• پىيانىنو ئۈستىدىكى بۇئالاھىدە قول تاماشىبىنلارنى ھەيران قالدۇردى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-11-21 01:17
  • پىيانىنو ئۈستىدىكى بۇئالاھىدە قول تاماشىبىنلارنى ھەيران قالدۇردى

    مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «كەلگۈسى ئۈچۈن غەيرەت قىلايلى» ناملىق چوڭ تىپتىكى پەن-تېخنىكا تەجرىبە پىروگراممىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە مۇنداق ئالاھىدە تەجرىبە خادىمى كەلدى، ئۇ دەل لىن ئەنلۇ. چېھرىدە كۈلكە جىلۋىلىنىپ تۇرىدىغان بۇ قىز قولى بىلەن پىروگرامما رىياسەتچىسى سا بېينىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە نەق مەيداندىكى بارلىق كىشىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن چاۋاك چالدى، سا بېينىڭنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا ئۇ ئالاھىدە قول كۆرۈشۈشنى تاماملىدى.

    كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردىغىنى، ئەنلۇ تەكلىپلىك مېھمان لاڭ لاڭ بىلەن بىرلىكتە پىيانىنو مۇزىكىسى ئورۇندىدى. ئۇلار بىرلىكتە ئورۇندىغان بۇ مۇزىكا تولىمۇ گۈزەل، مۇزىكا ئورۇندىلىۋاتقان شۇ دەقىقە تولىمۇ تەسىرلىك بولۇپ، مەيداندىكى تاماشىبىنلار توختىماي چاۋاك چالاتتى، ئۇنداقتا زادى نېمە تاماشىبىنلارنى شۇنچە تەسىرلەندۈردى؟ بۇنى ۋىدېيودىن كۆرۈڭ.

    ئەنلۇ ئىككى ياش ۋاقتىدا ئۇقۇشماستىن كەپسىزلىك قىلىپ ئوڭ قولىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىدۇ، بۇ ئەھۋال كىچىكىدىنلا مۇزىكىغا ئىشتىياق باغلىغان ئەنلۇغا نىسبەتەن زور زەربە بولىدۇ ئەلۋەتتە. لېكىن ئۇ ئەزەلدىن ۋاز كېچىشنى ئويلىمىدى، ئۇ پىيانىنو چالغۇسى كەلگەندە سول قولىدا چالاتتى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىككى قولى بىلەن پىيانىنو چېلىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى، تاكى ئەقلى ئىقتىدارلىق سۈنئىي قولنىڭ پەيدا بولۇشى ئۇنىڭ پىيانىنو چېلىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا زور مەدەت بولدى.

    ئەقلى ئىقتىدارلىق سۈنئىي قولنىڭ ئىشلىتىشى مېڭە ۋە مۇسكۇل ئارىسىدا ئۆزىگە خاس تىل سىستېمىسى قۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ، لىن ئەنلۇغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇنىڭ ئوڭ قولىنىڭ تۇغما مۇسكۇل خاتىرىسى ئاساسەن يوق ئىدى، شۇڭا لىن ئەنلۇ 22 ياشتا ئاندىن بۇ ئەقلى ئىقتىدارلىق سۈنئىي قولنى تاقىغاچقا، يېرىم يىلدا بۇ قولغا ماسلىشىش ئۈچۈن ئۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، تەسەۋۋۇر قىلىش تەس بولغان ئاغرىققا بەرداشلىق بەردى، بەدىنىنىڭ بۇ ئەقلى ئىقتىدارلىق سۈنئىي قولغا ماسلىشىشى ئۈچۈنلا ئەنلۇ يۇقىرىدا ئېيتقاندەك زور جاپالارنى تارتتى، ئەلۋەتتە كېيىنكى باسقۇچتا تېخىمۇ قىيىن بولغان قەدەمنى يەنى بۇ ئەقلى ئىقتىدارلىق سۈنئىي قول بىلەن پىكىر قىلىشنى تاماملىمىسا بولمايتتى. 


    قەيسەر ئىرادىسى، ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى كۈچلۈك ئىستىكى شۇنداقلا تەتقىقات ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن لىن ئەنلۇ يېرىم يىلدا كۈندە مەشىق قىلىش ئارقىلىق بەدىنىنىڭ بۇ ئەقلى ئىقتىدارلىق سۈنئىي قولغا ماسلىشىش نىسبىتى %70 كە يەتتى. سا بېينىڭ ئۇنىڭدىن: ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلغان مۇزىكىنى چالالايدىغان بولدىڭىزمۇ دەپ سورىغاندا، لىن ئەنلۇ ئىشەنچ بىلەن شۇنداق دېگەن ۋاقتىدا ئۇنىڭ چېھرىدە جىلۋىلەنگىنى ئۆزىدىن پەخىرلىنىش ھېسسىياتى شۇنداقلا بەخت تۇيغۇسى بولدى. 

    مۇزىكا ئورۇندىلىپ بولغاندا لاڭ لاڭ : بۇ مېنى ئەڭ تەسىرلەندۈرگەن بىرلىكتە پىيانىنو ئورۇنداش بولدى دېدى. 



    يارايسىز لىن ئەنلۇ!
    سا بېينىڭ ئېيتقاندەك ئىلىم-پەننىڭ كۈچى بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدىنمۇ ھالقىپ كەتكەن بولۇپ، كەلگۈسىدە بىز ئويلاپ باقمىغان ئېھتىماللىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئىشىنىمىزكى، كەلگۈسىدە ئىنسانلارنىڭ ئەقىل ئىدراكى بىلەن مېخانىكىنىڭ بىرلىشىشى تېخىمۇ كۆپ لىن ئەنلۇغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.


    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك