• بۇ نەرسىلەرنى باشقىلارغا بېرىپ تۇرسىڭىز قەتئىي بولمايدۇ

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-11-21 01:08
  • بۇ نەرسىلەرنى باشقىلارغا بېرىپ تۇرسىڭىز قەتئىي بولمايدۇ

    داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئۇرۇق-تۇغقانلارغا بېرىپ تۇرۇپ نەتىجىدە ئۆزىگە ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغاندا سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم بېرىشنى رەت قىلىش؛ ئىناۋەتلىك كارتىسىنى دوستىغا ئارىيەتكە بېرىپ تۇرۇپ، ئۆزى  زور سوممىلىق قەرزنى تۆلەش قاتارلىق ئىشلار تۇرمۇشىمىزدا ھەقىقىي يۈز بەردى، ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، يۇقىرىقىغا ئوخشاش نەرسىلەرنى باشقىلارغا بېرىپ تۇرغاندا ئەڭ چوڭ زىياننى ئۆزىڭىز تارتىشىڭىز مۇمكىن، شۇڭا ئۆزىڭىزگە تەۋە ھەرقانداق نەرسىنى باشقىلارغا بېرىپ تۇرغاندا قاتتىق ئېھتىيات قىلىڭ! 

    داۋالىنىش سۇغۇرتىڭىزنى ھەرگىزمۇ خالىغانچە باشقىلارغا ئارىيەتكە بەرمەڭ، ھەتتا ئائىلىڭىزدىكىلەرگىمۇ 

    يېقىنقى يىللاردا كىشىلەر سۇغۇرتا سېتىۋېلىشقا بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى، لېكىن بەزى كىشىلەر پەقەت پۇل خەجلەپ سۇغۇرتا سېتىۋېلىشقىلا ئېتىبار بېرىپ، تۆلەم بىر تەرەپ قىلىش قائىدىسىگە سەل قارايدۇ، ئاخىرىدا سۇغۇرتا قۇرۇق شەكىلگە ئايلىنىپ قېلىپ ئۇنىڭ ھېچقانداق قىممىتى بولمايدۇ. 
    خۇبېيلىق خۇاڭ ئەپەندى دەل ئاشۇنداق زىيان تارتتى، بۇلتۇر ئۇ مەلۇم خىل ئېغىر كېسەللىك سۇغۇرتىسى سېتىۋالىدۇ، ئۇ شۇ يىلى 10-ئايدا قالقانسىمان بەز راكىغا گىرىپتار بولىدۇ، ئۇ تۆلەم رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىۋاتقاندا، سۇغۇرتا شىركىتى ئۇنىڭ سۇغۇرتا كارتىسىنىڭ 2012-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە كۆپ قېتىم ئۆپكە ياللۇغى، كانايچە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەر بىلەن دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغان خاتىرىسىنى تەكشۈرۈپ چىقىدۇ. سۇغۇرتا شىركىتى ئۇنى كېسەللىك تارىخىنى يوشۇرغان دەپ تۆلەم بېرىشنى رەت قىلىدۇ، خۇاڭ ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: مەن 2012-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە ھەرگىزمۇ دوختۇرخانىدا يېتىپ باقمىغان، لېكىن داۋالىنىش كارتامنى تۇغقانلىرىمغا بېرىپ تۇرغان، قالغان ئىشلار ئېسىمدە يوق. 
    بەلكىم سىز ئائىلەمدىكىلەر كارتامنى ئىشلىتىپ دورا سىتىۋالسىمۇ بولمامدۇ؟ دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن، بۇنىڭدا ئەھۋالغا قاراش كېرەك، بەزىدە ھەقىقەتەنمۇ ئۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ. 
    ئۆمۈر سۇغۇرتىسى شىركىتىنىڭ ۋاكالەتچىسى مۇخبىرغا مۇنداق دەيدۇ:ناۋادا سىز كارتىڭىزنى ئىشلىتىپ ئائىلىڭىزدىكىلەرگە بەزى زۇكام دورىلىرىنى، ۋىتامىن، زەخىملىنىش مەلھىمى قاتارلىقلارنى ئېلىپ بەرسىڭىز بۇنىڭ تەسىرى ئانچە چوڭ ئەمەس، ناۋادا ئائىلىڭىزدىكىلەر داۋالىنىش كارتىڭىزنى ئىشلىتىپ قالقانسىمان بەز تۈگۈنچىسى، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنى سېتىۋالسا ياكى كارتىڭىزنى ئىشلىتىپ يۇقىرىقىدەك كېسەللىكلەر بىلەن داۋالانسا، ئۇنداقتا بۇنىڭ تەسىرì ئېغىر بولىدۇ. چۈنكى بۇ خىل كېسەللىكلەر سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ تەكشۈرۈش يەكۈنىگە بىۋاسىتە تەسىر يەتكۈزىدۇ.  

    باشقىلارغا ئىناۋەتلىك كارتىسىنى بېرىپ تۇرۇپ 150 مىڭ قەرزگە بوغۇلۇش 


    كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ دوستلۇقنىڭ يۈز-خاتىرىسىنى دەپ باشقىلارغا ئىناۋەتلىك كارتىسىنى بېرىپ تۇرغان ئەھۋاللىرى بار بولۇشى مۇمكىن، بەلكىم بېرىپ تۇرغانلىرىڭىز ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەر، خىزمەتداشلىرىڭىز بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئىناۋەتلىك كارتىڭىزنى باشقىلارغا بېرىپ تۇرغاندا ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ 
    تەييۈەندىكى مەلۇم كەسپى ئورۇننىڭ خىزمەتچىسى چىن ئەپەندى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئىناۋەت سوممىسى 60 مىڭ يۈەنلىك كارتا بېجىرىدۇ، ئۇنىڭ ئىناۋەت ئىشەنچىسى ئىزچىل ياخشى بولغاچقا، كارتىنىڭ ئىناۋەت سوممىسى 60 مىڭدىن 150 مىڭغا ئۆسىدۇ.  
    بىر كۈنى چىن ئەپەندىنىڭ دوستى لىن ئەپەندى ئۇنىڭدىن قەرز سوراپ كېلىدۇ، دوستىنىڭ ئۆتۈنۈشىگە يۈز كېلەلمىگەن ئىناۋەت كارتىسىنى ئۇنىڭغا بېرىپ تۇرىدۇ، ئۇ دوستىغا قايتا-قايتا كارتىنىڭ پۇلىنى ۋاقتىدا قايتۇرۇشنى تاپىلايدۇ. چىن ئەپەندى كېيىن كۆپ قېتىم بانكىدىن كەلگەن كارتىدىن پۇل ئېلىنغانلىق ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ، ئۇ ھەر قېتىمدا لىن ئەپەندىگە پۇلنى ۋاقتىدا قايتۇرۇشنى تاپىلايدۇ، قارشى تەرەپمۇ ئۇنىڭغا ماقۇل بولسىمۇ لېكىن يەنىلا پۇلنى ۋاقتىدا قايتۇرمايدۇ. 
    چىن ئەپەندى بىر نەچچە ئايدىن كېيىن، بانكىدىن كەلگەن قەرز سۈيلەش تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ، بۇ ۋاقىتتا چىن ئەپەندىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسىنىڭ قەرز سوممىسى 150 مىڭ يۈەنگە يەتكەن ئىدى. خىزمەتچى خادىملار ئۇنىڭغا ناۋادا پۇلنى ۋاقتىدا قايتۇرمىسا، يۇقىرى سوممىلىق جەرىمانە ئۆسۈمى تۆلەيدىغانلىقىنى، بانكا قەرز سۈيلىگەندىن كېيىنمۇ ۋاقتىدا قايتۇرمىسا، جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.  
    بۇ ھەقتە بانكا خىزمەتچىلىرى مۇنۇلارنى ئەسكەرتىدۇ:ئىناۋەتلىك كارتا ئىلتىماس قىلىش نىزامنامىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلغان، كارتىنى باشقىلارغا بېرىپ تۇرۇپ، كارتىنىڭ قەرزىنى ۋاقتىدا قايتۇرماسلىق، يامان غەرەزدە نېسى قالدۇرۇش ياكى ئىناۋەتلىك كارتىدىن نەق پۇل ئېلىش قاتارلىق قىلمىشلار يۈز بەرسە، مەسئۇلىيەت ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرگۈچىنىڭ ئۈستىگە ئارتىلىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئەرز قىلىنىشى مۇمكىن، ئاخىرىدا بارلىق مەسئۇلىيەتنى كارتا ئىگىسى ئۈستىگە ئالىدۇ. 


    بۇلتۇر 7-ئايدا شياۋ لى يېقىن دوستى شياۋ شى بىلەن بىر يۈرۈش ئۆينى ئىجارىگە ئالىدۇ، شياۋلى ئىچىدىكى بىر ئېغىز ئۆيدە تۇرىدۇ، شياۋ شى ئوغۇل دوستى جاڭ فامىلىلىك بىلەن يەنە بىر ئېغىز ئۆيدە تۇرىدۇ. بىر كۈنى، جاڭ فامىلىلىك باھانە تېپىپ شياۋلىنىڭ يانفونىنى ئارىيەتكە سورايدۇ، شياۋلى ئۇلار بىلەن بىرگە تۇرۇۋاتقاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە جاڭ فامىلىلىك يېقىنىنىڭ ئوغۇل دوستى بولغاچقا، ئارتۇق ئويلىماي يانفونىنى ئۇنىڭغا بېرىدۇ، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي جاڭ فامىلىلىك شياۋلىغا يانفونىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ. 
    ئىككىنچى كۈنى شياۋلى ئۆزىنىڭ چىقىمدانىدىن باشقىلارنىڭ 14مىڭ يۈەن ئالغانلىقىنى بىلىدۇ، بۇ زادى نېمە ئىش؟ شياۋ لى بۇ ۋاقىتتا مەسىلىنىڭ يانفوننى ئارىيەتكە بېرىپ تۇرۇشتىن چىققانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، لېكىن بۇ ۋاقىتتا ئۇ قانداق قىلىپمۇ جاڭ فامىلىلىك بىلەن ئالاقىلىشالمايدۇ، ئۇ شۇنىڭ بىلەن ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلىدۇ. 
    ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئەسلىدە جاڭ فامىلىلىكنىڭ شىياۋلىنىڭ يانفونىنى ئارىيەتكە ئالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ يانفونىغا ئۆزىنىڭ بارماق ئىزىنى كىرگۈزۈپ بىمالال مەشغۇلات قىلغانلىقى ھەمدە شىياۋلىنىڭ چىقىمدانىدىن 10مىڭ يۈەننى ئۆزىنىڭ يانفونىدىكى چىقىمدانغا  يۆتكىگەنلىكىنى، كېيىن ئۇنىڭ يەنە شىياۋلىنىڭ چىقىمدانىدىن تۆت مىڭ يۈەننى كارتا سوممىسىدىن ئاشۇرۇپ ئىستېمال قىلغانلىقىنى ئاندىن بۇ پۇلنى ئۆزىنىڭ يانفونىغا يۆتكىگەنلىكىنى بىلىدۇ. شۇنىڭ قىلىپ شىياۋلىنىڭ چىقىمدانىنىڭ ھېسابات نومۇرى جەمئىي 14 مىڭدىن ئارتۇق قەرزگە بوغۇلىدۇ. 
    بۇ توغرىسىدا ساقچىلار مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: نۆۋەتتە يانفوندا چىقىم قىلىش تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىپ، «ئېلېكتىرونلۇق ھەميان»غا ئايلاندى، بۇ بىزگە كۆپ قولايلىق ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە مۆلچەرلىگۈسىز خەۋپ ئەگىشىپ، ئوغرىلىق ئۇسۇلىمۇ ماس قەدەمدە يېڭىلاندى، بىز ئازراقلا پەخەس قىلمىساق يانفونىمىزدىكى پۇلنى باشقىلار ئوغرىلاپ كېتىشى مۇمكىن، يانفوننى باشقىلارغا ئارىيەتكە بېرىپ تۇرغانلىق، ھەميانىڭىزنى باشقىلارغا بەرگەن بىلەن ئوخشاش. 

    يېقىن دوستىغا كىملىكىنى ئارىيەتكە بېرىپ 160 مىڭ قەرزگە بوغۇلۇش  
    خەينەننىڭ خەيكۇدا خىزمەت قىلىدىغان ئارۇ 2017-يىلى ئايۈ بىلەن تونۇشۇپ قىلىپ تىزلا سىرداش دوستلارغا ئايلىنىدۇ. 
    بىركۈنى ئايۈ ئارۇغا كىملىكىنىڭ يىتۈپ كېتىپ، بانكا كارتىسى بىلەن ئىناۋەت كارتىسىنىڭمۇ توختاپ كېتىلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ، ئۇ گۇاڭجۇغا بېرىپ كىيىم دۇكىنىغا مال كىرگۈزمەكچى بولغانلىقىنى، دۇكاننىڭ ئىجارىسىنىڭمۇ توشۇپ قالغانلىقىنى، ئارۇنىڭ كىملىكىنى ئىشلىتىپ توردا قەرز ئېلىپ تۇرۇشنى ئۆتۈنىدۇ، ئارۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنى دەپ ئۇنىڭغا كىملىكىنى ئىشلىتىپ توردىن 50 مىڭدىن ئارتۇق قەرز ئېلىپ بېرىدۇ. كەينىدىن، ئايۈ يالغاندىن يەنە ئارۇنىڭ ئىلگىرىكى ئوغۇل دوستىنىڭ نامىدا ئارۇدىن توردىن 115مىڭ قەرز ئالغۇزىدۇ. بۈگۈنگە كەلگەندە، بۇ «ياخشى دوست» پۇلنى ۋاقتىدا قايتۇرماي، توردا قەرز بېرىش شىركىتى ئارۇنى قەرز تۆلەشكە قىستىغاندا، ئارۇ ئاندىن ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلىدۇ.  

    جامائەت خەۋپسىزلىكى مۇنۇلارنى ئەسكەرتىدۇ
    كىملىك ھازىرقى جەمئىيەت ۋە تۇرمۇشىمىزدا ھېچقانداق نەرسە ئورنىنى ئالالمايدىغان مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا، ھەرقانداق پۇقرا ئۆزىنىڭ كىملىكىنى چوقۇم ياخشى ساقلىشى، يىتۈپ كېتىشتىن، باشقىلارغا خالىغانچە ئارىيەتكە بېرىشتىن ساقلىنىش كېرەك. دۆلىتىمىز قانۇنىدا:كىملىك شەخسكە خاس گۇۋاھنامە، ئۇنى ئىجارىگە بېرىشكە، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە، باشقىلارنىڭ نامىدىكى كىملىكنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، بولمىسا مۇناسىپ قانۇنىي ئاقىۋەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك،دەپ بەلگىلەنگەن. 
    ئەلۋەتتە يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك كىچىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىمۇ ئەڭ ياخشىسى باشقىلارغا ئارىيەتكە بەرمەڭ 

    تىرناق ئالغۇچنى باشقىلارغا بېرىپ تۇرغاندا ئاسانلا زەمبۇرۇغ بىلەن يۇقۇملىنىش ياكى مەلۇم تەمرەتكە كېسەللىكى بار كىشىلەردىن ۋىرۇسلىنىپ قىلىش مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن تىرناق ئېلىش جەريانىدا يارىلىنىپ قان چىقىپ كەتسە، قان ئارقىلىق تارقىلىدىغان كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. ئەگەر چوقۇم بېرىپ تۇرمىسا بولمايدىغان ئەھۋالدىچۇ؟ بۇ چاغدا تىرناق ئالغۇچنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن ئىسپىرت بىلەن سۈرتۈۋېتىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.  

    ھەرخىل ھالقىلىرىڭىزنىمۇ باشقىلارغا ئارىيەتكە بەرمەڭ 


    ناۋادا قۇلاق تۆشۈكىدە يارا بولسا ۋە ياكى ھالقا ئېلىپ تاقاش جەريانىدا سۈركىلىش بولۇپ جاراھەتلەنگەن بولسا، ھەرخىل قانغا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ يۇقۇشىدىن ساقلىنىش تەس، بەلكىم شۇ ئارقىلىق ھەرخىل جىگەر كېسەللىكلەرىنىمۇ يۇقتۇرۇۋېلىشىڭىز مۇمكىن. 


    ھەرخىل لەۋ سۇرۇخى، ساپما كەش قاتارلىقلارمۇ ھەم شۇنداق، ئامال بار، بىخەتەرلىكىڭىز ۋە ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن ئۆزىڭىزگە مۇناسىۋەتلىك ۋە تەۋە ھەرقانداق نەرسىنى باشقىلارغا ئارىيەتكە بېرىشتە ئېھتىياتچان بولۇڭ! 

    مەنبەسى :تېڭشۈن




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك