• بۇ يىللىق ئەڭ يېڭى كىنو:نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ خەتەرلىك سەرگۈزەشتىسى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-12-16 06:27
  • بۇ يىللىق ئەڭ يېڭى كىنو:نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ خەتەرلىك سەرگۈزەشتىسى

    ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى ئۈندىدار سالونى مەخسۇس تېمىسى :بۈگۈن ئەلكۈيى ئۈندىدار كىنوخانىسىغا ھەر بىر شىنجاڭلىق چوقۇم كۆرۈشكە تىگىشلىك بولغان ، بىر نادىر كىنو يوللاندى ، ئۇ بولسىمۇ  2018-يىلى شاڭخەي كىنوچىلىق چەكلىك شىركىتى ۋە شاڭخەي گۈزەل سەنئەت كىنو ستودىيەسى بىرلىشىپ ئىشلىگەن،   جۇڭگو خەلق چۆچەكلىرىدىكى رىۋايەتلىك شەخسنىڭ بىرى بولغان شىنجاڭ قەشقەردىن دەپ ئاتىلىپ يىللاردىن بۇيان تىللاردىن - تىللارغا كۆچۈپ كىلىۋاتقان ئەقىل پاراسەتلىك ، دانىشمەن ، خەلقنىڭ قىيىنچىلىقى ئۈچۈن ئەكسىيەتچىل بايلار ، خىيانەتخور ئەمەلدارلار بىلەن ئەقىل پاراسىتىدە ئېلىشىپ ، خەلقنى بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىدىغان نەسىردىن ئەپەندىم ھەققىدە ئىشلەنگەن 3D كارتون فىلىم «ئەپەندىمنىڭ خەتەرلىك سەرگۈزەشتىسى» ناملىق كىنو .


    بۇ كىنودا ئۈزۈم شەھىرىنىڭ بىر مەيدان سۇ ئاپىتىدە قېلىشىدەك ۋەقەلىك ئاساسىي نوقتا قىلىنىپ سۆزلىنىدىغان بولۇپ ، ئەپەندىم ئۈزۈم شەھىرى پۇقرالىرىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بۇ قېتىملىق سۇ ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش يولىدا ،شەھەردىكى زالىم بايلار بىلەن ئېلىشىدىغان جەريانلىرى سۆزلىنىدۇ ، فىلىم داۋامىدا يەنە مۇھاببەتلىك بايانلارمۇ سۆزلىنىدىغان بولۇپ ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنى قوغداش ، ھايات-مامات بەدىلىگە ئۆزىنىڭ قەلبىدىكى كىشىلەرگە بولغان مېھىربانلىقنى يەتكۈزۈشمۇ ئەقىل -پاراسەتلىك بايانلار بىلەن سۆزلىنىدۇ .


    بۇ فىلىمنىڭ ناخشىسىنى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى نىغمەت ئابدۇراخمان ئورۇنلىغان بولۇپ ، فىلىمدە نەسىردىن ئەپەندىم ، گۈلشەن،باي غۇجام ، ئەپەندىمنىڭ ئىشىكى ،غازى قاتالىق ئاساسلىق پېرسۇناژلارنىڭ رولىنى يارىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە كۆپلىگەن قوشۇمچە روللار مەيدانغا چىقىدۇ .


    فىلىمنىڭ كۆرۈنۈشلىرى جۇڭگو قەدىمكى زامان مەدەنىيتىنىڭ بىرقىسمى بولغان قەشقەر شەھىرىنىڭ «كوزىچى يار بېشى» مەھەللىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا فىلىم مەيدانى ھاسىل قىلىنغان بولۇپ، يىپەك يولىنىڭ مۇھىم قىسمى بولغان قەشقەر مەدەنىيتى ياخشى نامايەندە قىلىنغان .فىلىم ئىشلىگۈچىلەر شىنجاڭدا كۆپ قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كىيىن بۇ فىلىمنى ئىشلەشنى باشلىغان .


    «ئەپەندىمنىڭ خەتەرلىك سەرگۈزەشتىسى»ناملىق  3D كارتون فىلىم 201-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ دۆلىتىمىزدىكى كىنوخانىلاردا قويۇلغاندىن كىيىن ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن،ئەپەندىم ئوبرازى 1979-يىلى يارىتىلغان ئەپەندىم ئوبرازى ئاساس قىلىنغان شۇنداقلا قەدىمكى چۆچەكلەردىكى ئەپەندىم ئوبرازىنى ساقلاش ، ئەسلى ۋەقەلىككە ھۆرمەت قىلىش، قەدىمكى دەۋىر مەدەنىيتىنى ياخشى ئىپادىلەش ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان . بۈگۈن ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى ئۈندىدار سالونى ۋە ئەلكۈيى ئۈندىدار كىنوخانىسىدا بۇ كىنونىڭ تولۇق قىسمى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سونۇلدى.

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك