• ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگونىڭ سېھرىي كۈچى چەكسىز

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-11-06 08:27
  • ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگونىڭ سېھرىي كۈچى چەكسىز

    خۇڭچياۋ خەلقئارا ئىقتىساد - سودا مۇنبىرىنىڭ سودا ۋە يېڭىلىق يارىتىش پاراللېل مۇنبىرى 11-ئاينىڭ 5 -كۈنى چۈشتىن كېيىن شاڭخەيدىكى دۆلەتلىك كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. كۆپلىگەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ، كارخانىچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ ، سودا ۋە يېڭىلىق يارىتىش دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە قىلدى . يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلار يېڭى سۆزلەرنى كۆپ قىلدى ، نەق مەيداندا ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى . سودا ۋە يېڭىلىق يارىتىش دېگەن سۆزدىن باشقا ، جۇڭگومۇ كۆپ تىلغا ئېلىنىپ ، كۆپچىلىكنىڭ سودا ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا ئىنتىلىشى ھەمدە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا بولغان قەتئىي ئىشەنچىسى نامايان قىلىندى .

    جۇڭگو ھەم سودا چوڭ دۆلىتى ھەم يېڭىلىق يارىتىش چوڭ دۆلىتى . ئەلى بابا گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى ما يۈن مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىشى جۇڭگو ۋە دۇنيا ئۈچۈن ئېيتقاندا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ يېڭى بىر تارىخىي باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ ، دۇنيا بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشىدۇ. 

    ما يۈن يەنە دۇنيادىكى كارخانىلارنى تەكلىپ قىلىپ مۇنداق دېدى : جۇڭگو بازىرى غايەت زور پۇرسەت ، لېكىن بۇ يەردە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئاسان ئەمەس؛ نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىشقا ، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشقا ، كارخانىچىلار ھەرىكەت قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ. بىراق مېنىڭچە كۆپچىلىك چوقۇم جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىشى كېرەك ، بۇنداق كارخانىلار كەلگۈسىدە چوقۇم ياخشى تەرەققىي قىلىدۇ. 

    جۇڭگو بازىرىنى ئېچىۋېتىشتە قانچىلىك سېھرىي كۈچ بار؟ تېررا پوۋېر شىركىتىنىڭ رەئىسى بىل گايتىس مۇنداق دېدى : مەن ھەر قېتىم جۇڭگوغا كەلسەم ناھايىتى خۇشال بولىمەن .مەن 25 يىل ئىلگىرى تۇنجى قېتىم جۇڭگوغا كەلگەن ئىدىم ، جۇڭگونىڭ بۇ 25 يىللىق تەرەققىياتى جۇڭگو بازىرىنى ئېچىۋېتىشنىڭ پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادىغا زور تەرەققىيات بوشلۇقى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى نامايەن قىلدى . جۇڭگو خەلقئارا سودا ئارقىلىق دۇنيانى ئۆزگەرتتى، جۇڭگونىڭ ئېغىر نامراتلىق نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى ، دۆلەتنىڭ تەسىر كۈچى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۈندىن - كۈنگە كۈچەيدى. 

    بېيجىڭ داشۆسى يېڭى قۇرۇلما ئىقتىسادشۇناسلىقى تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى لىن يىفۇنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالىغا قارىتا ئوخشاشلا ئىشەنچىسى چىڭىدى . ئۇ مۇنداق دېدى : مېنىڭچە ئىجتىمائىي تەرەققىيات جەريانىدا مۇنداق ئىككى نۇقتا ناھايىتى مۇھىم . 
    بىرىنچى ، بازار . بازار رىقابەتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ما يۈنغا ئوخشاش كارخانىچىلارغا پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ ، ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىدۇ ، شۇنداقلا دۆلەتنى تېخىمۇ تەرتىپكە ئىگە قىلىدۇ ، نىسبى ئەۋزەللىككە ئىگە ساھەلەرنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، يەر شارىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ . 

    ئىككىنچى، بىر ئىقتىدارلىق ھۆكۈمەتنىڭ بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاش، ئادەم كۈچى بايلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ھەممىسىنى ھۆكۈمەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ . جۇڭگودا يۇقىرى ئۈنۈملۈك بازار ۋە ئىقتىدارلىق ھۆكۈمەتنىڭ بولۇشى بىر خىل ناھايىتى ياخشى بىرىكىش ھېسابلىنىدۇ.

    مەنبەسى :شىنخۇا تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك