• ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯽ ﻗﺎﻳﺴﯽ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭﻧﯽ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﻪﺭﺩﯼ

  • يوللىغۇچى : دىلمۇرات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-11-21 01:34
  • ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯽ ﻗﺎﻳﺴﯽ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭﻧﯽ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﻪﺭﺩﯼ

    «ﺋﻪﺩﻟﯩﻴﻪ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯽ»ﺩﯨﻦ «ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯽ»ﻏﯩﭽﻪ  ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯽ ﻗﺎﻳﺴﯽ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭﻧﯽ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﻪﺭﺩﯼ
     
    9 ــ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 22 ــ ﻛﯜﻧﯽ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ، 470 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﯘﻧﺠﯽ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﺵ «ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯽ»ﻏﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯽ. «ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯽ» 16 ﻳﯩﻞ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﻪﺩﻟﯩﻴﻪ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﯽ ﺋﺎﻟﺪﯼ. ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﻐﺎ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﯩﻨﯽ ﭼﯩﯖﯩﺘﯩﺶ، ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﻨﯽ ﺋﯩﻜﻜﯽ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻘﺎ ﺑﯚﻟﯜﺵ، ﭘﻪﻥ ــ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﻨﯽ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ... «ﺋﻪﺩﻟﯩﻴﻪ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯽ»ﺩﯨﻦ «ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯽ»ﻏﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮﻗﺎﺗﺎﺭ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻣﻠﻪﻧﮕﻪﻥ.

    ﺗﯘﻧﺠﯽ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮﺗﯘﺗﺎﺵ «ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯽ»ﻧﯩﯔ ﺋﻮﺑﻴﯧﻜﺘﯩﭗ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯽ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ؟
    ﺗﯘﻧﺠﯽ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮﺗﯘﺗﺎﺵ «ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻻﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ» ﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯼ ﺑﺎﺭ؟ 
    ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﻣﯩﺪﺍ ﭼﯧﻘﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﻳﺴﯽ «ﻳﯘﻗﯩﺮﯼ ﺑﯧﺴﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﻮﻙ ﺳﯩﻤﯽ» ﺑﺎﺭ؟

     
    ﺗﯘﻧﺠﯽ «ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻻﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ»
    ــــ «ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯽ»ﻧﯩﯔ ﭘﻪﻥ ــ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﻨﯽ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ

    ﺟﯘﯕﭽﻴﯘ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﯩﻠﯩﻖ ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﯽ ﻛﯜﻧﯽ 7 ﺩﯨﻦ 20 ﻣﯩﻨﯘﺕ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﯽ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﺳﻮﺩﺍ ﺩﺍﺷﯚﺳﯽ ﺟﯩﺸﯩﯔ ﺑﯩﻨﺎﺳﯽ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺩﻩﺭﻩﺥ ﺳﺎﻳﯩﺴﯩﺪﺍ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻝ ﻛﯚﺭﯛﭖ، ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﯽ ﺩﻩﻣﻠﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﺷﻨﯽ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻧﯩﺪﯼ.

    ـــ ﺋﺎﯕﻠﯩﺴﺎﻡ، ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﯽ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﻨﯽ ﺑﻪﻙ ﭼﯩﯔ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ﺩﻩﻳﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﻣﯘ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯽ، ﺷﯘﻧﺪﯨﻼ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ـــ ﺩﯦﺪﯼ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﺎﺩﯞﻭﻛﺎﺗﺨﺎﻧﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﺎﺩﯞﻭﻛﺎﺕ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﭽﯩﺴﯽ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﺟﻴﺎﯞ ﻳﯩﻠﯘﻥ.

    ﺋﯘ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﭘﻪﻥ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﯽ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﭗ، ﻳﯧﯖﯩﺒﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ، ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ، ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﯜﻟﯜﻙ ﮬﻮﻗﯘﻗﯽ ﺋﺎﺩﯞﻭﻛﺎﺗﯽ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﯽ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﭘﯜﻛﻜﻪﻧﯩﺪﯼ.

    ﻳﺎﯓ ﺷﯚﻓﺎﯓ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﺧﯩﻤﯩﻴﻪ ﺳﺎﻧﺎﺋﯩﺘﯽ ﺩﺍﺷﯚﺳﯽ 4 ــ ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﯽ، ﺋﯘ «ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯽ»ﻏﺎ ﺑﯘ ﻳﯩﻞ 2 ــ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪﯼ، ﺋﯘ:
    ـــ «ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯽ»ﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ، ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯽ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﻤﻪﻥ، ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﻩ ﺑﯘ ﺳﺎﮬﻪﺩﻩ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ، ـــ ﺩﯦﺪﯼ ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ﺑﯩﻠﻪﻥ.

    ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﺷﻪﮬﯩﺮﯼ ﺷﯩﭽﯧﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺩﺍﺷﯚﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﺍ، ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﺑﻪﺭﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﺎﺗﺘﯽ، ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯽ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﻐﺎ ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﯽ، ﺗﯧﺨﻨﯩﻚ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﻛﯚﺯ ﻗﯘﻻﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﺎﺗﺘﯽ.

    ﺗﯘﻧﺠﯽ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ «ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯽ»ﻧﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻞ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﯽ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﯽ ﺩﻩﻝ ﺋﻮﺑﻴﯧﻜﺘﯩﭗ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﺩﺍ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯩﺪﯼ. ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺧﻮﺟﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﺷﻘﺎﺭﻣﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮﯼ ﻳﺎﯞ ﺟﯜﻥ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﯼ:
    ـــ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﯕﯘﺷﻠﯘﻕ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﺸﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﯩﻜﻜﯽ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﺪﯨﻜﯽ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﻨﯽ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ــ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻜﯽ ﯞﻩ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ، ﻳﻪﻧﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﯽ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﻨﯽ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﭖ، ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﯽ ﯞﻩ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ.

    ﺋﻪﺩﻟﯩﻴﻪ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﯼ ﺟﻴﺎﯞ ﺩﺍﭼﯧﯔ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﯼ:
    ـــ «ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻻﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ» ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﭘﯩﺸﻘﺎﻥ، ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻜﯽ ﻳﯘﻗﯩﺮﯼ، ﻳﯧﺸﯩﻞ، ﺗﯧﺠﻪﺷﭽﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﯞﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﯜﻧﯜﻣﯩﻨﯽ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﭖ، ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﯩﻨﯽ ﺗﯧﺠﻪﭖ، ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﻨﯽ ﻗﯧﻠﯩﭙﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﺑﻪﺭﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﯩﻐﺎ ﻗﻮﻻﻳﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ، ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﺑﻴﯧﻜﺘﯩﭗ، ﺋﺎﺩﯨﻞ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﯽ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯨﺪﯗ.

    ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﯽ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﺮﯼ ﯞﻩ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻠﯩﺮﯼ ﺗﯘﻧﺠﯽ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ «ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯽ»ﻧﯽ ﻳﺎﺧﺸﯽ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﺌﺎﻻ ﻛﯚﭖ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻪﻗﻠﯩﺪﯨﻲ ﻣﻪﺷﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﻣﻪﺷﯩﻖ ﺗﯜﺭﯼ: ﺗﻮﻙ ﻛﺎﭘﺎﻟﯩﺘﯽ، ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﻛﺎﺷﯩﻠﯩﺴﯽ، ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻧﯽ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ، ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﭼﯜﺭﻣﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﯼ ﻛﻪﯓ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﯩﻚ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﯞﯨﺮﯗﺳﯽ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯼ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯽ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.
     

    «ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯽ»ﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﯽ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﺴﯽ
    ــــ «ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯽ» ﻧﯩﯔ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﻪﺕ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﻨﯽ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﺵ
     
    ﺋﻪﺩﻟﯩﻴﻪ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯽ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ 16 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ، 6 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ 190 ﻣﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻡ/ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ، 980 ﻣﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ.

    ﺋﻪﺩﻟﯩﻴﻪ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻘﯽ ﺋﻪﺩﻟﯩﻴﻪ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯽ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯽ ﺟﻴﺎ ﻟﯩﭽﯜﻥ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﯼ:
    ـــ ﺋﻪﺩﻟﯩﻴﻪ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯽ ﺗﯜﺯﯛﻣﯽ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﭽﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯽ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﻗﺎﻧﯘﻧﭽﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎﺱ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯽ ﺗﺎﻟﻼﭖ، ﺟﯘﻏﻼﭖ، ﻗﺎﻧﯘﻧﭽﯩﻞ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﺎﺋﺎﻝ ﺗﯚﮬﭙﻪ ﻗﻮﺷﺘﯽ.

    ﺩﻩﯞﺭ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ، ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ، ﻗﺎﻧﯘﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻤﯘ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ، ﻳﯧﯖﯽ ﺩﻩﯞﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻧﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯽ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﯽ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯽ 2017 ــ ﻳﯩﻠﯽ ﺳﻮﺩﯨﻴﻪﻟﻪﺭ ﻗﺎﻧﯘﻧﯽ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺗﯜﺯﯨﺘﯩﺶ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭖ، ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯼ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯽ، ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺶ ﺷﻪﺭﺗﻠﯩﺮﯼ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ.

    ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﯽ ﺗﯜﺯﯨﺘﯩﺶ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺶ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻧﯽ ﺳﻮﺩﯨﻴﻪ، ﺗﻪﭘﺘﯩﺶ، ﺋﺎﺩﯞﻭﻛﺎﺕ، ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﮔﯘﯞﺍﮬﭽﯩﺴﯽ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻜﯽ ﺗﯘﻧﺠﯽ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﺟﺎﺯﺍ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻨﯽ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻜﻪ، ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ، ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﮬﯚﻛﯜﻡ، ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯽ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﻣﻪﻣﯘﺭﻻﺭ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺗﯜﺭﯨﺪﯨﻜﯽ ﻛﯧﺴﯩﻤﭽﯩﻠﻪﺭﮔﯩﭽﻪ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﻠﮕﻪﻥ.

    ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ، ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﻐﺎ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﯽ ﭼﯩﯖﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯼ ﻗﺎﻧﯘﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﯜﺭﯼ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻛﯘﺭﺳﻨﯽ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﺴﯩﻼ، ﺗﯩﺰﯨﻤﻼﺗﻘﯩﻠﯽ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﯘﻧﯟﺍﻥ ﺗﻪﻟﯩﭙﯽ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ. ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺗﯜﺯﯛﻣﺪﯨﻜﯽ ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻛﻪﺳﭙﯩﻨﯽ ﭘﯜﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮﯼ ﻳﺎﻛﯽ ﻗﺎﻧﯘﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮﯼ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﯽ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ؛ ﻳﻪﻧﻪ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺗﯜﺯﯛﻣﺪﯨﻜﯽ ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﻗﺎﻧﯘﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﻪﺳﭙﯩﻨﯽ ﭘﯜﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﻛﻼﯞﯗﺭﻟﯘﻕ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﯽ ﺑﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﯜﭺ ﻳﯩﻞ ﺗﻮﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﯽ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.

    ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯽ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ، ﺩﯦﻠﻮ ﻣﯩﺴﺎﻟﻠﯩﺮﯼ ﺳﻮﺋﺎﻟﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻮﻣﯘﺭ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﻠﮕﻪﻥ. ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻐﺎ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﺑﻪﺭﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﺎﻧﯘﻥ ــ ﻧﯩﺰﺍﻣﻼﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﯽ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﻐﺎﻥ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ، ﺗﯘﻧﺠﯽ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ «ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯽ»ﺩﺍ «2+1» ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﺷﻪﻛﻠﯽ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻮﺑﻴﯧﻜﺘﯩﭗ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭ ﺋﯩﻜﻜﯽ ﯞﺍﺭﺍﻕ، ﺳﯘﺑﻴﯧﻜﺘﯩﭗ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﺭﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﻮﺑﻴﯧﻜﺘﯩﭗ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﺪﺍ ﺷﻴﺎﯕﮕﺎﯓ، ﺋﺎﯞﻣﯧﻨﻨﯽ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﻣﯩﻘﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﯽ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﯽ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻻﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ.
     
    ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﻣﻨﯽ «ﺯﻩﺭﻩﺗﻠﻪﺵ»
    ــــ «ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯽ» ﻧﯩﯔ ﺋﺎﺩﯨﻠﻠﯩﻘﯩﻨﯽ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ

    ﻣﯘﺧﺒﯩﺮ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﯨﻜﯽ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﺍ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﺑﻪﺭﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ «ﭘﻮﺭﺗﯧﺮﯨﺘﯧﻨﯽ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ» ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯽ ﻛﯚﺭﺩﯼ. «ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻻﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ» ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﯨﻜﯽ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻻﺭﻏﺎ ﻛﯚﭼﯜﺭﻣﯩﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﯽ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﭼﺎﭘﻠﯩﻘﯽ ﭼﺎﭘﻼﻧﻐﺎﻧﯩﺪﯼ. ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻜﯩﻨﯽ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻜﯽ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻼﺭ 1 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ 100 ﻣﯩﯔ ﻳﯜﻩﻥ ﺧﻪﺟﻠﻪﭖ، ﻛﯚﭼﯜﺭﻣﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﯽ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ.

    ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯽ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﻜﻪﻥ، ﺑﯘ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﻪﺳﻜﯩﻨﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺷﻪﺭﺕ. ﻳﯘﻗﯩﺮﯼ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﺎﭘﯩﺰﻩﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯽ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺳﯩﺮﺕ، ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﯨﻞ، ﮬﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻴﻠﯩﻘﯽ ﭘﻮﻻﺗﺘﻪﻙ ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﻣﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺗﯘﻧﺠﯽ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ «ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯽ»ﻧﯩﯔ ﺋﻮﯕﯘﺷﻠﯘﻕ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﺸﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﻪﺩﻟﯩﻴﻪ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻘﯽ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﯽ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﭖ، ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﺋﯩﺴﺘﯩﻠﯽ، ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﻣﯩﻨﯽ ﻛﻪﺳﻜﯩﻨﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ، ﺗﯜﺯﯛﻣﻨﯽ «ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﭗ»، ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﻣﻨﯽ «ﺯﻩﺭﻩﺗﻠﻪﺵ»ﻧﯽ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﺪﯼ.

    ﺋﻪﺩﻟﯩﻴﻪ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﯼ ﻓﯘ ﺟﯧﯖﺨﯘﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﯼ:
    ـــ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﻨﯽ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﻣﻐﺎ ﺧﯩﻼﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯽ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﻪﺕ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﮬﺎﻟﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯜﺯﯛﻣﻠﯩﺸﯩﺸﯽ، ﻗﯧﻠﯩﭙﻠﯩﺸﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﯜﺭﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﺎﻧﯘﻥ ــ ﻧﯩﺰﺍﻣﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﻗﻪﻏﯩﺰﯨﻨﯽ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ، ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﺑﻪﺭﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﯽ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ، ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯽ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ، ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻨﯽ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ، ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﺋﯘﭼﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯽ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﻨﯽ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﭗ، ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﯽ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﭖ، ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﺋﯩﺴﺘﯩﻠﯽ، ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﻣﯩﻨﯽ ﻛﻪﺳﻜﯩﻨﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ، ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﭼﯜﺭﻣﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯽ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺑﯩﺮﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

    ﺋﻪﺩﻟﯩﻴﻪ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻘﯽ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﺵ «ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯽ» ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﯽ، ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﻣﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻼﺭﻧﯽ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭼﺎﺭﯨﺴﯽ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﮬﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯽ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﯼ. ﭼﺎﺭﯨﺪﻩ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻨﯩﯔ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﯼ ﯞﻩ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮ ــ ﻳﯧﻨﯩﻜﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ، ﺷﯘ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﻨﯽ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﻨﯽ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﯩﻨﯽ ﺋﯩﻜﻜﯽ ﻳﯩﻞ ﭼﻪﻛﻠﻪﺵ، ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﻨﯽ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮬﻪﻡ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﯩﻨﯽ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﯞﺍﻳﻪﺕ ﭼﻪﻛﻠﻪﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯜﭺ ﺧﯩﻞ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯽ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﺪﯼ.

    «ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻻﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ»ﻧﯽ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺵ، ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﯩﻨﯽ ﭼﯩﯖﯩﺘﯩﺶ، ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﻨﯽ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﺶ، ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﻡ «ﻳﯘﻗﯩﺮﯼ ﺑﯧﺴﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﻮﻙ ﺳﯩﻤﯽ» ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﺶ.... ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯽ ﯞﻩ ﻣﯘﺩﺩﯨﺌﺎﺳﯽ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﺑﻪﺭﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﻟﯩﻨﯩﺸﯽ، ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯼ ﯞﻩ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺳﻪﯞﯨﻴﻪﺳﯩﻨﯽ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯨﺪﯗ. ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭽﻪ، ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﺷﯽ ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﯼ ﺳﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﻗﺎﻧﯘﻧﭽﯩﻞ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺋﯘﻝ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯘﻕ ﮬﻮﻗﯘﻕ ــ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﯩﻨﯽ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﯽ ﻗﻮﻏﺪﺍﭖ، ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﻗﺎﻧﯘﻧﭽﯩﻞ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻠﯩﻚ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﺳﯽ. 

    مەنبەسى :قانۇنچىلىق گېزىتى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك