• «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل»ئۈرمچىدە تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-10-30 12:33
  • «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل»ئۈرمچىدە تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى

    چوڭ تىپتىكى ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىم «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى


      شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋەر قىلىدۇ: ئىككى يىلدىن بۇيان تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن شىنجاڭدا تۇنجى ئىشلەنگەن چوڭ تىپتىكى ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىم «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ، مەملىكەت خەلقىنى يەنە بىر گۈزەل ھېس-تۇيغۇغا چۆمۈلدۈردى. بۇ فىلىم ھەم فىلىمدىكى ئاساسلىق ئاكتىيورلار 10-ئاينىڭ 29-كۈنى 10-بېكەت ئۈرۈمچىدىكى بىر نەچچە داڭلىق كىنوخانىلاردا تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، 11-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىنوخانىلاردا رەسمىي قويۇلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. فىلىم گۈزەللىكى، بەدىئىيلىكى، رومانتىكلىقى بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىنى ناھايىتى نەپىس نامايان قىلىپ بەردى. 


      «ئانارخان»، «مېنىڭ بايرىقىم»، «ئۆرۈك گۈللىگەندە»، «شۇنداق بىر گۈل بار»....قاتارلىق بىرقىسىم تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ھەم كىنو-فىلىملەرنى ئىشلەپ، شىنجاڭدا ئىشلەنگەن كىنو فىلىملەرنىڭ مەملىكىتىمىزدىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ كىنوچىلىق ساھەسىگە زور تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان شىنجاڭ داسىن مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «ناخشا-ئۇسسۇل ماكانى»دىن ئىبارەت ئۆزگىچە ئارتۇقچىلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، يېڭىچە ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىم ئىشلەپ شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ، شىنجاڭغا ئالاھىدە مېھرى بار، شىنجاڭدا ئىشلەنگەن نۇرغۇن فىلىملەرنىڭ رېژىسسورلۇقىنى قىلغان بېيجىڭدىكى داڭلىق رېژىسسور يەن چىڭشيۇنى رېژسسورلۇققا تەكلىپ قىلىپ، 2016-يىلىدىن باشلاپ چوڭ تىپتىكى ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىم «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» فىلىمىنى سۈرەتكە ئېلىشنى باشلىغان. 



      فىلىمدە شىنجاڭنىڭ گۈزەل تاغ-دەريالىرى، تۆت پەسىلدىكى ئۆزگىچە مەنزىرىسى تولۇق نامايان قىلىنغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياشلىرىنىڭ زامانىۋى، خاتىرجەم، باي-باياشات تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگەن 40 يىلدىن بۇيانقى قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور نەتىجە ۋە تەرەققىياتلىرى ناھايىتى گەۋدىلىك ئىپادىلىنىپ، بۇ ئارقىلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكىلەرنىڭ شىنجاڭغا بولغان تونۇشىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى. ئىچكىردىكى تاماشىبىنلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ گۈزەل مەنزىرىلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ئارزۇسى تېخىدىنمۇ ئاشتى. ئىچكىردىكى تاماشىبىنلار فىلىمغا يۇقىرى باھا بېرىپ، _ شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى گۈزەل بولۇپلا قالماي، ناخشا-ئۇسسۇللىرى، قىز-يىگىتلىرىمۇ ئىنتايىن گۈزەلكەن، بۇ فىلىمدىن ناھايىتى زوقلاندۇق، ئىنتايىن ھۇزۇرلاندۇق، بۇ فىلىم مەملىكەت ساھەسىدىلا ئەمەس، خەلقئارادىمۇ ئالقىشلىنىشقا ئەرزىيدىغان ئېسىل فىلىم بوپتۇ،- دەپ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كېتىشتى. شىنجاڭلىق تاماشىبىنلار _ھىندىستاننىڭ ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىملىرىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرۈپ كۆرەتتۇق، شىنجاڭنىڭ ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىم ماكانى ئىكەنلىكىنى بۇ  فىلىمىنى كۆرۈپ ھەقىقىي ھېس قىلدۇق. بۇ فىلىم ھەر بىر كىشىگە زور مەنىۋى زوق ئاتا قىلغۇسى.


    جۇڭگونىڭ «زامانىۋى ئۇسسۇل پېشۋاسى» جىن شىڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ماكانى. جۇڭگودا ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىم ئىشلەشكە شىنجاڭدىنمۇ ئارتۇق نامزات يوق ئىدى، بۇ فىلىم جۇڭگو كىنوچىلىق ساھەسىدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇردى، شۇڭا فىلىم تۇنجى قويۇلۇشىدىلا مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا زور تەسىر قوزغىدى. بۇ فىلىم شىنجاڭنى تونۇتۇشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. 


    فىلىمنىڭ رېژسسورى يەن چيۇشيۇ تاماشىبىنلارغا مۇنداق دېدى: مەملىكەت خەلقىنىڭ ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىملەرگە بولغان ئىھتىياجى ئىنتايىن كۈچلۈك، خەلقىمىز ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىملەر پەقەت ھوللىۋود كىنو فىلىملىرىدىلا بار، دەپ ئويلايتتى. بۈگۈن تاماشىبىنلار ئۆز ئەتراپىدىكى گۈزەللىكنى ھوللىۋودنىڭ كىنولىرىدا كۆرگەندەك گۈزەل تۇيغۇغا ئىگە بولدى. بۇ فىلىم ئارقىلىق شىنجاڭدىكى زامانىۋى مەدەنىيەت، ياشلاردىكى ئىلغار ئىدىيە ناھايىتى روشەن ئىپادىلەندى، شۇڭا بۇ فىلىم پەقەت شىنجاڭ خەلقىنىلا ئۆزىگە جەلپ قىلىپ قالماستىن، پۈتكۈل مەملىكىتىمىزدە ناھايىتى ئالقىشلاندى.





     
         

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك