• شى جىنپىڭ ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-11-06 08:45
  • شى جىنپىڭ ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى

    شى جىنپىڭ مېھمان كۈتۈش زالىدا چەتئەل تەرەپ رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالدى، ئۇلار بىلەن بىرمۇ-بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەمدە كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى

     

    شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە باش مەقسەتتە سۆز قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشچان، سىغدۇرۇشچان ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشنى تەكىتلىدى، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش يېڭى تەدبىرلىرىنى جاكارلىدى، جۇڭگو شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونى يېڭى رايونىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىش، شاڭخەي ئاكسىيە بېرژىسىدا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تاختىسى تەسىس قىلىش ھەمدە رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمىنى سىناق قىلىش، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىنى قوللاش ھەمدە ئۇنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە كۆتۈرۈشنى جاكارلىدى.

    تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى شاڭخەيدە باشلاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە «يېڭىلىق يارىتىشچان، سىغدۇرۇشچان ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى بىرلىكتە بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا باش مەقسەتتە سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تارىخنى ئەسلەيدىغان بولساق، ئېچىۋېتىش-ھەمكارلىشىش خەلقئارا ئىقتىساد سودا پائالىيىتىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى؛ مەۋقەنى بۈگۈنگە قارىتىدىغان بولساق، ئېچىۋېتىش-ھەمكارلىشىش دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇشنىڭ رېئال تەلىپى؛ كەلگۈسىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئېچىۋېتىش-ھەمكارلىشىش ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىنىڭ دەۋر تەلىپى. ھەر قايسى دۆلەتلەر ئېچىۋېتىش-ھەمكارلىشىشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كېلەچىكىنى يارىتىشى كېرەك. جۇڭگونىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش قەدىمى توختاپ قالمايدۇ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش قەدىمى توختاپ قالمايدۇ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش قەدىمى توختاپ قالمايدۇ.

    11-ئاينىڭ باشلىرىدىكى شاڭخەيدە، ھاۋا ناھايىتى ياخشى بولۇپ، كۈزنىڭ ھىدى كېلىپ تۇراتتى. شاڭخەي دۆلەتلىك كۆرگەزمە مەركىزىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ ئاساسلىق مەيدانىدا، ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن مېھمانلار بىر يەرگە جەم بولدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەنلەردە، شى جىنپىڭ چېخ زۇڭتۇڭى زېمان، دومىنىكا زۇڭتۇڭى مېدىنا، سالۋادور زۇڭتۇڭى سانچىس، كېنىيە زۇڭتۇڭى كېنياتا، لىتۋا زۇڭتۇڭى گىرباسكېيت، كىرودىيە زۇڭلىسى پۇليەنكوۋىچ، مىسىر زۇڭلىسى مادبۇلى، گىرۇزىيە زۇڭلىسى باختادزې، ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى ئوربان، لائوس زۇڭلىسى توڭلۇن، مالتا زۇڭلىسى مۇسكات، پاكىستان زۇڭلىسى ئىمرانخان، رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېف، ۋىيېتنام زۇڭلسى رۇەن چۈنفۇ، ئەنگلىيە يورك كىنەزى شاھزادە ئاندرېۋ، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى لاگارد، دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى كىم يۇڭ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئازىۋېدو قاتارلىق چەتئەل تەرەپ رەھبەرلىرى بىلەن بىللە يىغىن مەيدانىغا كىرىپ كەلدى.

    قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شى جىنپىڭ باش مەقسەتلىك نۇتۇق سۆزلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى-ھازىرغىچە دۇنيادىكى ئىمپورت باش تېما قىلىنغان تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك كۆرگەزمە، خەلقئارانىڭ سودا تەرەققىيات تارىخىدىكى بىر چوڭ ئىجادىيەت. بۇ-جۇڭگونىڭ كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداش، ئەركىن سودىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئىزچىل مەيدانىنى گەۋدىلەندۈرگەن بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇشنى قوللاشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتى.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيا يېڭى بىر نۆۋەتلىك چوڭ تەرەققىيات، چوڭ ئۆزگىرىش، چوڭ تەڭشىلىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە. ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇش-مۇقەررەر تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشكە ئايلاندى. دۇنيا ئىقتىساد ئەندىزىسىدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىش ئالدىدا، ھەر قايسى دۆلەتلەر تېخىمۇ كۈچلۈك جاسارىتىنى نامايان قىلىپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

    شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاسارەت بىلەن تېرىشىپ ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆزىنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ھەم قان-تەرىگە تايىنىپ دۆلەت ۋە مىللەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ شانلىق داستانىنى يېزىپ چىقتى. جۇڭگو ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ قۇرۇلۇش قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ. ئېچىۋېتىش-زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ روشەن بەلگىسىگە ئايلاندى. جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش ئارقىلىق، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۇنياغىمۇ بەخت ئاتا قىلدى. جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش دەرۋازىسى تاقىلىپ قالماستىن، بەلكى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدۇ.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىشتىن ئىبارەت ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويىدۇ، باشتىن-ئاخىر يەر شارىنى بىرلىكتە ئېچىۋېتىشنىڭ مۇھىم تۈرتكۈچىسى، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇقىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ سودا پۇرسىتىنى كېڭەيتىشىنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان بازىرى، يەر شارىنى تەرتىپكە سېلىش ئىسلاھاتىنىڭ ئاكتىپ تۆھپە قوشقۇچىسى بولىدۇ. ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن، جۇڭگو مۇنداق بىر نەچچە جەھەتتىن تۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىدۇ:

    بىرىنچى، ئىمپورتنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتىدۇ. جۇڭگو ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ئىستېمال ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستېمالنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، دۆلەت ئىچى بازىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى داۋاملىق قويۇۋېتىپ، ئىمپورت بوشلۇقىنى كېڭەيتىدۇ؛ تاموژنا بېجىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىمپورت ھالقىلىرىنىڭ تۈزۈم خاراكتېرلىك تەننەرخىنى ئازايتىپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالەتلىرى، يېڭى ئەندىزىلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىدۇ. جۇڭگو بازىرىنى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە ھەقىقىي ئېچىۋېتىدۇ، بىز جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى ھەر يىلى ئۆتكۈزۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە يۇقىرى سەۋىيە ھەم يۇقىرى ئۈنۈمنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بارغانسېرى ياخشى قىلىمىز.

    ئىككىنچى، جۇڭگو بازار ئىجازىتىنى داۋاملىق بوشىتىدۇ. جۇڭگو چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش ئىجازىتىدىكى سەلبىي تىزىملىكنى ئىخچاملاپ، مەبلەغ سېلىش چەكلىمىسىنى ئازايتىپ، مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ؛ پۇل مۇئامىلىنى ئېچىۋېتىشنى مۇقىم كېڭەيتىپ، مۇلازىمەتچىلىكنى ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، كانچىلىق، ياسىمىچىلىقنى ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېلېگراف، مائارىپ، داۋالىنىش، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەرنى ئېچىۋېتىش مۇساپىسىنى تېزلىتىدۇ.

    ئۈچىنچى، جۇڭگو خەلقئارانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى تىجارەت، سودا مۇھىتى بەرپا قىلىدۇ. جۇڭگو چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش بەلگىلىمىسىنى تېزدىن چىقىرىپ، ئاشكارا، ئېنىق بولغان چەتئەلگە ئالاقىدار قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجازەتنى يولغا قويۇشتىن بۇرۇن پۇقرالىق تەمىناتىغا سەلبىي تىزىملىك قوشۇشنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ؛ جۇڭگو تەۋەسىدە رويخەتكە ئالدۇرغان تۈرلۈك كارخانىلارغا ئوخشاش كۆزدە قاراپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىدۇ؛ چەتئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداپ، چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتى، بولۇپمۇ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە قەتئىي جازالاپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى تەكشۈرۈش سۈپىتى ۋە تەكشۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، جازا خاراكتېرلىك تۆلەم تۈزۈمىنى كىرگۈزىدۇ.

    تۆتىنچى، جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى يۈكسەكلىكىنى بەرپا قىلىدۇ. جۇڭگو ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنىڭ ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللايدۇ، خەينەننىڭ قەدەم-باسقۇچ بويىچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇش سىياسىتى ۋە تۈزۈم سىستېمىسىنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ ۋە ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورت قۇرۇش مۇساپىسىنى تېزلىتىدۇ.

    بەشىنچى، كۆپ تەرەپلىك ۋە قوش تەرەپلىك ھەمكارلىقنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىنى قەتئىي قوغداش، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى زۆرۈر ئىسلاھ قىلىشنى قوللاش، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى بىرلىكتە قوغداشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلدى. جۇڭگو رايوندىكى ئومۇميۈزلۈك ئىقتىساد شىرېكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنى بالدۇرراق ھاسىل قىلىپ، جۇڭگو-ياۋروپا سېلىنما كېلىشىمى سۆھبىتىنى تېزدىن ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە ئەركىن سودا رايونى سۆھبىتىنىڭ مۇساپىسىنى تېزلىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو 2018-يىللىق جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «سەككىز چوڭ ھەرىكەت»نى ئەستايىدىل يولغا قويىدۇ، 20 دۆلەت گۇرۇھى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن ئەللىرى قاتارلىق مېخانىزملارنىڭ رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو بىر بەلباغ بىر يولنى تەڭ قۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدۇ، تەڭ مەسلىھەت قىلىش، تەڭ قۇرۇش، تەڭ بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرىدۇ، يەرشارىنى ئېچىۋېتىش-ھەمكارلىشىشنىڭ خەلقئارا سەھنىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتىدۇ. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىش، ساغلام بولۇش، مۇقىم بولۇشتەك ئاساسى تەرىپى ئۆزگەرمىدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرى شارائىتى ئۆزگەرمىدى، ئۇزاق مۇددەت مۇقىم ياخشىلىنىشتەك ئومۇمىي يۈزلىنىشى ئۆزگەرمىدى. جۇڭگو ئىقتىسادنىڭ ئۇزاق مۇددەت ساغلام مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ساقلايدىغان نۇرغۇن پايدىلىق شارائىتلارغا ئىگە. بىز ئىلگىرىلەش داۋامىدا يولۇققان مەسىلىلەرنى پائال تەدبىر قوللىنىپ ھەل قىلىمىز. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بىز ئىستراتېگىيەلىك كۈچنى ساقلاپ، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەۋجۇت بولۇۋاتقان گەۋدىلىك زىددىيەتلەر ۋە مەسىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلساق جۇڭگو ئىقتىسادى چوقۇم تېز سۈرئەتتە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىش يولىغا كىرىدۇ، جۇڭگو خەلقى ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق قىيىنچىلىق ۋە خىرىسنى چوقۇم يېڭىدۇ، جۇڭگو چوقۇم تېخىمۇ پارلاق تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە بولىدۇ.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى جاكارلىدى: شاڭخەي قاتارلىق رايونلارنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش داۋامىدىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگو شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يېڭى رايونىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىشنى؛ شاڭخەي ئاكسىيا بېرژىسىدا پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تاختىسى تەسىس قىلىشنى ھەمدە رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمىنى سىناق قىلىشنى؛ چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش تەرەققىياتىنى قوللاپ، بۇنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشنى قارار قىلدۇق.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى جۇڭگوغىلا تەۋە بولماستىن ھەر قايسى ئەللەرگىمۇ تەۋە. مېھمانلارنىڭ يەرشارى ئىقتىسادىنى تەرتىپكە سېلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنىڭ يېڭى تەپەككۇرىنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، ئەركىن سودا ۋ كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى بىرلىكتە قوغداپ، يېڭىلىق يارىتىشچان، سىغدۇرۇشچان، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش نىشانىغا قاراپ بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    شى جىنپىڭ نۇتۇق سۆزلىگەندە نەق مەيداندا كۆپ قېتىم قىزغىن چاۋاك ساداسى ياڭرىدى.

    باشلىنىش مۇراسىمىدا، قىسمەن ئەللەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ئايرىم ئايرىم سۆز قىلدى. ئۇلار جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشتىكى زور نەتىجىلىرىگە ئاپىرىن ئېيتىپ، جۇڭگو ئىقتىسادى تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىگە ئېرىشىدۇ، دەپ ھېسابلاشتى. ئۇلار مۇنداق دېيىشتى: ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈش جۇڭگونىڭ ئىشىكنى تېخىمۇ ئېچىۋېتىش، يەرشارى سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش سەمىمىيىتىنى نامايەن قىلىپ، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتىغا پايدا يەتكۈزىدۇ. ھەر قايسى تەرەپلەر جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو بىلەن بولغان قوش تەرەپلىك سودىنى كېڭەيتىپ، ئىقتىسادنى يەرشارىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىدۇ.

    باشلىنىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ مېھمان كۈتۈش زالىدا چەتئەل تەرەپ رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالدى، ئۇلار بىلەن بىرمۇ-بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەمدە كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى.

    خۇڭچاۋ خەلقئارا ئىقتىساد-سودا مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىمۇ تەڭ ئۆتكۈزۈلدى.

    خۇ چۈنخۇا ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    مەنبەسى :شىنخۇا تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك