|
جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى يۈك-تاق ھاۋالىلىك توشۇش ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلدى
شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى. 11-ئاينىڭ 25-كۈنى، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى گۇاڭجوۋ ــ ئۈرۈمچى، گۇاڭجوۋ ــ ۋۇخەن ئىككى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى سىناق نۇقتىسى قىلىپ، يۈك-تاقلارنىڭ توشۇلۇش جەريانىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش، ھالقىلىق تۈگۈنلەرنى كۆرسىتىش مۇلازىمىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، باشلىنىش بېكىتىدىن قوبۇللاپ توشۇش، ئايرىپ قاچىلاش، ئۆتەڭ بېكەتتىن يۆتكەپ توشۇش، يېتىپ بارىدىغان بېكەتكە تاپشۇرۇش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ پۈتۈن جەريان ئۇچۇرىنى كۆرسىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى، يولۇچىلار يۈك-تاقىسىنىڭ ھاۋالىلىك توشۇش ھالىتىنى خۇددى تېز يوللانما ئۇچۇرىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەندەك تەكشۈرەلەيدۇ.
مەنبەسى :تەڭرىتاغ تورى