• پۇرچاق ئەپەندى يەنە قايتىپ كەلدى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-11-26 01:31
  • پۇرچاق ئەپەندى يەنە قايتىپ كەلدى


    كىشىلەرنى قاقاقلاپ كۈلدۈرىدىغان پۇرچاق ئەپەندى يەتتە يىلدىن كېيىن يەنە قايتىپ كەلدى. ئالاھىدە خادىم جوننى ئاستون مارتېن ماركىلىق ماشىنىسىنى ھەيدەپ يېڭى سەرگۈزەشتىسىنى باشلايدۇ. «ئالاھىدە خادىم پۇرچاق ئەپەندى3» 11-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ دۆلىتىمىزدىكى ھەرقايسى كىنوخانىلاردا قويۇلۇشقا باشلىدى. 63 ياشلىق روۋان ئاتكىنسون يەنە بىر قېتىم پۇرچاق ئەپەندىگە ئايلاندى. 

    ئەلۋەتتە ھازىر ھەر كۈنى كىنوخانىغا بېرىپ «ئالاھىدە خادىم پۇرچاق ئەپەندى3» نى كۆرۈپ چىققان كىشىلەرنىڭ بۇ كىنوغا بەرگەن باھاسى ئىنتايىن يۇقىرى بولماقتا ، تورداشلارنىڭ يانفۇنىدىلا بۇ كىنونى كۆرۈش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەقسىتىدە بۈگۈن «ئەلكۈيى ئۈندىدار كىنوخانىسى»غا «ئالاھىدە خادىم پۇرچاق ئەپەندى3» نىڭ تولۇق قىسمى يوللاندى. 

    بەزىلەر ئەنگلىيەنىڭ ئۈچ داڭلىق كىنوسى بار، بۇلار«خاررى پوتتېر»، «007» ۋە «پۇرچاق ئەپەندى» دەيدۇ. ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق، پۇرچاق ئەپەندى قىزىقارلىق چىراي ئىپادىلىرى بىلەنلا پۈتۈن دۇنيادىكى تاماشىبىنلارنى قايىل قىلغان. ئۇ فىلىمدە بەزىدە تولىمۇ تەرسا بولۇپ قالىدۇ، بەزىدە بىلىپ بىلمەي دۆتلىشىپ قالىدۇ، بىراق ئۇ كىشىدە بولىدىغان خىجىلچانلىق، ساددىلىقنى رولدا تولىمۇ ياخشى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. تاماشىبىنلار پۇرچاق ئەپەندىنى ئۆزىنىڭ مىجەز خاراكتېرىدىكى يوشۇرۇنغان شۇ قىسمىنى ئىپادىلەپ بەردى دەپ قارايدۇ، شۇڭا كىشىلەر پۇرچاق ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە كىشىلىك تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك ئوڭايسىز ئەھۋاللارنى باشتىن كەچۈرۈشنى خالايدۇ. 


    روۋان ئاتكىنسون 30 يىلدىن بۇيان پۇرچاق ئەپەندى رولىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنداپ كەلدى، ئەمەلىيەتتە رېئال تۇرمۇشتىكى روۋان ئەپەندى ئوكسفورد داشۆسىنىڭ دوكتورى، شۇنداقلا سودا ئېڭىگە ئىگە، ساخاۋەت ئىشلىرىغا كۆپ قاتنىشىدىغان ئارتىسلارنىڭ بىرى. 
    «ئالاھىدە خادىم پۇرچاق ئەپەندى» فىلىمىنىڭ ئالدىنقى ئىككى بۆلۈمى 2003-يىلى ۋە 2011-يىلى تاماشىبىنلارغا سۇنۇلغان. «ئالاھىدە خادىم پۇرچاق ئەپەندى3»نى ئىشلەشتە، روۋان ئاتكىنسون باش رول ئالغاندىن باشقا يەنە كىنونىڭ پىلانلاش ۋە تېخنىكىلىق خىزمەتلىرىگە كۆپ قاتناشتى، ئۇ بۇ كىنودا رولنى ياخشى ئېلىش ئۈچۈن، 60 ياشتىن ئاشقان بولسىمۇ يېرىم يىل مەخسۇس بەدەن چېنىقتۇردى. شۇڭا ئۇنىڭدىن كىنو ئىشلەش جەريانىدىكى قىزىقارلىق ئىشلار سورالغاندا، ئۇ چاقچاق قىلىپ، كىنونى ئىشلەپ بولغان شۇ ۋاقىتتا مەن ئەڭ خۇشال بولغان دېدى. 
    روۋان ئاتكىنسون 1955-يىلى ئەنگلىيەدە تۇغۇلغان، ئۇنىڭ ئىككى ئاكىسى بار، دادىسى دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئىگىسى شۇنداقلا شىركەتنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى ئىدى. ئۇ ئالىي مەكتەپنى نيۇكاستىل داشۆسىنىڭ ئېلېكتىرلىك قۇرۇلۇش كەسپىدە ئوقۇغان، كېيىن ئوكسفورد داشۆسىنىڭ ماشىنا ئېلېكتىر قۇرۇلۇشىدا ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. كەسپىدىن قارىغاندىمۇ روۋان ئاتكىنسوننىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ماشىنا ھەۋەسكارى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. 
    روۋان ئاتكىنسون 35 يېشىدا پۇرچاق ئەپەندى رولى بىلەن ئۇچراشتى. 
    2007-يىلى «پۇرچاق ئەپەندىنىڭ دەم ئېلىش مەزگىلى» فىلىمى ئىشلىنىپ بولغاندىن كېيىن، روۋان ئاتكىنسون ئەمدى پۇرچاق ئەپەندى رولىنى ئالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئۇ ۋاقىتتا روۋان پۇرچاق ئەپەندى 25 ياشتىن 45 ياش چامىسىغىچە بولۇشى كېرەك، مەن ئۇ ياشتىن ئۆتۈپ كەتتىم، پۇرچاق ئەپەندىنىڭ رولىنى ئېلىشقا سالاھىيىتىم توشمايدۇ دېگەن.  
    لېكىن روۋاندىن باشقا يەنە كىم پۇرچاق ئەپەندىنىڭ رولىنى ئۇنداق ياخشى ئالالىسۇن؟ 
    بەلكىم مۇشۇ سەۋەبلىك ئۇ يەنە بۇ رولغا چىقتى. يېقىندا «ئالاھىدە خادىم پۇرچاق ئەپەندى3»نىڭ قويۇلۇشى ئۈچۈن، روۋان شاڭخەيگە كەلدى. ئۇ يەنە پۇرچاق ئەپەندى رولىنى ئالغانلىقى توغرىسىدا توختالغاندا، ئۆزىنىڭ كىشىلەر قەلبىدە ئورۇن ئالغان مۇشۇنداق بىر رولنى ئالغانلىقىدىن تولىمۇ خۇشال ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: مېنىڭ قارىشىمچە پۇرچاق ئەپەندى ئەمەلىيەتتە بىر كىچىك بالا، يەنى قۇرامىغا يەتكەن ئادەم بەدىنىگە ئىگە كىچىك بالا، بىز ھەممىمىز كىچىك بالىلارنىڭ ئوماق قىلىقلىرىنى كۆرۈشكە ئامراق، پۈتۈن دۇنيادىكى بالىلارنىڭ ھەرىكەتلىرى، قىلىقلىرى كۆپ پەرقلەنمەيدۇ، شۇڭا بالىنىڭ ھەرىكىتىنى پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلغان، بەلكىم بۇمۇ پۈتۈن دۇنيادىكى تاماشىبىنلارنىڭ پۇرچاق ئەپەندىنى ياخشى كۆرۈشىدىكى بىر سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.
    ئۇ بۇندىن كېيىن يەنە داۋاملىق پۇرچاق ئەپەندى رولىغا چىقامسىز دېگەن سوئالغا قارىتا مۇنداق دېدى: مەن ھەرقېتىم بۇ مېنىڭ ئاخىرقى قېتىم پۇرچاق ئەپەندى رولىنى ئېلىشىم، ئەمدى بۇ رولغا چىقمايمەن دەيمەن، چۈنكى مەن بۇ رولنىڭ تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدە قېرىپ كېتىشىنى خالىمايتتىم، لېكىن تاماشىبىنلار ياخشى كۆرگەنىكەن، مەن يەنە بۇ رولغا چىقىشتىن توختاپ قالماسلىقىم مۇمكىن.

    مەنبەسى :تېڭشۈن




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك