• ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جەرۇللا ھېسامىدىن ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-11-26 06:37
  • ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جەرۇللا ھېسامىدىن ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

    «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ جىنايى ماھىيىتىنى ئۈزۈل-كېسىل ئېنىق تونۇپ، ئۆزىمىز ئۈستىدە بىر مەيدان چوڭقۇر ئىدىيە ئىنقىلابى ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك


      ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جەرۇللا ھېسامىدىن

      نۆۋەتتە، پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي، كەسكىن ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى، پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە روھىي قىياپەت پۈتۈنلەي يېڭىلاندى، ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش كەيپىياتى قويۇقلاشتى، ئىجتىمائىي ئومۇملۇق ئىناق، مۇقىم بولدى، تۈرلۈك ئىشلار ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلدى. ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلىش ئاڭلىقلىقى، قەتئىيلىكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەر، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى، ئاكتىپ مەلۇم قىلىشى، پاش قىلىشى بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ» «كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان»غا ئايلاندى، مۇھىم تارماقلارنى ئىگىلىۋالغان، چوڭقۇر يوشۇرۇنغان، خەۋپى زور بىر تۈركۈم «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر تازىلىنىپ، قوشۇن پاكلىنىپ، جەڭگىۋار روھقا ئىلھام بېرىلدى. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە مۇھىم، زور باسقۇچلۇق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئۇدا 22 ئاي زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەرمىدى، قانۇنسىز يەر ئاستى دىنىي تەشۋىقات ھەرىكىتى بولمىدى، جىنايى ئىشلار دېلولىرى، ئامانلىق ساقلاش دېلولىرى، خەۋپسىزلىككە خەۋپ يەتكۈزۈش دېلولىرى، ئاممىۋى بىخەتەرلىك ۋەقەلىرى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە بولغان ئىشەنچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

      لېكىن تا ھازىرغىچە، چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر يەنىلا رەزىل نىيىتىدىن يانماي، ئۆزىنى چاغلىماي، دۆلەتنى پارچىلاشتەك «مۇستەقىللىق چۈشى»، «دۆلەت قۇرۇش چۈشى»، «يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بولۇش چۈشى» كۆرۈۋاتىدۇ. ئۇلار ئاممىنىڭ ساددا مىللىي ۋە دىنىي ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىپ، «مىللەت»، «دىن» تونىغا ئورىنىۋېلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ چىرىتىشىگە ئۇچرىغان ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، قۇترىتىپ، كۈشكۈرتۈپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق خەلق بىلەن دۈشمەنلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنى بۆلۈۋېتىپ، ۋەتەننى پارچىلاشتەك جىنايى مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. بۇ پۈتۈنلەي پەرۋانە ئۆزىنى ئوتقا ئاتقاندەك، ياچىۋەك ھارۋىنى توختاتماقچى بولغاندەك ئۆزىنى ئۆزى ھالاك قىلغانلىق. ھەر بىر ۋىجدانى ۋە ھەققانىيەت تۇيغۇسى بار كادىر، ئاممىنىڭ ئۇلارنىڭ قەبىھ مەقسىتىنى پاش قىلىش ۋە ئۇلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش مەسئۇلىيىتى بار.

      بىرىنچى، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ئىدراكنى يوقىتىدۇ، ئادىمىيلىكنى يوقىتىدۇ

      مەن پارتىيەنىڭ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ داۋلىنى چوڭقۇر بىلىمەن، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنىڭ بىر مىللەت، بىر شەخسنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى مۇھىملىقىنى چوڭقۇر بىلىمەن. پارتىيە ۋە دۆلەت ئەزەلدىن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ياخشىلاشقا يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى نامرات ئىدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتى، قانۇن- نىزاملىرى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ھەر مىللەت ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىدا تېخىمۇ دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئاپتونوم رايون مۇقىملىقنىڭ پايدىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشىشىنى كۆزلەپ، يەرلىك مالىيە چىقىمىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، «توققۇز تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى»نى سىجىل ئالغا سىلجىتتى، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئۈچ يىلدا 100 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدى، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈشنى سىجىل قانات يايدۇردى، شەھەر- يېزا ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈردى، خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تەدرىجىي تولۇقلىدى، يېزا مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى بىكار قىلدى، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق 9- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر مىللەت ئامما ئېرىشكەن ئەمەلىي نەپ ئەڭ كۆپ بولغان مەزگىل بولدى.

      بۇ ئەمەلىي نەپلەرگە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ چېگرا رايوندىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىغا بولغان چەكسىز غەمخورلۇقى ۋە مۇھەببىتى سىڭگەن، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ چىن ھېسسىياتى مۇجەسسەملەنگەن. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتكە بولغان مىننەتدارلىققا تولغان قەلبى سانسىزلىغان مىننەتدارلىقنى بىلىدىغان، مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان، ياخشىلىققا جاۋاب قايتۇرىدىغان مۇنەۋۋەر تىپلارنى بارلىققا كەلتۈردى. لەنجوۋ ھەربىي رايونىنىڭ ئۇيغۇر ئوفىتسېرى مېھرىنىسا ئابدۇل باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولغاندا ھاياجانلانغان ھالدا: «مەن پارتىيە، دۆلەت ۋە ئارمىيەنىڭ غەمخورلۇقىغا، تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەنلىكىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!»، دېدى. ئۇ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ نامرات ئائىلىدىكى 38 ئۆسمۈرگە ياردەم قىلىپ، جۇڭگو ئۆسمۈرلەر خەير- ساخاۋەت ئىشلىرىنىڭ 30 يىللىقىدىكى تەسىرلەندۈرگەن شەخس بولۇپ باھالاندى. ئەينى يىلى ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىپ، رەئىس ماۋ زېدۇڭنى يوقلاپ كەلمەكچى بولغان قۇربان تۇلۇم تاغا، 40 نەچچە يىل ھەر مىللەت ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلغان دەۋر ئۈلگىسى جۇاڭ شىخۇا، تۆت مىللەتتىن بولغان ئون نەچچە يېتىم بالىنى بېقىۋالغان ھەنىپە... ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاددىي خىزمەت، تۇرمۇش جەريانىدا مەيدانغا كەلگەن جەمئىيەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، خالىس تۆھپە قوشقان ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى. ئۇلار نامايان قىلغان ئاكتىپ كۈچ سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى، ئۇلار ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى ۋە نەمۇنىچىسى.

      مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش تەبىئىي قانۇنىيەت، شۇنداقلا ئادىمىيلىك. ھەر بىر كىشىنىڭ ئاتا -ئانىسى، خوتۇن- بالىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، يار- يۆلەك بولۇش، بېقىش مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتى بار. بۇ، ئۆزىنى بېقىپ قاتارغا قوشقان ئاتا -ئانىسىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئۇلارغا جاۋاب قايتۇرىدىغان ۋاپادارلىق يولى، خوتۇن- بالىلىرى ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ۋە زىممىسىگە ئېلىش، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە دۆلەتنىڭ گۈللىنىپ روناق تېپىشىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئاساسى، ئادىمىيلىكنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، شۇنداقلا «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ئىدىيەۋى ئالدىنقى شەرتى.

      بىراق، «ئۈچ خىل كۈچ»، بولۇپمۇ «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ قىلچىمۇ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ھېسسىياتى يوق. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇنلىرىنى پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن، بەزىلىرى مۇھىم ۋەزىپىگە قويۇلغان، ئىنتايىن مۇھىم ئىش ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مېھىر- شەپقىتىنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ، كومپارتىيەنىڭ تامىقىنى يەپ، كومپارتىيەنىڭ قازىنىنى چاقتى. ئاتا- ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشى، پەرزەنتلەرنىڭ يېتىم بولۇپ قېلىشى، ئائىلىنىڭ خارابلىشىشىنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلارغا ئېلىپ كەلگەن چەكسىز ئازابىنى پۈتۈنلەي كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىنتايىن يوشۇرۇن، شەخسىيەتچىلىككە تولغان ئاتالمىش «دۆلەت قۇرۇش چۈشى»نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئەخمىقانە خام خىيالدا بولۇپ، ئىنتايىن ئاز ساندىكى دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلار ۋە زوراۋان- تېررورچىلارنى ئائىلىسى، بالىچاقىلىرىدىن ۋاز كېچىپ، ۋاپاسىزلىق- تۇزكورلۇق قىلىپ، ئەسلىي زاتىنى ئۇنتۇپ، قانۇن- ئىنتىزامنى كۆزگە ئىلماي، ئادەم ئۆلتۈرۈش، پارتلىتىش، ئوت قويۇش، سوقۇۋېتىش، زەھەر سېلىش قاتارلىق بىر قاتار زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى ۋەھشىيلەرچە يولغا قويۇشقا قۇتراتتى، كۈشكۈرتتى، كۆرسەتمە بەردى، بىگۇناھ ئاممىنى قىممەتلىك ھاياتىدىن مەھرۇم قىلدى ھەم نادانلىق بىلەن ئۆزلىرىنى «قەھرىمان» دەپ كۆككە كۆتۈردى. كىشىنى تېخىمۇ غەزەپلەندۈرىدىغىنى، بۇ «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىنى چەكسىز قەدىرلەپ، بىرەرسىمۇ ئۆزلىرىنى «قۇربان» قىلمىدى، بىرەرسىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىنى «قۇربان» قىلمىدى، ئەكسىچە بىر قىسىم نادان، قايمۇقتۇرۇشقا ئۇچرىغان كىشىلەرنى زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىنى يولغا قويۇشقا قۇتراتتى، كۈشكۈرتتى، ئازدۇردى. «قاغا جېنىدا ئانىسىغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىشنى بىلىدۇ، قوزا جېنىدا ئانىسىنى تىزلىنىپ ئېمىپ ۋاپادارلىق كۆرسىتىدۇ»، ھەتتا ھايۋانلارمۇ ۋاپاغا ۋاپا قىلىشنى بىلىدۇ. لېكىن زوراۋان- تېررورچىلار ۋە پەردە ئارقىسىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر قاتارلىق مىللىي مۇناپىقلارنىڭ ۋاپاغا جاپا قىلىپ، جانغا زامىن بولغان، جەمئىيەتكە خەۋپ يەتكۈزگەن، دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلغان، ئىدراكنى يوقاتقان، ئادىمىيلىكنى يوقاتقان جىنايى قىلمىشلىرى مۇقەررەر ھالدا كۆزى روشەن ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىردەك غەزەپ -نەپرىتىگە ئۇچرايدۇ، ئۇلار تەرىپىدىن تۈكۈرۈپ تاشلىنىدۇ!

      ئىككىنچى، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ئومۇمىي ۋەزىيەت بىلەن قارشىلاشقانلىق، ئاساسىي ئېقىمغا قارشى يول تۇتقانلىق

      ھەممە كىشىنىڭ تەبىئىي ياشاش ھوقۇقى بار، بۇنداق ھوقۇق قانۇن كاپالىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەك، ھەرقانداق كىشىنى ھاياتىدىن قانۇنسىز ھالدا مەھرۇم قىلىشقا بولمايدۇ. دۆلىتىمىز كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى «ئاساسىي قانۇن»غا كىرگۈزدى ھەم تۈرلۈك قانۇنلار ئارقىلىق ھەقىقىي كاپالەتلەندۈردى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى، شىنجاڭنىڭ داۋالاش -ساقلىق ساقلاش سەۋىيەسى ئىنتايىن تۆۋەن ئىدى، يەرلىك كېسەللىكلەر، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر كۆپ يۈز بېرەتتى، نوپۇسنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ‰ 20.82، بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ‰420 تىن ‰600 قىچە بولۇپ، ئوتتۇرىچە ئۆمرى 30 ياشقا يەتمەيتتى. 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. 2017- يىلى، پۈتۈن شىنجاڭدا ئەر- ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 70 ياشتىن ئاشتى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى، پۈتۈن شىنجاڭدا ساۋاتسىزلىق نىسبىتى %90تىن ئاشاتتى. 2016- يىلىدىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭدا مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش يولغا قويۇلۇپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى تېزلىتىلدى. بۇ پولاتتەك پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىلا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقى تۈپ كاپالەتكە ئىگە بولالايدۇ.

      پەقەت تارىخنى توغرا تونۇغاندىلا، كەلگۈسىنى تېخىمۇ ياخشى ياراتقىلى بولىدۇ. شىنجاڭ دۆلىتىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قان قېرىنداش ئائىلە ئەزالىرى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى، شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان رايون. ئۇيغۇرلار ئەڭ دەسلەپتە ئىپتىدائىي دىن ۋە شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلغان، كېيىن يەنە زوروئاستىر دىنى، بۇددا دىنى، مانى دىنى، نېستورىيان دىنى، ئىسلام دىنى قاتارلىق دىنلارغا ئېتىقاد قىلغان. ئىسلام دىنى ھەم ئۇيغۇرلار ئەلمىساقتىن تارتىپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن دىن ئەمەس، ھەم بىردىنبىر ئېتىقاد قىلغان دىنمۇ ئەمەس. بۇ، تالاش- تارتىش كەتمەيدىغان ئوبيېكتىپ تارىخىي پاكىت. شىنجاڭ تارىخىنى ئەسلەيدىغان بولساق، 20- ئەسىرنىڭ بېشىدىن ئالدىنقى بىر قانچە يىلغىچە، «ئۈچ خىل كۈچ» چەت ئەلدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ قۇترىتىشى، قوللىشىدا، كۆپ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياشاش ھوقۇقى، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ھوقۇقى، مال- مۈلۈك ھوقۇقىغا خالىغانچە دەخلى- تەرۇز قىلىشقا، ئۇنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇندى. مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بار «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر تارىخقا قارشى تۇرۇپ، قۇرۇق گەپلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ئۆز گەپلىرىنى يورغىلىتىپ، ئاساسسىز گەپلەرنى قىلدى، بۇ دەل ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى، جەمئىيەتكە قارشى، مەدەنىيلىككە قارشى ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ بەردى.

      تارىخ 21- ئەسىرگە كىردى، كادىرلار قوشۇنىغا يوشۇرۇنۇۋالغان بەزى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر يەنىلا رەزىل نىيىتىدىن يانماي، ئومۇمىي ۋەزىيەت بىلەن قارشىلىشىپ، ئاساسىي ئېقىمغا قارشى يول تۇتۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت بەرگەن ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ، «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» قاتارلىق خاتا ئىدىيەلەرنى خالىغانچە تارقاتتى. ئۇلار «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن بىرلىشىۋېلىپ ئەسكىلىك قىلىپ، تىل بىرىكتۈرۈپ ئېغىز- بۇرۇن يالىشىپ، ئادەمنىڭ ھاياتىنى تىرناقچىلىكمۇ كۆرمەي، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچرىغان كىشىلەرنى ۋاسىتە قىلىپ، بىر قاتار زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى يولغا قويۇشقا قۇترىتىپ، كۈشكۈرتۈپ، ئازدۇرۇپ، پىلانلاپ، تەشكىللەپ، ئاياللار، بالىلارغا ۋەھشىيلەرچە زىيانكەشلىك قىلىش، بىگۇناھلارنى ياۋۇزلارچە ئۆلتۈرۈشتەك بىرمۇنچە زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى سادىر قىلىپ، ئۇرۇق- تۇغقانلارنى ئايرىلىش ئازابىغا دۇچار قىلىدىغان ئىنسانىيەت پاجىئەسىنى سادىر قىلدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىققىمۇ ئىنتايىن ناچار تەسىر يەتكۈزدى. چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ جىنايى قىلمىشلارنى جازالاش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما -تەدبىرلىرىنى ھەدەپ بۇرمىلاپ، ھۇجۇم قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىلغار مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، پارتىيە بىلەن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قان بىلەن گۆشتەك يېقىن مۇناسىۋىتى ۋە ھەر مىللەت ئامما ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر، قويۇق دوستلۇققا بۆلگۈنچىلىك سالماقچى بولدى. بۇ، ئۇلارنىڭ ئەخمىقانە خام خىيالى!

      ئۈچىنچى، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى قانۇن- نىزامغا خىلاپ، ئەخلاق ۋە ھەققانىيەتكە قارشى

      قانۇنغا بويسۇنۇش، تەرتىپنى قاتتىق ساقلاش ھەر بىر پۇقرانىڭ ئاساسىي مەجبۇرىيىتى. دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنىنىڭ 33- ماددا 4- تارمىقىدا: ھەرقانداق پۇقرا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇلار ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشى شەرت، دەپ بەلگىلەنگەن. ئاساسىي قانۇندىكى بۇ بەلگىلىمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ يولغا قويۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت ئايرىم- ئايرىم ھالدا جىنايى ئىشلار، ھەق تەلەپ ئىشلىرى ۋە جەمئىيەت باشقۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە نۇرغۇن قانۇن- تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ، پۇقرالارنىڭ تۈرلۈك ھەرىكەت ئۆلچىمى دائىرىسىنى ئېنىق بەلگىلىدى، قېلىپلاشتۇردى. دۆلەتنىڭ قانۇن سىستېمىسى ۋە تۈزۈمى جەمئىيەتنىڭ تەرتىپلىك ئايلىنىشى، پۇقرالارنىڭ ياشاش ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، مال- مۈلۈك ھوقۇقى، جۈملىدىن سىياسىي جەھەتتىكى ھوقۇقىنىڭ دەخلى- تەرۇزگە ئۇچرىماسلىقىنىڭ تۈپ كاپالىتى. قانۇنچىللىق ھەم دۆلەت مەدەنىيلىكى زامانىۋىلىقنىڭ بەلگىسى، ھەم بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتى، يۈكسىلىشىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەم. بىراق «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر بىمەنە گەپ- سۆزلەر، سەپسەتىلەرنى خالىغانچە ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى ھەرىكىتىگە كۈشكۈرتۈپ، قۇترىتىپ، تەشكىللەپ، پىلانلاپ، سادىر قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە جىنايى ئىشلار قانۇن- تۈزۈملىرىگە خالىغانچە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، قانۇن تۆۋەن چېكىگە خىرىس قىلدى؛ «دىن» نامىدىن پايدىلىنىپ، دىنىي ئەسەبىزم ھەرىكىتى ئارقىلىق مەمۇرىيەت، ئەدلىيە، مائارىپ، پىلانلىق تۇغۇت، ئۆيلىنىش ۋە پۇقرالارنىڭ مال- مۈلۈك ھوقۇق- مەنپەئىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى قانۇنلارنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا دەخلى- تەرۇز يەتكۈزدى ۋە ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ئۇلارنىڭ تۈپ مەقسىتى كىشىلەر قەلبىنى پاراكەندە قىلىش، جەمئىيەتنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، ئىتتىپاقلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن پارچىلاپ چىقىپ كېتىشتەك جىنايى مەقسىتىگە يېتىش.

      «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر قۇتراتقان ئەسەبىزم ئىدىيەسى، سەپسەتىلەر ۋە ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولۇپلا قالماي، يەنە ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئاساسىي ئەخلاق ۋە ھەققانىيەتتىن تامامەن چەتنىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجادىي ھالدا كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيەسىنى «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نىڭ مۇھىم تەدبىرى قىلىپ، بىر تۈركۈم دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ چىرىتىشىگە ئۇچرىغان ئامما، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى، ئەسەبىيلىك ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىش قىلمىشى يېنىك بولغانلارنى قۇتقۇزۇپ قايتۇرۇپ كېلىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كەڭچىلىكى، غەمخورلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى. تەربىيەلەنگۈچىلەر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇۋالغانلىقىغا سەمىمىي مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدىن قۇتۇلۇپ، قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن چەك- چېگرانى ئېنىق ئايرىدى. مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بار «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ئوبيېكتىپ پاكىتقا، ئىنسانىي ئەخلاق ۋە ھەققانىيەتكە پەرۋا قىلماي، چېگرا سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، كۈچىنىڭ بارىچە قارا چاپلاش، بۇرمىلاش قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللاندى. بۇ «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ جىنايى قىلمىشى دۆلەت قانۇنىنى، جەمئىيەت ئەخلاقى ۋە ھەققانىيەتنى، ئىنسانىي ۋىجداننى ئېغىر دەپسەندە قىلىپلا قالماي، يەنە ھەر مىللەت ئاممىغا غايەت زور زىيان يەتكۈزدى، كاللىسى سەگەك، ئەقلىي تەپەككۇر قىلالايدىغان ھەرقانداق دۆلەت پۇقراسى بۇنىڭغا قەتئىي تاقابىل تۇرۇشى ۋە قارشى تۇرۇشى كېرەك.

      بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، دانا ھۆكۈم قىلىپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بۇ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى بېكىتىپ، شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى، ۋەزىپىسى، تەلىپىگە ماسلىشىپ، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ قانۇنىيىتىگە بولغان ئىلمىي ئىگىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىزنىڭ كۆزىمىزنى روشەنلەشتۈردى، يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، يېڭى دەۋردە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ ئاساس، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق 9 -قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دىققەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا پۇختا مەركەزلەشتۈرۈپ، نەتىجە- ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بىر يۈرۈش «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، شىنجاڭدا ئومۇمىي ۋەزىيەت مۇقىم بولغان، ۋەزىيەت كونتروللۇقىمىزدا بولغان، ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ھالەتنى بارلىققا كەلتۈردى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئەگەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈمى بولمىسا، ئەگەر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى يولغا قويمىسا، شىنجاڭنىڭ بۈگۈنكى ياخشى ۋەزىيىتى بولمايتتى.

      ئۆتكەننى ئويلاش، خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىش بىر ئادەمنىڭ، بىر مىللەتنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئالغا ئىلگىرىلىشى، تەرەققىي قىلىشىنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، جەزمەن شىددەتلىك بوران -چاپقۇن شەكلىدىكى بىر مەيدان ئۆزىمىز ئۈستىدە ئىدىيە ئىنقىلابى ئېلىپ بېرىشنىڭ جىددىي پەيتىگە يېتىپ كەلدۇق. ئەمدى ھەرگىزمۇ قارىغۇلارچە دىنىي ھېسسىيات ۋە تار مىللەتچىلىك قارىشى بىلەن كاللىمىزنى چەكلەپ قويماسلىقىمىز، قەلبىمىزنى زەھەرلىمەسلىكىمىز، ھەرىكىتىمىزدە قايمۇقۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. پارتىيەگە كىرگەن چاغدا پارتىيە تەشكىلاتىغا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىمىزنى چوقۇم ئېسىمىزدە چىڭ ساقلىشىمىز، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار چوقۇم ئاتالمىش دىنىي ھېسسىياتنىڭ ئاسارىتىنى ئۈزۈل- كېسىل تۈگىتىشىمىز، قەلبىمىزگە يوشۇرۇنغان تار مىللەتچىلىك قارىشىنى بىر قېتىم ئۈزۈل- كېسىل چوڭ تازىلاش ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك. پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا، بىز ئېغىر يۈكتىن قۇتۇلۇپ، يەڭگىل جابدۇنۇپ ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيمىز، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق- مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىن كۈتكەن زور ئۈمىدى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ھەرگىز يەردە قويمايمىز؛ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ كەسكىن ۋەزىيىتىدە، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا جۈرئەت قىلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلىپ، ئۆزىمىزنى قۇربان قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان روھ ۋە ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتمايدىغان جاسارەت بىلەن، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق بارلىقىمىزنى پارتىيەگە، دۆلەتكە بېغىشلاپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرالايمىز؛ باشتىن- ئاخىر بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى مۇھىم، زور مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، نىشاننى چىڭ تۇتۇپ قويۇۋەتمەي، شىنجاڭنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم، ئومۇميۈزلۈك مۇقىم بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز.


    مەنبەسى :شىنجاڭ گېزىتى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك