• يۇقىرى باھادا چولپانلارنى تەكلىپ قىلىش، بەسلىشىش يامان ئالامەتلىرىنى قەتئىي تۈزىتىش تەلەپ قىلىندى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-11-12 01:09
  • يۇقىرى باھادا چولپانلارنى تەكلىپ قىلىش، بەسلىشىش يامان ئالامەتلىرىنى قەتئىي تۈزىتىش تەلەپ قىلىندى

    يېقىندا دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يۇقىرى باھادا چولپانلارنى تەكلىپ قىلىش، بەسلىشىش يامان ئالامەتلىرىنى قەتئىي تۈزىتىشنى تەلەپ قىلدى.

    دۆلەتلىك رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى تور بېكىتى "رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە تور كۆرۈش، ئاڭلاش ئەدەبىيات سەنئەت پىروگراممىلىرىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش"نى ئېلان قىلىپ، مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەرقايسى تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ سۈنئىي ھەمراغا چىقىرىلغان ئۇنىۋېرسال قاناللىرى سائەت 19 يېرىمدىن 22 يېرىمغىچە بولغان ئارىلىقتا بېرىلىدىغان ئۇنىۋېرسال سەنئەت پىروگراممىلىرى ئالدىن باش ئىدارىغا--قاتنىشىدىغان مېھمانلارنىڭ ئىسىملىكى، بېرىلىدىغان ھەق، تەننەرخنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى مەلۇم قىلىشى، ھەر بىر پروگراممىدا بارلىق مىھمانلارغا بېرىلىدىغان پىروگرامما ئىشلەش ھەققى پىروگرامما ئومۇمىي تەننەرخىنىڭ %40 دىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئاساسلىق مېھماننىڭ پىروگرامما ئىشلەش ھەققىنىڭ پىروگرامما ئىشلەشكە قاتناشقان مېھمانلار ئومۇمىي ئىش ھەققىنىڭ %70دىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، تور ئۇنىۋېرسال سەنئەت پىروگراممىلىرى ۋە يەر يۈزى تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال سەنئەت پروگراممىلىرىمۇ يۇقىرىقى بۇيرۇققا ئەمەل قىلىشى كېرەك.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك