• رۇسىيەنىڭ يادرو قورالنى ئىشلىتىش ھەققىدىكى پىرىنسىپى ئۆزگەرمەكچى

  • يوللىغۇچى : دىلمۇرات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-11-26 01:07
  • رۇسىيەنىڭ يادرو قورالنى ئىشلىتىش ھەققىدىكى پىرىنسىپى ئۆزگەرمەكچى

    ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە پارلامېنتى تەستىقلىغان پىلان بويىچە، زۇڭتۇڭ پۇتىن يادرو قورالىنى ئىشلىتىپ ئاۋۋال قول سېلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدىكەن.


    ئەنگلىيە «تايمېس گېزىتى» تور بېتىنىڭ 11-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيە فېدېراتسىيە كومىتېتى (پارلامېنت يۇقىرى پالاتاسى) نىڭ ئالىي پالاتا ئەزاسى كەڭ كۆلەملىك قىرغىن قىلىش قوراللىرىنى ئاۋۋال ئىشلىتىشنى مەنئىي قىلىشتەك ھەربىي پىرىنسىپىنى بىكار قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن. بۇندىن بۇرۇن پۇتىن مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئامېرىكا ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە <ئوتتۇرا مۇساپىلىك بومبا كېلىشىمى>دىن چېكىنىپ چىقسا، موسكىۋا ئۆچ ئالىدۇ».
    خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ قېتىملىق ئۆزگەرتىشتىن كېيىن، زۇڭتۇڭ يادرو زەربىسى ئارقىلىق، دۈشمەنلەرنىڭ ئادەتتىكى قورال ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرەلەيدىكەن. ئىلگىرىكى ھەربىي پىرىنسىپتا، رۇسىيە كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق خاراكتېرىدىكى قورالنىڭ تەھدىتى ياكى «ھايات-مامات خەۋپىگە ئۇچرىغاندىن باشقا ۋاقىتلاردا، ئاۋۋال يادرو قورالىنى ئىشلىتىش مەنئىي قىلىنغان.
    خەۋەردە دېيىلىشىچە، رۇسىيە فېدېراتسىيە كومىتېتى، ئەگەر رۇسىيە «ئاۋاز تېزلىكىدىن يۇقىرى ياكى غەيرىي يادرو ئىستراتېگىيەلىك قوراللار»نىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىسا، رۇسىيەنىڭ يادرو قورالىنى ئىشلىتىپ ئۆچ ئېلىشقا يول قويۇش تەكلىپىنى بەرگەن. بۇنداق چەكلىمە كۈچى يوق تەكلىپلەر دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارلىرى مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن بېكىتكەن.
    خەۋەردە يەنە دېيىلىشىچە، پۇتىن 19-چېسلا ھەربىي ئىشلار ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، رۇسىيەنىڭ ترامپنىڭ ئامېرىكا 1987-يىلى رىگان بىلەن گورباچوف ئىمزالىغان «ئوتتۇرا مۇساپىلىك بومبا كېلىشىمى»دىن چېكىنىپ چىقىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا مۇزاكىرىلەشكەن. پۇتىن رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقىشىغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، لېكىن ئارتۇقچە تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىمىغان. كرېمېل سارىيى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ قارارى دۇنيانى تېخىمۇ «خەتەرلىك» ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ دېگەن.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك