• شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى سوغۇق ئېقىمدىن كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-11-02 12:49
  • شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى سوغۇق ئېقىمدىن كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى

    10-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 9 دا، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى سوغۇق ئېقىمدىن كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى، بوراندىن كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتقان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆپ قىسىم جايلاردا قار يېغىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىكەن.

      10-ئاينىڭ 31-كۈنى كېچىدىن 11-ئاينىڭ 1-كۈنى كۈندۈزگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، قىزىلسۇ ئوبلاستى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئازراق يامغۇر ياكى قار ياغىدىكەن، ئىلى ئوبلاستى، بورتالا ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، شىخەنزە شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى قاتارلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال ۋە قېلىن قار ياغىدىكەن، ئىلى ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى قىسمەن جايلاردا قاتتىق قار ياغىدىكەن. يۇقىرىدا ئېيتىلغان كۆپ قىسىم جايلاردا تېمپېراتۇرا 8 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن.

      11-ئاينىڭ 2-كۈنى كېچىدىن 11-ئاينىڭ 3-كۈنى كۈندۈزگىچە قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئازراق يامغۇر (تاغلىق رايونلاردا قار) ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، خوتەننىڭ غەربىي قىسمىدا ئوتتۇراھال يامغۇر ياكى قار ياغىدىكەن، بەزى جايلاردا قاتتىق قار ياغىدىكەن، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىدە 4~5 بال قىيپاش شەرق شامىلى چىقىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قۇم بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا 5 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن.

    مەنبەسى :ئىقتىساد گېزىتى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك