• ئەسكەرتىش! كىملىك سۈرىتىڭىز يارىمىسا قايتا چۈشسىڭىز بولىدىكەن

  • يوللىغۇچى : دىلمۇرات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-11-30 07:41
  • ئەسكەرتىش! كىملىك سۈرىتىڭىز يارىمىسا قايتا چۈشسىڭىز بولىدىكەن

    مۇخبىرنىڭ 11-ئاينىڭ 29-كۈنى ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات تارقىتىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ج خ مىنىستىرلىقى بۈگۈندىن باشلاپ ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى خەلققە قولاي ئالتە تۈرلۈك تەدبىرنى يولغا قويۇپ، كارخانىلار ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىش ۋە ئىگىلىك تىكلىشىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن، ئاھالىلەرنىڭ كىملىكتىكى سۈرىتىنى  «كۆپ قېتىم تارتىپ، ياخشىسىنى تاللاش» تەدبىرى يولغا قويۇلىدىكەن.
    ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئالتە تۈرلۈك تەدبىر كارخانا ئېچىش جەريانىنى ئاددىيلاشتۇرۇش، كارخانا ئېچىش ۋاقتىنى قىسقارتىش، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، كارخانىلارنىڭ ئىش بېجىرىش ئىسپات ماتېرىياللىرىنى كېمەيتىش، كارخانىلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى تۈزۈپ چىقىش، ئاھالىلەرنىڭ كىملىك ۋە تۇرۇش كىنىشكىسىنى بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىش، نوپۇس ئىشلىرىنى باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىقلارغا چېتىلىدىكەن. 

    بېڭبۇ شەھىرى سۇساۋ ساقچىخانىسىدا بىر شەھەر ئاھالىسى «كىملىكتىكى سۈرەتنى رازى بولغۇچى ئاپتوماتىك تارتىش سىستېمىسى»نى ئىشلەتمەكتە 

    بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاھالىلەرنىڭ كىملىك ۋە تۇرۇش كىنىشكىسى بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىش مۇلازىمىتىگە ئالاقىدار تەدبىردە كۆرسىتىلىشىچە، ئاھالىلەر كىملىكتىكى سۈرەتنى «كۆپ قېتىم تارتىپ، ياخشىسىنى تاللىسا» بولىدىكەن. ناۋادا ئاھالىلەر كىملىكتىكى سۈرىتىدىن رازى بولمىسا، يەنە قايتىدىن ئۈچ قېتىم سۈرەتكە تارتىشنى ئىلتىماس قىلىپ، شۇنىڭ ئىچىدىن ئۆزى رازى بولغان سۈرەتنى تاللىۋالسا بولىدىكەن. كىملىك بېجىرىپ بولغان ئاھالىلەر ئىككى يىل ئىچىدە كىملىكنى ئېلىشنى قايتا ئىلتىماس قىلغاندا ئەسلىدىكى سۈرەت ئۇچۇرىنى ئىشلىتىپ بېجىرسە بولىدىكەن. 

    مەنبەسى :ئۇيغۇرچە رادىيو تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك