• ئەتىدىن باشلاپ بۇ بەلگىلىمىلەر تۇرمۇشىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-11-30 07:27
  • ئەتىدىن باشلاپ بۇ بەلگىلىمىلەر تۇرمۇشىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

    2018-يىلىنىڭ ئاخىرقى بىر ئېيى قالدى، يىل بېشىدا كۆڭلىڭىزگە پۈككەن پىلانلىرىڭىزنى ئورۇنداپ بولدىڭىزمۇ؟ بىر تۈركۈم يېڭى بەلگىلىمىلەر ئەتىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، مەسىلەن، مەملىكىتىمىزدىكى يول يولۇچى تىرانسپورتىدا ھەربىيلەر قانۇن بويىچە مۇلازىمەتتىن ئالدىن بەھرىمەن بولىدۇ، شەھۋانىيلىق ۋە قانۇنسىزلىق قىلمىشلىرىنى پاش قىلغانلارغا بېرىلىدىغان مۇكاپات ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 600 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ، خەتەرلىك يۈك تىرانسپورتىغا دائىر يېڭى بەلگىلىمە يولغا قويۇلۇشقا باشلايدۇ... ...

    بۇ بەلگىلىمىلەرنىڭ ھەممىسى سىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك، قېنى ئەمىسە، نەزىرىڭىز بىزدە بولسۇن!

    مەملىكەت مىقياسىدىكى يول يولۇچى تىرانسپورتىدا ھەربىيلەر قانۇن بويىچە مۇلازىمەتتىن ئالدىن بەھرىمەن بولىدۇ

    12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، مەملىكەت مىقياسىدىكى ئاپتوموبىل يولۇچى تىرانسپورت بېكىتى، يول يولۇچى تىرانسپورت لىنىيەسى تىجارەتچىلىرى بېلەت سېتىش، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش، ئاپتوموبىل كۈتۈش، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇش قاتارلىق ھالقىلاردا ھەربىيلەرنى قانۇن بويىچە ئالدىن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، ھەربىيلەر بىلەن بىرگە سەپەرگە چىققان تۇغقانلىرى (پىرىنسىپ جەھەتتە،  2 دىن ئېشىپ كەتمىگەن ئەھۋالدا شۇ ھەربىي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىسپاتلىمىسىمۇ بولىدۇ)مۇ شۇ ھەربىي بىلەن ئوخشاش ئالدىن مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

    شەھۋانىيلىق ۋە قانۇنسىزلىق قىلمىشلىرىنى پاش قىلغانلارغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 600 مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ 

    مەملىكەتلىك شەھۋانىيلىق ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش خىزمىتى گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى قاتارلىق تارماقلار يېڭىدىن ئېلان قىلغان «شەھۋانىيلىق ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش بويىچە پاش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش چارىسى» 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇ چارىدە ئالاقىدار مۇكاپاتلاش ئۆلچەملىرى بېكىتىلگەن بولۇپ، قانۇنسىز نەشر قىلىش قىلمىشلىرىنى پاش قىلغانلارغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 600 مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ.

    كونا كىنونى قايتا قويۇش ئۈچۈن قايتا تەكشۈرتۈش كېرەك

    دۆلەت كىنوچىلىق ئىدارىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، كىنونى قايتا قويۇش ئۈچۈن مەزمۇنىنى قايتا تەكشۈرتۈش ۋە قويۇش ئىجازەتنامىسى ئېلىش كېرەك. مەملىكەت بويىچە قويۇلىدىغان كىنوخانا 2500دىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ، ھەر بىر كىنوخانىدا قويۇلىدىغان زال سانى بىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

    يېڭى «خەتەرلىك يۈك تىرانسپورت قائىدىسى» يولغا قويۇلىدۇ

    قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى ئېكان قىلغان «خەتەرلىك يۈك تىرانسپورتى قائىدىسى» 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. ئۇنىڭدا خەتەرلىك يۈكنىڭ تۈرى، ئورالمىسى، ماركىسى، توشۇش تەرتىپى قاتارلىقلار ھەققىدە ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلغان.


    ئىناۋەت كارتىسىنى غەرەزلىك 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قەرز قىلىۋەتكەنلەرگە جىنايى جازا بېرىلىدۇ

    ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىرلىكتە قارار چىقىرىپ، 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئىناۋەت كارتىسىنى غەرەزلىك 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن قەرز قىلىۋېتىشنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئىناۋەت كارتىسىنى غەرەزلىك قەرز قىلىۋېتىش قىلمىشىغا دائىر بەلگىلىمىدىكى «سوممىسى بىر قەدەر كۆپ بولسا» دېگەن ئەھۋالغا تەۋە بولىدىغانلىقىنى بېكىتتى.

    خەينەندە ساياھەتچىلەردىن ئىمپورت مال بېجى ئالماسلىق يىللىق چېكى 30 مىڭ يۈەنگە ئۈستۈرۈلدى

    مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئۈچ تارماق ئېلان چىقىرىپ، 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئارالدىن ئايرىلىدىغان ساياھەتچى (ئارالدىكى ئاھالىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھەر بىر ئادەمگە ھەر يىلى باجدىن خالىي مال سېتىۋېلىش چېكى 30 مىڭ يۈەنگە كۆپەيتىلدى، قېتىم سانىغا چەك قويۇلمايدۇ.


    ج خ ئورۇنلىرىنىڭ قانۇننى ئاشكارا ئىجرا قىلىش ئەھۋالى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ

    ج خ مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان يېڭى بەلگىلىمە بويىچە، ج خ ئورگانلىرى قانۇننى ئاشكارا ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى قانۇن ئىجرا قىلىش سۈپىتىنى باھالاش ۋە نەتىجە باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، مۇكاپاتلاش-جازالاش مېخانىزمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. بۇ بەلگىلىمە 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

    تىرىك چوشقا توشۇيدىغان ماشىنىلار ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك

    يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا مىنىستىرلىقى ئېلان چىقىرىپ، 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ تىرىك چوشقا توشۇيدىغان ماشىنىلارنى ئەنگە ئېلىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، تىرىك چوشقا توشۇغاندا چوشقىلارنى ئايرىش ئارقىلىق زىچلىقىنى تەلەپكە يەتكۈزۈشنى ۋە شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

    بېيجىڭ: پۈتكەن يېڭى تۇرالغۇنى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇشتىن بۇرۇن، ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنى ئۆينىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈشكە تەشكىللەش كېرەك


    12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، بېيجىڭدا پۈتكەن يېڭى تۇرالغۇنى (تاۋار ئۆي، ئۆيى چېقىلغانلارغا بېرىلگەن ئۆي، ئەرزان-قولاي ئۆي، ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى ئۆي قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تۇرالغۇ ئورۇنلىرىنىڭ سۈپەت تەكشۈرۈشىدە لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇشتىن بۇرۇن، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنى ئۆينىڭ قۇرۇلۇش سۈپىتىنى تەكشۈرۈشكە تەشكىللىشى كېرەك. 



    گۇاڭدۇڭ: ھاقارەتلىك لەقەم قويۇشمۇ بوزەك قىلغانغا تەۋە

    «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا بوزەك قىلىش ئەھۋاللىرىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى كۈچەيتىش لايىھەسىنى يولغا قويۇش چارىسى (سىناق)» 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، ئۇنىڭدا باشقىلارغا ھاقارەتلىك لەقەم قويۇشنىڭ بوزەك قىلغانغا تەۋە بولىدىغانلىقى، قىلمىشى ئېغىر بولغاندا مەكتەپتىن قوغلاشقا بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەنگەن.



    گۈيجۇۋ: ئا دەرىجىلىك مەنزىرىگاھلار ھەقسىز ياكى يېرىم باھادا ئېچىۋېتىلىدۇ

    2018-يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2019-يىل 2-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە، گۈيجۇۋ ئۆلكىسىدىكى ئا دەرىجىلىك مەنزىرىگاھلار شاڭخەي، لياۋنىڭ، جياڭسۇ، جېجياڭ، گۇاڭدۇڭ، شەندۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ئاھالىلىرىگە ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ. باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسىگە يېرىم باھادا ئېچىۋېتىلىدۇ (بۇ ئېتىبار سىياسىتى مەنزىرگاھ ئىچىدىكى ئالاھىدە ئىجازەتلىك تۈرلەر ۋە ئارىشاڭ قاتارلىق تىجارەت تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ).


    فۇجيەن: سىرتتا ئىشلەۋاتقانلار بالىسى بىلەن ئېيىغا ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم ئالاقىلىشىشى كېرەك

    «فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ يېزىلاردىكى ئۆيدە قالغان بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە ئۇلارنى قوغداش چارىسى» 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، ئۇنىڭدا سىرتتا ئىشلەۋاتقان ئاتا-ئانىلار ئۆيدە قالغان بالىسى بىلەن ئېيىغا ئىككى قېتىم تېلېفوندا ياكى سىنلىق تېلېفوندا كۆرۈشۈشى، يېرىم يىلدا كەم دېگەندە بىر قېتىم كېلىپ يوقلىشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن.

    خېبېي: قېرىلار «غاجاش»نى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق


    خېبېي ئۆلكىسى ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش نىزامىنى ئېلان قىلدى، ئۇنىڭدا قورامىغا يەتكەن ھەم مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارى بار باققۇچىلار ياشانغانلاردىن ئىقتىسادىي ياردەم سورىغاندا، ياشانغانلار رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ ياشانغانلار قورامىغا يەتكەن ھەم مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارى بار باققۇچىلارنى ئۆيىدىن كۆچۈرۈۋېتىشكە ھوقۇقلۇق دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ نىزام 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.



    شەندۇڭ: مەخسۇس كۇرس تېبابەتچىلىك ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئوقۇش ھەققى ئېلىنمايلا قالماستىن تولۇقلىما بېرىلىدۇ

    «شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ مەخسۇس كۇرس تېبابەتچىلىك ئوقۇغۇچىلىرىنى ھەقسىز ئوقۇتۇش خىزمىتىنى يولغا قويۇش چارىسى»12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، ئۇنىڭدا يېزا-بازار شىپاخانىلىرى ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىغا يىلىغا ئۈچ يۈز نەپەر تېببىي خادىم تەربىيەلەپ بېرىش پىلانلانغان بولۇپ، بۇ ئوقۇغۇچىلاردىن ئوقۇش ھەققى، ياتاق ھەققى ئېلىنمايدۇ، يىلىغا 4000 يۈەندىن تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.


    جېجياڭ: يېزا كوللېكتىپ مۈلكىنىڭ پاي ھوقۇقىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى يولغا قويۇلىدۇ

    «جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ يېزا كوللېكتىپ مۈلكىنىڭ پاي ھوقۇقىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى» 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. يېزا كوللېكتىپ مۈلكىنىڭ پاي ھوقۇقى پايچىلارنىڭ يېزا كوللېكتىپ مۈلكىنىڭ پايدىسىدىن ئۈلۈش ئېلىش ئاساسى بولۇپ، ئۇنى قانۇن بويىچە ئوبوروت قىلىشقا، رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ.


    نەنجىڭ: بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇش قانۇنىي بەلگىلىمە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلىدۇ


    «نەنجىڭ شەھىرىنىڭ دۆلەت تەزىيەسىنى كاپالەتلەندۈرۈش نىزامى» 12-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، نىزامدا بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇش قاتارلىق مۇراسىملار تەشەببۇستىن قانۇنىي بەلگىلىمە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن، دۆلەت تەزىيە ئەسلىھەلىرى قاتارلىق ئورۇنلاردا ياپون جاھانگىرلىكىگە سىمۋول بولالايدىغان ھەربىي فورما، بايراق، بەلگە ۋە باشقا سايمان-جابدۇقلارنى ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان.


    2018-يىلىنىڭ ئاخىرقى بىر ئېيىدا داۋاملىق تىرىشايلى!

    مەنبەسى :ئۇيغۇرچە رادىيو تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك