• پۇل تاپشۇرغۇچى: شى جىنپىڭ

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-11-21 01:35
  • پۇل تاپشۇرغۇچى: شى جىنپىڭ

    بۇ بىر ئاددىيغىنە پۇل تاپشۇرۇش ئىسچوتى. ئۇنىڭدىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ   باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇش، ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىش روھى ئەكس ئەتكەن بولۇپ، ئۇ پۈتۈن پارتىيەگە ئۈلگە تىكلەپ بېرىدۇ، پارتىيەمىزنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىغا باشتىن-ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بىلەن قارىغانلىقى ۋە ئۇنى ياخشى تۇتۇپ كەلگەنلىكىنى، ئىنتىزام ۋە قائىدىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە خۇنۈكلۈكنى تازىلاپ ساپلىقنى ئەۋج ئالدۇرغانلىقىدەك ئىستىل ئۆزگىرىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
    2018-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى، خېنەن گېزىتى يانفون ئەپ دېتالىنىڭ ئالاھىدە  ئەۋەتىلگەن مۇخبىرى بېيجىڭ دۆلەت مۇزېيىغا زىيارەتكە كېلىدۇ.
    شۇ كۈنى بۇ يەردە «ئۇلۇغ ئۆزگىرىش-ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانىدى. نۇرغۇنلىغان تاماشىبىنلارنىڭ دىققەت نەزىرى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان سان-ساناقسىز كۆرگەزمە بۇيۇملىرى ئارىسىدىكى بىر كۆرگەزمە بۇيۇمىغا چىڭ باغلىنىپ قالغان بولۇپ، ھەممەيلەن يانفونلىرىنى چىقىرىشىپ بۇ كۆرگەزمە بۇيۇمىنى بەس-بەستە سۈرەتكە تارتىشىۋاتاتتى.
    بۇ كۆرگەزمە ئىشكاپى ئىچىگە قويۇلغىنى بىر پارچە ھۆججەت ئىدى. مۇخبىر سىنچىلاپ قارىسا، بۇ ئەسلىدە بىر پۇل تاپشۇرغانلىق ئىسچوتى ئىكەن. ئىسچوت ئۈستىگە «خېنەن ئۆلكىسى مەمۇرىيەت ۋە كەسپىي ئىشلار بويىچە ھەق تاپشۇرۇۋېلىش فوند مەخسۇس ئىسچوتى» دېگەن خەتلەر بېسىلغان، «پۇل تاپشۇرغۇچى» دېگەن كاتەكچىگە ئېنىق قىلىپ «شى جىنپىڭ» دەپ يېزىلغانىكەن.

    ھە، ئەسلىدە بۇ باش شۇجىنىڭ لەنكاۋنى كۆزدىن كەچۈرگەن چاغدىكى تاماق پۇلى ھۆججىتى ئىكەن ئەمەسمۇ. ئىسچوتنىڭ چىقىرىپ بېرىلگەن ۋاقتى 2014-يىل 3-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىدى. ئۇ چاغدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەت بويىچە قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان ئىككىنچى تۈركۈملۈك پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنى تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئالاقە باغلاش نۇقتىسى بولغان لەنكاۋ ناھىيەسىگە كەلگەن ھەمدە ناھىيەلىك پارتكوم بەنزىسىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا يېتەكچىلىك قىلغان ئىدى. باش شۇجى ئەينى چاغدا تاماقنى جياۋ يۈلۇ كادىرلار ئىنستىتۇتىنىڭ ئاشخانىسىدىن يېگەن بولۇپ، ئۇ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى كەسكىن ئىجرا قىلىپ، ئەينى چاغدىكى خىراجەت ئۆلچىمى ۋە غىزالىنىش قېتىم سانى بويىچە تاماق پۇلى تاپشۇرغان بولۇپ، ئۇ جەمئىي 160 يۈەن تاپشۇرغانىكەن.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ شۇ چاغدا بەرگەن خەۋىرىدىن قارىغاندا، باش شۇجى 2014-يىل 3-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا، جياۋ يۈلۇ كادىرلار ئىنستىتۇتى ئاشخانىسىنىڭ 2-قەۋىتىگە كەلگەن ھەمدە كۆپچىلىك بىلەن بىرگە ئاددىيغىنە يۇمىلاق تاماق ئۈستىلىنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ غىزالانغان. ھەر بىر ئۈستەلگە چوڭ تەخسىلىك تۆت خىل قورۇما بىر قاچا شورپا، ئاساسلىق تاماققا گۈرۈچ ئېشى ۋە سۇيۇقئاش قويۇلغان. باش شۇجى غىزالانغاچ كۆپچىلىك بىلەن پاراڭلاشقان. تاماق ئاددىي بولسىمۇ، ئەمما كەيپىيات تولىمۇ قىزغىن ئۆتكەن.
    بۇ كۆرگەزمە ئىشكاپى غايەت زور تارىخىي ئۆزگىرىش تېمىسىدىكى كۆرگەزمە رايونىنىڭ «ئىسلاھات ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئومۇميۈزلۈك سىلجىتىش» تېمىلىق 9-بۆلىكىگە قويۇلغانىدى. بۇ بىر ئاددىيغىنە پۇل تاپشۇرۇش ئىسچوتى. ئۇنىڭدىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ   باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇش، ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىش روھى ئەكس ئەتكەن بولۇپ، ئۇ پۈتۈن پارتىيەگە ئۈلگە تىكلەپ بېرىدۇ، پارتىيەمىزنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىغا باشتىن-ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بىلەن قارىغانلىقى ۋە ئۇنى ياخشى تۇتۇپ كەلگەنلىكىنى، ئىنتىزام ۋە قائىدىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە خۇنۈكلۈكنى تازىلاپ ساپلىقنى ئەۋج ئالدۇرغانلىقىدەك ئىستىل ئۆزگىرىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

    مەنبەسى :uycnr




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك