشىپ  700گە يەتكەن ، (400دىن ئارتۇق دېلو بېجىرىلگەن).
    ئىجرا دىلولىرىنىڭ بىجىرىلىش يىللىق ئوتتۇرچە سانىنىڭ كۆپ بۇلۇشىنىڭ سەۋەبى بار، خەلق سوت مەھكىمىلىرى يېقىندىن بۇيان ئىجرا خىزمىتىدە پەن تېخنىكا ۋاستىسىنى كۈچەيتتى ئىناۋەت سېستىمىسى كۈنسىرى مۇكەممەللەشتى، لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلدۇرغۇچىلارنى چەكلەش، ئاگاھلاندۇرۇش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى،  ئۇنىڭدىن باشقا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى «ئىجرا قىلىش قىيىن بۇلۇش مەسىلىسىنى ئاساسى جەھەتتىن ھەل قىلىش» نى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىجرا خىزمىتى  زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى.
    تۇرسۇن مۇنداق دىدى:
    --ئىجرا قىلغۇچىنىڭ مال -مۈلۈكىنى تەكشۈرۈشتە ئىلگىرى كۆپ ۋاقىت كىتەتتى بانكا ئىستوچىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈنلا ئاز دىگەندە يەتتە - سەككىز  بانكىنىڭ  تور نوقتىسىغا بېرىشقا توغرا كىلەتتى، ئاپتۇمۇبىلنى تەكشۈرۈشكىمۇ ناھايتى ئۇزاق ۋاقىت كىتەتتى، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئىجرا خىزمىتى 2015-يىلىدىن كىيىن بارا بارا  ئۇچۇرلىشىشنى ئىشقا ئاشۇردى، ئىجرا سودىيەلىرى تور ئارقىلىق دىلو ئىجرا قىلىدىغان، سىرتقا چىقماي تۇرۇپلا تور ئارقىلىق مال - مۈلۈكلەرنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىدىغان بولدى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يىڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر رايۇنلۇق (يىڭى شەھەر رايۇنلۇق) خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجراكۈچىنى يېقىنكى ئىككى يىلدا  مەملىكىتىمىزدىكى باشقا خەلق سوت مەھكىمىلىرى بىلەن تەڭ قەدەمدە كۈچەيتتى، مەھكىمىمىزنىڭ دىلو بىجىرىش سۈپىتى ۋە سانى زور دەرىجىدە ئاشتى.

    تۇرسۇن مۇخبىرغا ئۆزى ئىشلىگەن بىر قەدەر تىپىك ئىككى دىلو مىسالىنى مىسال قىلىپ بەردى،


    بىرى ، 2012-يىلىدىكى بىر ئاجىرشىش دېلوسى بۇلۇپ ، مۇرەسسەدە ھەل قىلىنغان ، ئىجرا قىلىنغۇچى جاڭ قۈن (ئۆزگەرتىلگەن ) ئىجراغا ئىلتىماس قىلغۇچى ليۇ يىڭ (ئۆزگەرتىلگەن ) غا جەمئىي 2مىليۇن يۈەن تۆلەم بېرىدىغانغا كېلىشكەن.
    تۇرسۇن شۇچاغدا ئالتە ئاي سەرپ قىلىپ ، جاڭ جۈننىڭ مال – مۈلۈك ئەھۋالىنى ئېنىقلىغان ،لېكىن جاڭ جۇننىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۆيى بىلەن ئاپتۇموبىلنى ئىجرا مەزگىلىدە سېتىۋەتكەن ، بانكا كارتىسىدا بىر پۇڭمۇ قالمىغان ، كېينىكى تەكشۈرۈشتە تۇرسۇن جاڭ جۈننىڭ خۇبىي ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھرىدە يېڭى بانكا ئىسچوتىنىڭ بارلىقىنى بايقىغان ، بانكىدىكى پۇلنى ئاغدۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن ۋۇخەن شەھرىگە بېرىشقا توغرا كىلەتتى ، ئەپسۇسنارلىقى تۇرسۇن يەنە بىر ئىجرا خادىمى بىلەن ۋۇخەنگە بېرىپ قۇرۇق قول قايتىپ كەلگەن چۈنكى بانكىدىكى پۇل ئاللىبۇرۇن يۆتكەپ كېتىلگەن بولۇپ بۇلۇپ جاڭ جۈنمۇ ئېزدىرەكسىز غايىپ بولغان ئېدى ، ئىجرا خادىملىرى ۋۇخەن شەھرىگە ئالتىنجى قېتىم بارغاندا ئاندىن جاڭ جۈننى تاپقان. سودىيە ئۇنىڭغا قانۇن بەلگىلمىلىرنى پايدا-زىيان مۇناسىۋېتىنى ئېنىق چۈشەندۈرگەندىن كېيىن جاڭ جۈن بىلەن ليۇ يىڭ يارشىۋېلىش كېلشىمى تۈزگەن، جاڭ جۈن بىريىل ئىچىدە بارلىق قەرزنى قايتۇردىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، لىكىن بەلگىلەنگەن قەرەلىدە پەقەت 200 مىڭ يۈەننىلا تۆلىگەن، شۇ سەۋەپتىن تۇرسۇن ۋۇخەن شەھرىگە يەنە بارغان، لىكىن جاڭ جۈن بىلەن ئالاقىلشالمىغان.
     2016- يىلى يارشىۋېلىشىش كېلشىمدە بىكتىلگەن قەرز قايتۇرۇش ۋاقتى ئۆتۈپ بىر يېرىم يىلدىن كېيىن ليۇ يىڭ ئىجرانى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلغان. جاڭ جۈن مال-مۈلىكىنى يامان نىيەتتە يۆتكەپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى رەت قىلغانلىقى، كەينىگە سۆرەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ قەرزدىن قاچقانلىقى ئۈچۈن، خەلق سوت مەھكىمسى جاڭ جۈننى توختىتىپ قويماقچى بولغاندا، جاڭ جۈن قەرز قايتۇرۇش مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلغان، ئالتە يىلغا سوزۇلغان دېلو ئاخىر ئىجرا قىلىنغان.
    يەنە بىرى، تۇرسۇن بىجىرۋاتقان ئېلىم-بىرىم ماجراسى ئىجرا دېلوسى بۇلۇپ، مۇخبىر زىيارەت قىلغان كۈنى مەزكۇر دېلونى ئىجرا قىلىشقا ئىلتىماس سۇنغۇچى شۇ يەردە ساقلاۋاتقان ئىدى. ئىجرا قىلىشقا ئىلتىماس سۇنغۇچى جاڭ تاۋ (ئۆزگەرتىلگەن) تۇرسۇننى ئىزدەپ دېلونىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئاخىرقى بىر قېتىملىق تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپى قالغانلىقى، قايتقان پۇلنىڭ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ھېساۋاتىغا كىردىغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن:
    10-نەچچە يىل بولغان قەرزنى قايتۇرۋالالىشىمنى ئويلاپ باقماپتىمەن، بۇ قېتىم قانۇن ئىدارە قىلىش تەرەققىيانىڭ نەتىجىسىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم،-دىدى.
    2002-يىلى جاڭ تاۋ ئەلئارا ئېلىم-بېرىم شەكلى ئارقىلىق 40مىڭ يۈەننى ليۇخېڭ (ئۆزگەرتىلگەن) غا بېرىپ تۇرغان، ئۇزاق يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ، ليۇ خىڭ ئىزچىل بۇ پۇلنى قايتۇرمىغان، شۇ ئارلىقتا جاڭ تاۋنىڭ ليۇ خېڭ بىلەن ئالاقىسى ئۆزۈلۈپ قالغان، چۈنكى ئۇ ئاللىبۇرۇن ئىچكى ئۆلكىگە كۆچۈپ كەتكەندى.
     «پۇلۇمنى ئالالمايدىغان بولدۇم » دەپ ئويلىغان جاڭ تاۋ 2017-يىلى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى » غا تۈزتۈش كىرگۈزۈلۈپ، ئىككى يىللىق دەۋا سۈرۈكى بىكار قىلىغاندىن كىيىن، قايتا ئۈمىدلەندى ئۇ شۇ يىلى 9- ئايدا ليۇخېڭ ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇندى، ئۈرۈمچى يۇقرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسپلەر تەرەققىيات رايۇنلۇق (يېڭى شەھەر رايۇنلۇق)خەلق سوت مەھكىمىسى ئاخىرىدا دەرقەمسىز ھۆكۈم چىقىرىپ لىيۇ خېڭنى قەرزنى قايتۇرۇشقا بۇيرىدى، ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولغاندىن كىيىن، لىيۇ خېڭ ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولدى.
    بۇيىل 8-ئاينىڭ 13-كۈنى جاڭ تاۋ مەجبۇرى ئىجرا قىلىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلدى، ئىجراغا مەسئول سودىيە دەل تۇرسۇن ئىدى، شۇ كۈنى تۇرسۇن لىيۇ خېڭنىڭ بانكا ئىسچوتىنى پىچەتلىدى، 
    لىيۇ خېڭ 9-ئاينىڭ 14-كۈنى بانكا ئارقىلىق تۇرسۇن بىلەن ئالاقىلىشىپ، قەرزنى  پات ئارىدا قايتۇردىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇ ئۈچ كۈندىن كىيىن ۋەدىسى بويىچە قەرز ئۆسۈمى، دەۋا ھەققى، ئىجرا قىلىش ھەققى بۇلۇپ 60مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇلنى ئۈرۈمچى يۇقىرى، يىڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر رايۇنلۇق( يىڭى شەھەر رايۇنلۇق) خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بانكا ھىساباتىغا يۆتكەپ بەردى.

    تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، جاڭ تاۋ دىلودىكى پۇلنى ئالىدىغان بولدى.






    مەنبە: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى ( خەنزۇچە نۇسخىسىدىن ئېلىندى)

    مەنبەسى :قانۇنچىلىق گېزىتى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك