• رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ قارشىلىشىشى يەنە يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى

  • يوللىغۇچى : akida
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-12-01 01:22
  • رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ قارشىلىشىشى يەنە يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى

    رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى قارشىلىشىش ۋەزىيىتى يېقىندا يەنە يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، ئۇكرائىنا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ قارا دېڭىزدىكى ئازوۋ دېڭىزىغا كېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى، ھەر قايسى تەرەپلەر رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنىڭ مەسىلىلەرنى سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلدى. 
    ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشېنكو 11-ئاينىڭ 29 -كۈنى، بۇ رايوننىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللاش ۋە ئەركىن قاتنىشىغا كېپىللىك قىلىش ھوقۇقىنى قوغداش يولىدا تىرىشىش ئۈچۈن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ھەربىي پاراخوتىنىڭ قارا دېڭىزدىكى ئازوۋ دېڭىزى رايونىغا كىرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . 
    پوروشېنكو شۇ كۈنى گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا يۇقىرىقىلارنى بىلدۈردى . ئۇ مۇنداق دېدى : خەلقئارا جەمئىيەت رۇسىيە ئارقا ئارقىدىن ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىنى كۆرمەسكە سالغانلىقتىن ، قىرىمدىن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دونباسقا يەنە ئازوۋ دېڭىزىغا كەلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: رۇسىيە بىزنىڭ ھەربىيلىرىمىزنى تېزدىن قويۇپ بېرىشى ، بىزنىڭ پاراخوتىمىزنى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، قارا دېڭىز - ئازوۋ دېڭىزى رايونىنىڭ خەلقئارا قاتناش ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا ۋەدە بېرىشى كېرەك. 
    پوروشېنكونىڭ يۇقىرىقى پوزىتسىيىسىگە قارىتا، رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى فىسكوف 11-ئاينىڭ 29 - كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى : رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ئىپادىسىگە پاسسىپ مەيدان قوللىنىدۇ ، ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ ئىپادىسىنىڭ مەقسىتى جىددىي ۋەزىيەتنى داۋاملىق كەسكىنلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت . لېكىن ، فېسكوف ، ئەگەر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزدىكى كېرىچ بوغۇزىغا ھەربىي پاراخوت ئەۋەتىدىغان بولسا ، رۇسىيەنىڭ قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقى توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش بەرمەي. 
    شۇ كۈنى، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بېرلىندا گېرمانىيە ئۇكرائىنا سودا مۇنبىرىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشقاندا ، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ مەسىلىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى ، ھەمدە پوروشېنكونىڭ ئۇكرائىنانىڭ قارا دېڭىزدىكى تالاش - تارتىشلارنى ھەل قىلىشىغا ياردەملىشىش ئۈچۈن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن گېرمانىيەنىڭ ھەربىي پاراخوت ئەۋەتىشى توغرىسىدىكى تەلىپىنى رەت قىلىپ، بىز ئۇكرائىنانىڭ ئىدراكى بولۇپ ، ئەقلى پاراسەت، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز، بۇ مەسىلىلەرنى ھەربىي ۋاسىتە ئارقىلىق ھەل قىلىش لايىھەسى يوق دېدى. 
    مېركېل يەنە مۇنداق دېدى : مەن ئارگېنتىنادا ئۆتكۈزۈلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا بۇ مەسىلىنى تىلغا ئالىمەن. ئۇ يەنە نورماندى شەكلىدىكى تۆت دۆلەتنىڭ كېڭىشىش داۋامىدا ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن سۆھبەتلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى . 
    ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى موگەيرىنى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئازۇ دېڭىزى بىلەن شىمالى كېرچ بوغۇزى رايونىدا يېقىندا يۈز بەرگەن جىددىي ۋەزىيىتىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئەڭ زور چەكتە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، كىرىزىسنى دەرھال پەسەيتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى . ئۇ، رۇسىيەنىڭ خەلقئارا قانۇننىڭ ئالاقىدار ماددىلىرىغا ئەمەل قىلىپ، كېرىچ بوغۇزىنىڭ دېڭىز قاتنىشىنىڭ ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسېر ئەسكەرلىرىنى تېزدىن شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى ھەمدە پاراخوتىنى قايتۇرۇش بېرىشنى ئۈمىد قىلدى. 
    ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كيېفتا ئۆتكۈزۈلگەن 2 - نۆۋەتلىك ئۇكرائىنا خەلقئارا دېڭىز - ئوكيان بىخەتەرلىكى مۇنبىرىدە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ پاراخوتى ھەمدە ئوفىتسېر ئەسكەرلىرىنى دەرھال قايتۇرۇپ بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ئەنگلىيەنىڭ ئۇكرائىنادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇنبەردە مۇنداق دېدى : ئەنگلىيە ئۇكرائىنانىڭ دېڭىز ئارمىيە كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ . 
    ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ يېقىندا قارا دېڭىز - ئازوۋ دېڭىزى رايونىدىكى تالاش تارتىشىدا ئۆزلىرىنىڭ گېپىنى يورغىلاتتى . ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسى ئاخبارات ئىدارىسى مۇشۇ ئاينىڭ 25-كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا: ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئىككى توپچى پاراخوتى بىلەن بىر كېمە سۆرەش پاراخوتىدىن تەشكىللەنگەن پاراخوت ئەترىتى شۇ كۈنى كېرچ بوغۇزى چوڭ كۆۋرۈكىدىكى ئازوۋ دېڭىزىدىن قارا دېڭىزغا كىرمەكچى بولغان . رۇسىيەنىڭ پاراخوتلىرى ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ كېمە سۆرەش پاراخوتىنى قەستەن سوققان ھەمدە ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىر توپچى پاراخوتىغا ئوق چىقىرىپ ، 6 ئادەمنى يارىلاندۇرغان ، 3 پاراخوتنى ۋە پاراخوتتىكى ئوفىتسېر ئەسكەرلەرنى تۇتۇپ قالغان . 
    رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 11-ئاينىڭ 26 -كۈنى تور بېكىتىدە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى : ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ پاراخوتى 11- ئاينىڭ 25-كۈنى رۇسىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدىن دەخلىسىز ئۆتۈش قائىدىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلدى،بۇنىڭغا قارتا رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئۇكرائىناغا قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرىدۇ . باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: 11- ئاينىڭ 25-كۈنى كېرىچ بوغۇزىغا يېقىن سۇ رايونىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر روشەنكى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلانغان ئىغۋاگەرچىلىك بولۇپ، بۇنىڭ مەقسىتى بۇ رايوننىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيەگە قارىتىلغان جازالىشىنى كۈچەيتىشكە باھانە ئويدۇرۇپ چىقىرىش ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇكرائىنانىڭ ئىچكى ئىشلىرىدىكى مەسىلىلەرگە بولغان دىققەتنى باشقا تەرەپكە بۇراشتىن ئىبارەت. ئازوۋ دېڭىزى رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئورتاق ئىگە بولغان بىر پارچە يېپىق دېڭىز ، پەقەت تار كېرچ بوغۇزى ئارقىلىق قارا دېڭىز بىلەن تۇتۇشىدۇ . ئازوۋ دېڭىزى قاتناش پىرىنسىپىغا ، ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيەنىڭ ئازۇ دېڭىزى قاتناش پىرىنسىپى كېلىشىمىگە ئاساسەن ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيەنىڭ دۆلەت بايرىقى ئېسىلغان پاراخوتلار ، ئازوۋ دېڭىزىنىڭ مۇھىتىغا تەھدىت پەيدا قىلماسلىق شەرتى ئاستىدا ، كېرچ بوغۇزىغا ئەركىن كىرسە ھەمدە ئازوۋ دېڭىزىدىكى ئۆزلىرىنىڭ پورتلىرىدا توختىسا بولىدۇ .

    مەنبەسى :uycnr.com




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك