• CCTVنىڭ شىنجاڭلىق داڭلىق رىياسەتچىسى لى يۇڭ ۋاپات بولدى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-10-29 11:38
  • CCTVنىڭ شىنجاڭلىق داڭلىق رىياسەتچىسى لى يۇڭ ۋاپات بولدى

    ئەلكۈيى سەنئەت قانىلى خەۋىرى: 29 - ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سابىق رېژىسسورى خاۋېن سىنا مىكرو بلوگىدا ، ئېرى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سابىق رىياسەتچىسى لى يۇڭنىڭ راك كېسىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكىدا ۋاپات بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى .

    خاۋېن مىكرو بلوگدا ئېلان قىلغان مەزمۇن تۆۋەندىكىچە : «ئامېرىكىدا 17 ئايلىق راكقا قارشى داۋالاشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كىيىن ، 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت 5:20 مىنۇت ئۆتكەندە سۆيگۈنۈمدىن ئايرىلدىم ...»

     مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سابىق رىياسەتچىسى لى يۇڭ 1968-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۈرۈمچىدە توغۇلغان بولۇپ ، دۆلىتىمىزدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن رىياسەتچى ، ئوقۇتقۇچى ، ئ‍ىلگىرى كۆپ قېتىم مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى چاغانلىق كېچىلىكىگە رىياسەتچىلىك قىلغان . ئۆزگىچە ئۇسلۇبى بىلەن ئىزچىل كىشىلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشىپ كەلگەن،كىشىلەرگە ئۇزۇن يىل كۈلكە ۋە مەنىۋى ئوزۇق ئاتا قىلغان بۇ رىياسەتچى 50 يېشىدا كېسەل سەۋەبى بىلەن قازا قىلدى.


    خاۋېننى نۇرغۇن كىشىلەر بەلكىم چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى ئارقىلىق تونۇغان بولىشى مۇمكىن، ئۇ بۇرۇن ئۈچ قېتىم مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق كېچىلىك باش رېژىسسورلۇقىغا تەيىنلەنگەن ، ئىسمى جىسمىغا لايىق كەسىپچان ئايال، خۇيزۇ ، شەندۇڭ چېڭداۋدا توغۇلغان ، بېيجىڭ رادىيو ئىنىستىتوتى مۇزىكا فاكولتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ بۇرۇن ئۆزىنىڭ كەسىپچان ئايال ئىكەنلىكىنى ، خىزمەت قىلىدىغان ئاياللارنىڭ ئەڭ گۈزەل بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

    ئۇ يولدىشى لى يۇڭ ئۈچۈن «ئالاھىدە+1» پروگراممىسىنى ئىشلەپ بەرگەن ، ئۇلار بىر كۈرۈپلا بىر بىرىگە ئاشىق بولغان بولۇپ ، توي قىلغىنىغا 20 يىل بولغان .

    تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى ، خاۋېن جاۋ بېنشەننى چاغانلىق كېچىلىك سەھنىسىدىن چۈشۈرىۋەتكەن باش رېژىسسور ،ئۇ تاماششىبىنلارنىڭ جاۋ بېنشەن ئىتوتلىرىغا ھەر يىلى چوڭ ئۈمىدلەرنى باغلايدىغانلىقىنى ، لىكىن ئىتوتلىرىنىڭ قىزىقارلىق ئەمەسلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ، ئۇنى ھارغىن ، كەيپىياتى ياخشى بولمىغاچقا چاغانلىق كېچىلىككە چىقالمايدۇ دەپ جاكارلىغان.


    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك