• ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى-دەۋرنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى

  • يوللىغۇچى : دىلمۇرات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-11-29 06:20
  • ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى-دەۋرنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى

    1-قىسىم: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى-دەۋرنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى

    1977-يىلى ئېتىلىپ قالغىنىغا 10يىلدىن ئاشقان ئىشىك ئاستا-ئاستا ئېچىلىشقا باشلىدى. 5مىليون 700مىڭ نەپەر بىلىمگە ئىنتىلىدىغان ياش ئىمتىھان مەيدانىغا قاراپ يول ئېلىپ ھاياتىدىكى تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدىغان مىنۇتلارنى كۈتىۋالدى.
    1966-يىلىدىن 1976-يىلىغىچە بولغان 10 يىلدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى توختاپ قالغانىدى. 1977-يىلى 5-ئايدا، يولداش دىڭ شياۋپىڭ كەسكىنلىك بىلەن «بىزنىڭ پەن-تېخنىكا ۋە مائارىپىمىز تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ توپتوغرا 20 يىل كەينىدە قالدى، مائارىپنى ئىسلاھ قىلىپ، چارۋىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى دەرھال ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.» دېدى.  

    ئەينى ۋاقىتتىكى سەنشى ئۆلكىلىك ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىقىنى ئۈستىگە ئالغان رېن فىڭچى بۇ يىل 86 ياشقا كىردى. 1977-يىلى 6-ئايدا، ئۇ تۇيۇقسىز مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ.
    رېن فىڭچى: تەييۈەن يىغىنىدا ئىشچى،دېھقان، ئەسكەرلەرنىڭ ئالىي مەكتەپتە 5يىل ئوقۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلىلەرنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرى يەكۈنلەندى.
    1977-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى ۋەزىپىسى ئەمدىلا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن دىڭ شياۋپىڭ بېيجىڭدا «ئىلىم-پەن ۋە مائارىپ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى» ئاچتى. پەن-تېخنىكا ۋە مائارىپ ساھەسىدىكى نەچچە ئون نەپەر ۋەكىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدىكى پىكىرلىرىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويالمىدى. 
    ئاخىرى، ۋۇخەن داشۆنىڭ دوتسېنتى جا چۈەنشىڭنىڭ نۇتۇقىدىن كېيىن يولداش دىڭ شياۋپىڭ دەرھال «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىش»نى قارار قىلدى. شۇندىن كېيىن جاچۈەنشىڭ «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىكرىنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان كىشى» دەپ ئاتالدى. 

    جا چۈەنشىڭ: شۇ چاغدا مەن مۇشۇ يىلىلا ئىمتىھاننى ئەسلىگە كەلتۈرسەكمۇ ئۈلگىرىمىز دېدىم. كەينىدىن يولداش دىڭ شياۋپىڭ خاتىرجەم بولالماي ليۇ شىياۋدىن : «زادى ئۈلگۈرەلەمدۇق؟» دەپ سورىغانىدى ليۇ شىياۋ «ئۈلگىرىمىز» دېدى. 
    1977-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى «خەلق گېزىتى» دە «ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش زور ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلدى» تېمىسىدىكى خەۋەر بېسىلىپ، توختاپ قالغىنىغا 10 يىل بولغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تۈزۈمىنىڭ رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىلدى.  
    چوڭى 37ياشتىن كىچىكى 13 ياشقىچە بولغان مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تولىمۇ خۇشال بولۇشتى. مەركىزىي مۇزىكا شۆيۈەنىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مەسئۇلى جاۋفىڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى:
    بىرىنچىدىن، ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ ئىدى، ئەسلىدە 100 نەچچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ئويلاشقان، بىراق پۈتۈن مەملىكەتتىن ئىمتىھانغا تىزىملاتقانلارنىڭ سانى 17 مىڭغا يەتتى، ئىككىنچىدىن، تىزىملاتقانلارنىڭ ساپاسىمۇ يوقىرى ئىدى. 


    بۇ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى قىش پەسلىدە ئېلىنغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىدى.  ئىككى ئايدىن كېيىن، 270 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالدى.
    1977-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بىرىنچى يىلى بولغاچقا ئەۋلادلار تەرىپىدىن «بىر دۆلەت دەۋرىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسىنى كۈتۈۋالغان بىر يىل» دەپ ياد ئېتىلدى. 

    مەنبەسى :ئۇيغۇرچە رادىيو تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك