• ئاپتونوم رايون مۇقىملىق خىزمىتى ۋە قارا–رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاچتى

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-10-31 01:49
  • ئاپتونوم رايون مۇقىملىق خىزمىتى ۋە قارا–رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاچتى

    شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10–ئاينىڭ 29–كۈنى، ئاپتونوم رايون مۇقىملىق خىزمىتى ۋە قارا–رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش بىلەن قارا–رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشنى بىرلەشتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› مۇھىم نۇقتا قىلىنغان بارلىق قارا–رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

      ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي–قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۈن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

      يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەسىلىگە يۈزلىنىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قارا–رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى ھەقىقىي چىڭ، ياخشى تۇتۇپ، يىپ ئۇچىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قارا–رەزىل كۈچلەرنىڭ جىنايىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بايقاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، قارا–رەزىل كۈچلەرنىڭ ‹‹مۇھاپىزەت كۈنلۈكى››نى چوڭقۇر قېزىپ، تەلتۆكۈس تەكشۈرۈش كېرەك. قارا–رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى بىرلەشتۈرۈپ، قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن–ئاخىر ساقلاپ، ئاممىۋى خىزمەتنى چوڭقۇر، ئىنچىكە ياخشى ئىشلەپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇپ، خەلقنى تەربىيەلەپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش بىرىكمە مۇشتىنى ياخشى ئېتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ۋاسىتە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ تاماقتا، يېتىپ قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇش جەريانىدا ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىنلارنىڭ ئېجىل–ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

      يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي–قانۇن قوشۇنى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ‹‹بەشتە قاتتىق سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان بولۇش›› تەلىپى بويىچە، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، ساقچىلارنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خاتىرجەم بولىدىغان، خەلق ئاممىسى رازى بولىدىغان يېڭى دەۋر سىياسىي–قانۇن قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

    مەنبەسى :شىنجاڭ گېزىتى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك