• بۇ ئوقۇغۇچىلار بىللە ھاراق ئىچىپ 200 مىڭ يۈەن تۆلەمگە قالدى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-12-16 06:13
  • بۇ ئوقۇغۇچىلار بىللە ھاراق ئىچىپ 200 مىڭ يۈەن تۆلەمگە قالدى


    دوستلار ئارىسىدا تاماق يېگەچ، ئازراق ھاراق ئىچىش دائىم بولۇپ تۇرىدىغان ئىش ھېسابلىنىدۇ، لېكىن، ھاراق ئىچىش سەۋەبىدىن بەختسىزلىك يۈز بېرىشمۇ كۆپ ئۇچراپ تۇرىدۇ.
    خېنەن شۈچاڭدىكى مەلۇم كەسپىي شۆيۈەندە مۇنداق ئىش يۈز بەرگەن: يەتتە نەپەر 2000-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان ئوقۇغۇچى ياتاقتا ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەن، ئىككىنچى كۈنى، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ھوشىغا كەلمىگەن، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندا يۇلۇن ياللۇغى ۋە يۇقىرى ئورۇنلۇق كەسمە پالەچ دەپ دىئاگنوز قويۇلغان.

    ياتاقتا ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، ساۋاقدىشى مېيىپ بولۇپ قالغان، بىر ياتاقتا ياتقان يېقىن دوستلار سوتقا چىققان

    شياۋ لياڭ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) 2001-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، شۈچاڭدىكى مەلۇم كەسپىي شۆيۈەننىڭ ئوقۇغۇچىسى، ئەگەر شۇ قېتىمقى بەختسىزلىك بولمىغان بولسا، ئۇ ھازىر جەمئىيەتكە قەدەم قويغان بولاتتى.
    2016-يىلى 10-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، شياۋ ۋېي (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) قاتارلىق ئالتە نەپەر ساۋاقداش، مەكتەپنىڭ تاللا بازىرىدىن ئاق ھاراق، ئازراق ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىپ، ياتاقتا ھاراق ئىچمەكچى بولغان.
    بۇ ۋاقىتتا، ئۇدۇلدىكى ياتاقتا ياتىدىغان شياۋ لياڭ بۇ ياتاققا قايناقسۇ سوراپ كىرگەن، شۇ باھانە بىلەن ئۇمۇ بۇ ساۋاقداشلىرى بىلەن يېرىم كېچىگىچە ھاراق ئىچكەن، ئارىلىقتا ھاراق زورلاش بولمىغان.
    شياۋ لياڭ مەست بولۇپ قالغاندىن كېيىن، ساۋاقداشلىرى ئۇنى ياتىقىغا ئېلىپ چىقىپ، كارىۋىتىدا ياتقۇزۇپ قويغان، ياتاقداشلىرى ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان. بۇ ئوقۇغۇچىلار ھاراق سېتىۋېلىپ، ياتىقىغا قايتىپ يېرىم كېچىگىچە ھاراق ئىچكۈچە بولغان ئارىلىقتا مەكتەپنىڭ ياتاق باشقۇرغۇچى خادىملىرى بايقىمىغان ۋە توسمىغان.
    ئويلىمىغان يەردىن، ئىككىنچى كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شياۋ لياڭ ھوشىغا كەلمىگەن، ساۋاقداشلىرى جىددىي قۇتقۇزۇشقا تېلېفون قىلغان. كېيىن، شياۋ لياڭ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ شۈ چاڭ، جېڭجۇ، شىئەندىكى نۇرغۇن دوختۇرخانىلاردا داۋالانغان، يۇلۇن ياللۇغى ۋە يۇقىرى ئورۇنلۇق كەسمە پالەچ دەپ دىئاگنوز قويۇلغان، دوختۇرخانىدا بىر يىلدىن ئارتۇق يېتىپ، 400 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل خەجلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئاتچوت قىلىپ بەرگەن، مەكتەپ 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل بەرگەن. بۇ ئىش سەۋەبىدىن، شياۋ لياڭنىڭ ئۆيىدىكىلەر مەكتەپ، تاللا بازىرى ۋە شياۋ لياڭ بىلەن ھاراق ئىچكەن ساۋاقداشلىرىنى شۈچاڭ شەھىرى ۋېيدۇ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان.



    ئالتە ساۋاقداش 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق چاتما تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان

    سوتچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مەزكۇر دېلودا، شياۋ لياڭنىڭ مېيىپ بولۇش سەۋەبى باھالاش ئورنىنىڭ ئىقتىدار دائىرىسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن باھالاش مۇمكىن بولمىغان، لېكىن ئاق ھاراق ئىچىش بىلەن شياۋ لياڭنىڭ مېيىپ بولۇش نەتىجىسى ئوتتۇرىسىدا بەلگىلىك ئورۇنلۇق سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى بار، شۇڭا، دەۋاگەر، جاۋابكارنىڭ ھەممىسى بەلگىلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
    ئاخىرىدا، سوت مەھكىمىسى شياۋ لياڭنى %15 مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا، مەكتەپنىڭ باشقۇرۇشى جايىدا بولماي، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە بولغان تەربىيە مەسئۇلىيىتى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقتىن %65 (تەخمىنەن 800 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق) مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا ھۆكۈم قىلغان.
    شياۋ ۋېي قاتارلىق ئالتە ساۋاقدىشى %15 (200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق) چاتما تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا ھۆكۈم قىلىنغان.

    ئىجرا قىلغۇچى كادىر ساقچىلار قانۇننى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، دېلونى ئوڭۇشلۇق ئاياقلاشتۇرغان

    ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، بۇرۇن تۆلىگەن 100 نەچچە مىڭ يۈەننى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، مەكتەپ قالغان تۆلەمنى بىر قېتىمدىلا تولۇق تۆلىۋەتكەن، لېكىن تاللا بازىرى ۋە ئالتە نەپەر ئوقۇغۇچى ھۆكۈمنى ئادا قىلمىغاچقا، شياۋ لياڭنىڭ ئاتا-ئانىسى سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان.
    شۈچاڭ شەھىرى ۋېيدۇ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كادىرى ۋاڭ جىبىن مەزكۇر دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئىجرا قىلىنغۇچىلارغا دەرھال ئىجرا قىلىش ئۇقتۇرۇشى ۋە مال-مۈلكىنى دوكلات قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن، دېلو ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئۇ بۇ يەتتە نەپەر ئىجرا قىلىنغۇچىنى سوت مەھكىمىسىگە چاقىرىپ كېلىشنى قارار قىلغان.
    12-ئاينىڭ 7-كۈنى، ۋاڭ جىبىننىڭ ئىشخانىسىدا، ئۇ ئىجرا قىلىنغۇچىلارغا مۇنداق دېگەن: «ھەممىڭلار ئاتا-ئانا بولغۇچىلار، شياۋ لياڭنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇچرىغان ئازابنى ھېس قىلالمىساڭلارمۇ، لېكىن شۇلارنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ئويلاپ باقساڭلار چۈشىنەلەيسىلەر. شياۋ لياڭ گۇناھسىز، ھېچكىممۇ بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنى خالىمايدۇ. لېكىن مەيلى ھېسسىيات جەھەتتە بولسۇن ياكى قانۇن جەھەتتە بولسۇن، سىلەر بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈڭلارغا ئېلىشىڭلار كېرەك، بۇنىڭدىن كېيىن بالىلارغا بۇ ئىبرەت تەربىيىسىنى قىلىپ، ئۆزىنى قوغداشنى، ھەممە ئىشلارنى جايىدا قىلىپ ئاشۇرىۋەتمەسلىكنى ئۆگىتىڭلار، بۇنداق پاجىئە ئەمدى يۈز بەرمىسۇن...»
    ۋاڭ جىبىننىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بىر ئائىلە باشلىقى تۆلەم تۆلەشكە قوشۇلغان، ئارقىدىن قالغان ئائىلە باشلىقلىرىمۇ تۆلەم تۆلەشكە قوشۇلغان. مەكتەپ تاللا بازىرىنىڭ مەسئۇلىمۇ تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، مەزكۇر دېلو ئوڭۇشلۇق تاماملانغان.

    مەنبەسى :مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك