• غەلىتە ئىسپات!بالامنىڭ ئۆزۈمنىڭ ئىكەنلىكىنى قانداق ئىسپاتلايمەن؟

  • يوللىغۇچى : دىلمۇرات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-11-26 01:35
  • غەلىتە ئىسپات!بالامنىڭ ئۆزۈمنىڭ ئىكەنلىكىنى قانداق ئىسپاتلايمەن؟

    يېقىندا لېي ئەپەندىم نوپۇسنى ئېلىپ شىئەن شەھىرى باچياۋ رايونلۇق ئاممىغا قولايلىق مۇلازىمەت زالىغا بېرىپ ئىككى بالىسىنىڭ مىللىتىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغاندا، «بالىنىڭ ئۆزىنىڭ بالىسى» ئىكەنلىك ئىسپاتىنى كەستۈرۈپ كېلىش تەلەپ قىلىنغان. مۇلازىمەت ئورنى ساقچىخانا ياكى كوچا باشقارمىسىدىن ئىسپات كەستۈرۈش تەكلىپىنى بەرگەن، ساقچىخانا كېسىپ بەرمىگەن، چۈنكى ج خ ئورۇنلىرى بۇ تۈردىكى غەلىتە ئىسپاتلارنى خېلى بۇرۇنلا ئېنىق بېجىرمەيدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن؛ كوچا باشقارمىسىمۇ كېسىپ بەرمىگەن، چۈنكى ئىسپات چىقىرىش ھوقۇقى يوق ئىكەن. ئىسپاتنى بېجىرىشكە ئامال بولمىغان، قانداق قىلىش كېرەك؟


    تۇغۇلۇش ئىسپاتى يىتۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، خىزمەتچى خادىم كەسپ بېجىرىپ بەرمىگەن

    لېي ئەپەندىم ئائىلىسىدىكى بەش جان بىر نوپۇس دەپتىرىدە بولۇپ، ئائىلە باشلىقى ئۇنىڭ ئانىسى ياڭ Xشيەن، كەينىدىكىلىرى بولسا ئۆزى، ئايالى، قىزى ۋە ئوغلى ئىكەن. لېي ئەپەندىم مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: «ئايالىم چياڭزۇ مىللىتى، مەن بىلەن ئىككى بالام خەنزۇ مىللىتى. يېقىندا ئىككى بالامنىڭ مىللىتىنى چياڭزۇ مىللىتىگە ئۆزگەرتمەكچى ئىدىم. سىياسەت بويىچە ئۆزگەرتىشكە يول قويۇلاتتى.»

    يېقىندا، لېي ئەپەندىم بىر توپ ماتېرىياللارنى كۆتۈرۈپ، باچياۋ رايونلۇق خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت زالىغا كېلىپ مىللەت ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى بېجىرمەكچى بولغان، لېكىن خىزمەتچى خادىم ئۇنىڭ نوپۇس دەپتىرىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن : «نوپۇس دەپتىرى بىلەن بۇ ئىككى بالىنىڭ سىزنىڭ بالىڭىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ، سىزگە بېجىرىپ بېرەلمەيمەن، ئىككى بالىنىڭ تۇغۇلۇش ئىسپاتىنى تولۇقلاپ كېلىشىڭىز كېرەك» دېگەن.

    لېي ئەپەندىم : «ئىككى بالىنىڭ تۇغۇلغىنىغا ئۇزۇن بولۇپ كەتتى، تۇغۇلۇش ئىسپاتى يىتۈپ كەتكەن. لېكىن باچياۋ رايونلۇق خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت زالىدىكى خىزمەتچى خادىم چوقۇم ئىسپات ئېلىپ كېلىشىمنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالدى».


    نوپۇس دەپتىرىگە يالغۇز پەرزەنتلىك گۇۋاھنامىسىنى قوشسىمۇ ئىسپاتلاشقا بولمامدۇ؟


    لېي ئەپەندىم مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ يالغۇز پەرزەنتلىك گۇۋاھنامىسىنى كۆرسەتكەن، ئۇنىڭ ئاچا-سىڭىل، ئاكا-ئۇكىلىرى يوق ئىكەن، لېكىن نوپۇس دەپتىرىدە كۆرسىتىلگەن مۇناسىۋىتى ئورنىدا، ئىككى بالىنىڭ ئائىلە باشلىقى ياڭ Xشيەن بىلەن ئوغۇل (قىز) نەۋرە مۇناسىۋىتى، لېي ئەپەندىم بىلەن ئانا-بالا مۇناسىۋىتى دەپ يېزىلغان.

    «ئىككى بالىنىڭ مېنىڭ بالىلىرىم ئىكەنلىكىنى نېمىشقا ئىسپاتلاشقا بولمايدۇ؟» لېي ئەپەندىمنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمىگەن، «مەن يالغۇز پەرزەنت، بۇ ئىككى بالىنىڭ مېنىڭ جيەن ئوغلۇم، جيەن قىزىم بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، مېنىڭ بالام بولۇشتىن باشقا، بۇ ئىككىسى يەنە كىم بولاتتى؟»


    لېكىن خىزمەتچى خادىم ئۆزىنىڭ رەھبەرلىكتىن يوليورۇق سورىغانلىقىنى، بۇ نوپۇس دەپتىرىدىكى مۇناسىۋەت ئارقىلىق، پەقەت ئىككى بالا بىلەن ئائىلە باشلىقى ياڭ Xشيەننىڭلا مۇناسىۋىتىنى ئىسپاتلاشقا بولىدىغانلىقىنى، لېي ئەپەندىم بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاشقا بولمايدىغانلىقىنى دېگەن.

    خىزمەتچى خادىم، ياكى ساقچىخانىغا بېرىپ، ياكى كوچا باشقارمىسىغا بېرىپ ئىسپات كەستۈرۈپ كېلىشنى ئېيتقان. «بۇ ئىككى بالىنىڭ ئۆز بالىڭىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىسىڭىز، ئاندىن مىللەت ئۆزگەرتىش كەسپىنى بېجىرىپ بېرىمىز» دېگەن خىزمەتچى خادىم چۈشەندۈرۈپ.


    كوچا باشقارمىسى، ساقچىخانىنىڭ ھېچقايسىسى ئىسپات كېسىپ بەرمىگەن


    2016-يىلىلا، ج خ ئورۇنلىرى شەھەر ئاھالىلىرى ئۈچۈن ھەر خىل «غەلىتە ئىسپات»لارنى كېسىپ بەرمەيدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقارغان، بۇنىڭ ئىچىدە بىر نوپۇستىكى كىشىلەرنىڭ تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى ئىسپاتىمۇ بار.

    «ساقچىخانىغا بارسام، ساقچىلار مەن بىلەن بالىنىڭ تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتىمىز نوپۇس دەپتىرىدە ئىپادىلەنگەنلىكىنى ئېيتىپ، «بالامنىڭ ئۆزۈمنىڭ بالىسى» ئىكەنلىك ئىسپاتىنى كېسىپ بەرمىدى» دېگەن لېي ئەپەندىم.

    بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، مۇخبىر لېي ئەپەندىمگە ھەمراھ بولۇپ ئۇ تۇرۇشلۇق شىئەن شەھىرى باچياۋ رايونلۇق قىزىلبايراق كوچا باشقارمىسىغا بارغان. خىزمەتچى خادىم رەھبەرلىكتىن يوليورۇق سورىغاندىن كېيىن، لېي ئەپەندىمگە «كوچا باشقارمىسىنىڭ «بالىڭىزنىڭ سىزنىڭ بالىڭىز» ئىكەنلىك ئىسپاتىنى كېسىپ بېرىش ھوقۇقى يوق» دەپ ئۇقتۇرغان.


    ئىسپات چىقىرالمىسا، مىللىتىنى ئۆزگەرتەلمەسلىك ئۆلۈك تۈگۈنگە ئايلىنىپ قالدىمۇ؟


    ئارقىدىن مۇخبىر بىلەن لېي ئەپەندىن يەنە باچياۋ رايونلۇق خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت زالىغا بېرىپ، كوچا باشقارمىسى بىلەن ساقچىخانىنىڭ بەرگەن جاۋابىنى خىزمەتچى خادىمغا دېگەندە، خىزمەتچى خادىم ئامال يوقلۇقىنى ئېيتقان.

    «بىزمۇ شەھەرنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىش بېجىرىمىز، سىزنىڭ ھازىر تاپشۇرغان ماتېرىيالىڭىز تولۇق ئەمەس، بالىڭىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالمىدىڭىز، بىز ماتېرىيالنى يۇقىرىغا تاپشۇرساقمۇ قايتۇرىۋېتىدۇ.» دېگەن خىزمەتچى خادىم، «يەنىلا ئامال تېپىپ بالىلارنىڭ تۇغۇلۇش ئىسپاتىنى تېپىپ بېقىڭ ياكى ساقچىخانا سىزگە ئىسپات كېسىپ بەرسۇن.»

    «ھەر قېتىم بارسام، خىزمەتچى خادىمنىڭ پوزىتسىيەسى ئىنتايىن ياخشى، لېكىن بالامنىڭ ئۆزۈمنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالىدۇ. ئۇلار نوپۇس دەپتىرىدىكى مۇناسىۋەت بىلەن ئىسپاتلاشقا بولمايدۇ دەيدۇ.» يېقىندا لېي ئەپەندىم مۇخبىرغا شۇنداق دېگەن، «بۇ ئىش ئۈچۈن بىر قانچە قېتىم چاپقان بولساممۇ ھەل قىلالمىدىم. قانداق قىلىشىمنىمۇ بىلمىدىم.»

    مەنبەسى :خەلق تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك