• شىنجاڭ بىڭتۇەنىنىڭ رەھبىرى تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ

  • يوللىغۇچى : ئازات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-12-16 07:13
  • شىنجاڭ بىڭتۇەنىنىڭ رەھبىرى تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ

    شىنجاڭ بىڭتۈەن پارتكومى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەسقەر قادىر تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ

    مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ 12-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى خەۋىرى: شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەسقەر قادىر ئىنتىزام، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلىش گۇمانى بىلەن، ئىنتىزام تەكشۈرۈشى ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلماقتا.


    ئەسقەر قادىرنىڭ تەرجىمىھالى:

    ئەسقەر قادىر، ئەر، ئۇيغۇر، 1960-يىلى 10-ئايدا تۇغۇلغان، 1975-يىلى 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1989-يىلى 2-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئەزاسى بولغان.

    1975-يىلى 8-ئايدىن 1984-يىلى 3-ئايغىچە، يېزا-ئىگىلىك 3-شى 53-تۇەن كىنو ئەترىتىنىڭ كىنو قويغۇچىسى بولغان.

    1984-يىلى 3-ئايدىن 1985-يىلى 3-ئايغىچە، يېزا-ئىگىلىك 3-شى 53-تۇەن كىچىك ئاپتوموبىللار ئەترىتىدە شوپۇر بولغان.

    1985-يىلى 3-ئايدىن 1987-يىلى 4-ئايغىچە، يېزا-ئىگىلىك 3-شى 53-تۇەن ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش يەتتىنچى تارماق ئەترىتىنىڭ شوپۇرى بولغان.

    1987-يىلى 4-ئايدىن 1990-يىلى 11-ئايغىچە، يېزا-ئىگىلىك 3-شى 53-تۇەن ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش يەتتىنچى تارماق ئەترىتىنىڭ ئىش بېجىرگۈچىسى بولغان.

    1990-يىلى 11-ئايدىن 1991-يىلى 3-ئايغىچە، يېزا-ئىگىلىك 3-شى 53-تۇەن ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش يەتتىنچى تارماق ئەترىتىنىڭ بۆلۈم خادىمى بولغان.

    1991-يىلى 3-ئايدىن 1992-يىلى 1-ئايغىچە، يېزا-ئىگىلىك 3-شى 53-تۇەن ئورگان مەمۇرىي ئىشخانىسىىدا باشقۇرغۇچى بولغان.

    1992-يىلى 1-ئايدىن 1995-يىلى 1-ئايغىچە، يېزا-ئىگىلىك 3-شى 53-تۇەن ئورگان مەمۇرىي ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

    1995-يىلى 1-ئايدىن 1996-يىلى 1-ئايغىچە، يېزا-ئىگىلىك 3-شى 53-تۇەن ئورگان مەمۇرىي ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.

    1996-يىلى 1-ئايدىن 1997-يىلى 2-ئايغىچە، يېزا-ئىگىلىك 3-شى 53-تۇەنى باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى بولغان (1995-يىلى 9-ئايدىن 1996-يىلى 6-ئايغىچە، شىخەنزە يېزا-ئىگىلىك شۆيۈەنىنىڭ يېزا-ئىگىلىك ئىلمى كەسپىدە ئوقۇغان).

    1997-يىلى 2-ئايدىن 1999-يىلى 12-ئايغىچە، يېزا-ئىگىلىك 3-شى 53-تۇەنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان (ئارىلىقتا: 1997-يىلى 9-ئايدىن 1998-يىلى 7-ئايغىچە، مەركىزىي پارتىيە مەكتەپنىڭ شىنجاڭ كادىرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىدا ئوقۇغان).

    1999-يىلى 12-ئايدىن 2001-يىلى 5-ئايغىچە، يېزا-ئىگىلىك 3-شى 53-تۇەن پارتكومىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

    2001-يىلى 5-ئايدىن 2002-يىلى 2-ئايغىچە، يېزا-ئىگىلىك 3-شى 53-تۇەن پارتكومىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مۇئاۋىن باشلىقى بولغان (تۇەن دەرىجىلىك).

    2002-يىلى 2-ئايدىن 2004-يىلى 6-ئايغىچە، يېزا-ئىگىلىك 3-شى 53-تۇەن پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، كومىسسارى بولغان (ئارىلىقتا: 2002-يىلى 5-ئايدىن 2002-يىلى 11-ئايغىچە، فۇجيەن ئۆلكىسى نەنئەن شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋەزىپىسىدە چېنىققان) (2000-يىلى 9-ئايدىن 2002-يىلى 8-ئايغىچە، مەركىزىي يېزا-ئىگىلىك رادىيو مەكتىپى ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپىدە خىزمەتتە تۇرۇپ، ئالىي تېخنىكومدا ئوقۇغان).

    2004-يىلى 6-ئايدىن 2005-يىلى 1-ئايغىچە، يېزا-ئىگىلىك 3-شى 53-تۇەن (مەركىزىي تۇەن مەيدانى) پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، كومىسسارى بولغان.

    2005-يىلى 1-ئايدىن 2006-يىلى 5-ئايغىچە، تۇمشۇق شەھەرلىك ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان.

    2006-يىلى 5-ئايدىن 2011-يىلى 9-ئايغىچە، يېزا-ئىگىلىك 3-شى 51-تۇەن پارتكومىنىڭ شۇجىسى، كومىسسارى بولغان.

    2011-يىلى 9-ئايدىن 2011-يىلى 11-ئايغىچە، يېزا-ئىگىلىك 3-شى تۇمشۇق شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن كومىسسارى بولغان.

    2011-يىلى 11-ئايدىن 2012-يىلى 2-ئايغىچە، يېزا-ئىگىلىك 3-شى تۇمشۇق شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن كومىسسارى قوشۇمچە بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

    2012-يىلى 2-ئايدىن 2012-يىلى 12-ئايغىچە، يېزا-ئىگىلىك 3-شى تۇمشۇق شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن كومىسسارى قوشۇمچە بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، قەشقەر ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان (ئارىلىقتا: 2012-يىلى 3-ئايدىن 2012-يىلى 5-ئايغىچە، بىڭتۇەن پارتكومى پارتىيە مەكتىپىنىڭ 18-قارارلىق بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدا بىلىم ئاشۇرغان).

    2012-يىلى 12-ئايدىن 2017-يىلى 12-ئايغىچە، يېزا-ئىگىلىك 3-شى تۇمشۇق شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن كومىسسارى، قەشقەر ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

    2017-يىلى 12-ئايدىن 2018-يىلى 2-ئايغىچە، بىڭتۇەن پارتكومى بىرلىكسەپ بۆلۈمى (تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى)نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى (مۇئاۋىن مۇدىر)، مىللەت-دىن ئىشلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بولغان.

    2018-يىلى 2-ئايدا، بىڭتۇەن پارتكومى بىرلىكسەپ بۆلۈمى (بىڭتۇەن مىللەت-دىن ئىشلىرى ئىدارىسى، بىڭتۇەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى) نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى (مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، مۇئاۋىن مۇدىرى) بولغان.

    (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى)


    مەنبەسى :uycnr.com




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك