• داڭلىق ناخشىچى چېن يۈفەن تۆنۈگۈن زەھەر چىكىپ تۇتۇلدى،يىپ ئۇچىنى كىم تەمىنلىگەن؟

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-11-29 07:08
  • داڭلىق ناخشىچى چېن يۈفەن تۆنۈگۈن زەھەر چىكىپ تۇتۇلدى،يىپ ئۇچىنى كىم تەمىنلىگەن؟

    چېن يۈفەننىڭ زەھەر چېكىپ تۇتۇلۇشىدا، يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن «شىجىڭشەندىكى كونا قوشنىلار» نەدىن پەيدا بولغان؟
    تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن، نۇرغۇن دوستلارنىڭ ئۈندىدار چەمبىرىكىنى بېيجىڭ ساقچىلىرىنىڭ بىر ئۇقتۇرۇشى قاپلاپ كەتتى.
    2018-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى شىجىڭشەن ج خ تارماق ئىدارىسى ئاممىنىڭ پاش قىلىشىغا ئاساسەن، مەلۇم ئولتۇراق رايوندا زەھەرگە چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ناخشىچى چېن يۈفەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرىدىغان قىز دوستى خې  XXنى قولغا ئالغان، نەق مەيداندا 7.96 گىرام كىرىستال زەھەر، 2.14 گىرام نەشىنى قولغا چۈشۈرگەن. سۈيدۈك تەكشۈرۈشىدە، چېن يۈفەن كىرىستال زەھەر تۈرى ۋە نەشە تۈرىدە مۇسبەت چىققان، خې  XX نەشە تۈرىدە مۇسبەت چىققان، بۇ ئىككەيلەن مەمۇرىي جەھەتتە توختىتىپ قويۇلغان.

    بۇ قېتىم قارايدىغان بولساق، يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچى ھەممىگە داڭقى چىققان «چاۋياڭ ئاممىسى» بولماستىن، بەلكى شىجىڭشەن ئاممىسى بولغان، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ شىجىڭشەندىكى كونا قوشنىلار دېگەن ئالاھىدە ئىسمى بار بولۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى جەمئىيەت تۈزەشتە تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ كۈچىيىپ يېڭى ئاممىۋى كۈچكە ئايلانغان.
    چېن يۈفەن قەستەن چاۋياڭ رايونىدا «چاتاق چىقارماي»، «شىجىڭشەندىكى كونا قوشنىلار»غا تۆھپە كۆرسىتىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن. بۇ گەپ ئەلۋەتتە چاقچاق، لېكىن يەنىلا بېيجىڭدىكى ئاممىنىڭ ئىجتىمائىي ئامانلىقنى قوغداپ، قانۇنسىز جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش ئېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، ھەرگىزمۇ بىرلا ۋاقىت ۋە بىرلا ئورۇن بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بېيجىڭ ساقچىلىرىنىڭ زەھەر چېكىش، زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىش جەھەتتە كەينى-كەينىدىن تۆھپە يارىتىشىدا، ھەممىلا يەردە مەۋجۇت بولغان خەلق ئاممىسىنىڭ نازارەت سىستېمىسىغا زور دەرىجىدە تايىنىشىدىن بولغان.
    تېخى يېقىندىلا، زەھەر چېكىش ئارقىلىق ئورۇقلىماقچى بولغان تور رىياسەتچىسىنى، چاۋياڭ ئاممىسى پاش قىلغان.
    جىڭ X بۇ يىل 26 ياشقا كىرگەن بولۇپ، توردىكى گۈزەل رىياسەتچىلەرنىڭ بىرى، كىرىمىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى، ئۆزىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈپ تېخىمۇ كۆپ مەستانىلەرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، زەھەر چېكىپ ئورۇقلىماقچى بولغان.
    جىڭ Xنىڭ دېيىشىچە، زەھەر چەككەندىن كېيىن، ئۇ روھىي جەھەتتە زىيادە ھاياجانلانغان، ھېچنېمە يېمىگەن، ئىچمىگەن، دەم ئالمىغان، ھېرىپمۇ قالمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەستانىلەر بىلەن تېخىمۇ قىزغىن پاراڭلىشالايدىغان بولۇپ كەتكەن، ھەم ئورۇقلىيالىغان، بۇنىڭدەك بىر چالمىدا نۇرغۇن پاختەك سوقىدىغان ئىشقا، ئۇ ئاستا-ئاستا خۇمار بولۇپ قالغان. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ بىۋاسىتە تارقىتىشقا تايىنىپ تاپقان پۇلى كۈندىلىك ئىستېمالىغا يەتمەي، ئەگرى ئويدا بولۇپ، زەھەر چېكىشنى ياخشى كۆرىدىغان 50 ياشلار چامىسىدىكى پۇلدار ليۇ X بىلەن يېقىنلاشقان.


    ئۇزۇن ئۆتمەيلا، چاۋياڭ ئاممىسى بۇ زەھەرگە چېتىشلىق يىپ ئۇچىنى بايقىغاندىن كېيىن، ساقچىلارغا پاش قىلغان. چاۋياڭ تارماق ئىدارىسى زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرى جىڭ X بىلەن ليۇ X نى تۇتقان. ھازىر بۇ ئىككىيلەن زەھەر چەككەنلىكى ئۈچۈن مەمۇرىي جەھەتتە توختىتىپ قويۇش جازاسىغا ئۇچرىغان، دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.
    بەزىدە، زەھەرنىڭ كېلىش مەنبەسى بېيجىڭنىڭ سىرتىدا بولسىمۇ، يەنىلا كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان.
    8-ئايدا، بىر ئەر توردا كېلىشكەن ماشىنا بىلەن چۇڭچىڭدىن يولغا چىقىپ، زەھەرنى ئاپتوموبىلنىڭ ئارقا كابىنكىسىغا يوشۇرۇپ، بېيجىڭغا ئېلىپ كىرمەكچى بولغان، چاۋياڭ ساقچىلىرى يىپ ئۇچىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، دەرھال كەينىدىن ئىز قوغلىغان.
    گۇمانلىق ئاپتوموبىل فاڭشەن رايونىدىكى مەلۇم جايدا توختىغاندىن كېيىن، ساقچىلار دەرھال گۇمانلىق ئەرنى تۇتقان، ھەمدە بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئارقا كابىنكىسىغا قويۇلغان قارا رەڭلىك چاماداننىڭ ئىچىدىكى ئىككى بولاق زەھەرنى تاپقان. نەق مەيداندا ئۆلچىگەندە، ئايرىم-ئايرىم 22 گىرام ۋە 52 گىرام چىققان.
    «بۇ نېمە؟»
    ساقچىنىڭ سوئالىغا قارىتا، گۇمانلىق ئەر ۋاڭ X بۇنىڭ كىرىستال زەھەر ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ چۇڭچىڭدىن 10 مىڭ يۈەن خەجلەپ ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، ئولتۇرغىنىنىڭ توردا كېلىشكەن ئاپتوموبىل ئىكەنلىكىنى، ئاپتوموبىلدىكى باشقا كىشىلەرنىڭ پەقەت ماشىنىدا تەڭ ئولتۇرۇپ كەلگەنلەر ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ۋاڭ X ئىلىكىدە قانۇنسىز زەھەر تۇتۇپ تۇرۇش جىنايىتى بىلەن چاۋياڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە قولغا ئېلىنغان.


    «چاۋياڭ ئاممىسى» بىلەن «شىجىڭشەندىكى كونا قوشنىلار»دىن سىرت، «خەيديەندىكى تورداشلار»مۇ زەھەر توغرىسىدىكى يىپ ئۇچلىرىنى پاش قىلغان.
    2017-يىلى 3-ئايدا، خەيديەن ج خ تارماق ئىدارىسى زەھەر چەكلەش ئوتتۇرا ئەترىتى تورداشلارنىڭ بىر زەھەرگە چېتىشلىق شايكا خەيديەن رايونى شىشەن خەلقئارا شەھەرچىسى ئىچىدە توپلىشىپ زەھەر چېكىۋاتىدۇ دېگەن دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان.
    پاش قىلغۇچى بىلەن تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ساقچىلار ئەھۋالنىڭ راستلىقىغا ھۆكۈم قىلىپ، ئالدىنقى باسقۇچلۇق رازۋېدكا خىزمىتى ۋە ئەھۋال ئىگىلەشنى دەرھال قانات يايدۇرغان: مەزكۇر جىنايەت شايكىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى فۇ X بىلەن ۋاڭ X ئەر-خوتۇن بولۇپ، دائىم 10-بىنادىكى ۋاڭ X نىڭ ئۆيىدە توپلىشىپ زەھەر چېكىدىكەن.
    شۇ كۈنى كەچتە، مەزكۇر شايكا ئەزالىرى ئارقا-ئارقىدىن بىنادىن چىققان، زەھەر چەكلەش ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ باشلىقى تۇتۇش بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈپ، ئۆي ئىچىدە توپلىشىپ زەھەر چەككەن ۋاڭ X، فۇ X قاتارلىق ئالتەيلەننىڭ ھەممىسىنى تۇتقان.
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بېيجىڭدىكى «چاۋياڭ ئاممىسى»، «شىچېڭدىكى چوڭ ئانا»، «خەيديەندىكى تورداشلار»، «فېڭتەيدىكى نەسىھەت قىلىش ئەترىتى»، «شىجىڭشەندىكى كونا قوشنىلار» قاتارلىق خەلق ئاممىسى كوللېكتىپى توردا نام چىقارغان، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئۇلارنى دوراش ئەۋج ئالغان، مەسىلەن خاڭجۇدىمۇ «گۇمپىچى چوڭ ئانا» پەيدا بولغان.
    يېقىندا، مۇخبىر مەركىزىي سىياسىي قانۇن كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرغان «فېڭچياۋ تەجرىبىسى» باش تېمىسىدىكى يىغىنغا قاتناشقان. يىغىندا مەركىزىي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گو شىڭكۈن «گۇمپىچى چوڭ ئانا»، «چاۋياڭ ئاممىسى» قاتارلىق ياخشى ئىش، ياخشى تەجرىبىلەرنى ماختىغان.


    11-ئاينىڭ 12-كۈنى، يولداش ماۋزېدۇڭنىڭ «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نى ئۆگىنىش ۋە كېڭەيتىشنى تەستىقلىغانلىقىنىڭ 55 يىللىقى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نى داۋاملىق قانات يايدۇرۇشقا كۆرسەتمە بەرگەنلىكىنىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى جېجياڭ شاۋشىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن.
    گو شېڭكۈن مۇنداق كۆرسەتكەن: «ھازىر تور دەۋرى، كىشىلەر بىلەن كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ئىنتايىن قولايلىشىپ كەتتى، لېكىن يۈزمۇ-يۈز، قەلبلەر باغلانغان ھالدا خەلق خىزمىتىنى ئىشلەشتەك ئېسىل ئەنئەنىنى تاشلىۋېتىشكە بولمايدۇ. خەلق كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە توپلاپ، شەھەر-يېزىلاردىكى ئاممىلارنى ئاساسىي قاتلامدىكى جەمئىيەت تۈزەشتىكى كەڭ قاتناشقۇچىلاردىن قىلىش كېرەك.»
    ھەممىدە ئاممىنى كۆزدە تۇتۇش، ھەممىدە ئاممىغا تايىنىش جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ خىزمەت قىلىشتىكى ئەڭگۈشتىرى.

    مەنبەسى :جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك