• ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئېچىلدى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-12-19 11:22
  • ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئېچىلدى

    ىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى، لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن يىغىنغا قاتناشتى، ۋاڭ خۇنىڭ تەقدىرلەش قارارىنى ئوقۇدى




    ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى.


    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 40 يىللىق ئەمەلىيەت- پارتىيە 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ ئاچقان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، نەزەرىيەسى، تۈزۈمى، مەدەنىيىتىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكى، شەكىللەندۈرگەن پارتىيەنىڭ تۈپ نەزەرىيەسى، تۈپ لۇشيەنى، تۈپ تاكتىكىسىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.
    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 40 يىللىق ئەمەلىيەت- جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشقا قاراپ مېڭىشىنى قىممەتلىك تەجرىبە بىلەن تەمىنلەپ، پارلاق ئىستىقبالنى نامايان قىلغانلىقى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك كۈچ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسىلىشىگە قوشقان زور تۆھپىسى ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.
    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 40 يىللىق ئەمەلىيەت- ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مەزمۇت قەدەم بىلەن دەۋرگە يېتىشىپ مېڭىشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتىرى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىگەن ھالقىلىق تەدبىر شۇنداقلا ئىككى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى بەلگىلەيدىغان ھالقىلىق تەدبىر ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.


    لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن يىغىنغا قاتناشتى.
    خەلق سارىيى ھەيۋەتلىك، تەنتەنىلىك ئىدى، ئون مىڭ كىشىلىك زالدا چىراغلار چاقنىغان، كەيپىيات قىزغىن ئىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستىگە «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى» دېگەن پىلاكات ئېسىلغان، سەھنىنىڭ ئارقىسىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گىربى بىلەن «2018-1978» دېگەن خەتلەر ئېسىلغان، ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە قويۇلغان ئىدى.
    شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبەرلەر يىغىن مەيدانىغا كىرگەندە، ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.
    سائەت ئوندا، لى كېچياڭ تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى.
    ۋاڭ خۇنىڭ «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشقا كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان كىشىلەرنى تەقدىرلەش ھەققىدىكى قارارى»نى ئوقۇدى. قاراردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يۈمىن قاتارلىق يۈز يولداشقا ئىسلاھات ئاۋانگارتى دېگەن نام ھەم ئىسلاھات ئاۋانگارتى مېدالىنى بېرىش؛ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى قوللىغانلىقى ھەم ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن، ئالايىن مېرىئۇكىس قاتارلىق ئون خەلقئارالىق دوستقا جۇڭگو ئىسلاھات دوستلۇق مېدالىنى بېرىشنى قارار قىلدى. يىغىندا، ئىسلاھات ئاۋانگارتى نامى، جۇڭگو ئىسلاھات دوستلۇق مېدالىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ئىسىملىكى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.


    «باھارنىڭ ھېكايىسى» دېگەن مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ئىسلاھات ئاۋانگارتى نامى، جۇڭگو ئىسلاھات دوستلۇق مېدالىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ۋەكىللىرىگە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.



    شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت تارىخىي ھەل قىلغۇچ تەدبىرنى چىقىرىشى-پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى چوڭقۇر ئىگىلىگەنلىك، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئەمەلىيىتىگە بولغان چوڭقۇر يەكۈن، دەۋر ئېقىمىغا بولغان چوڭقۇر كۆزىتىش، خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى ۋە ئېھتىياجىنى چوڭقۇر چۈشىنىش. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش- پارتىيەمىزنىڭ بىر قېتىملىق ئۇلۇغ ئويغىنىشى، دەل مۇشۇ ئۇلۇغ ئويغىنىش-پارتىيەمىزنىڭ نەزەرىيەدىن ئەمەلىيەتكە ئۆتۈشكىچە بولغان ئۇلۇغ ئىجادىيىتىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش- جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى بىر قېتىملىق ئۇلۇغ ئىنقىلاب، دەل مۇشۇ ئۇلۇغ ئىنقىلاب- جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئۇلۇغ ھالقىشىغا تۈرتكە بولدى.
    شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش- 4-ماي ھەرىكىتىدىن بۇيان ئېلىمىزدە يۈز بەرگەن ئۈچ چوڭ تارىخىي ئىش، يېقىنقى زاماندىن بۇيان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئۈچ چوڭ نامايەندە.
    شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: يولداش ماۋزېدۇڭ ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنى تاماملاپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ بارلىق تەرەققىياتىغا تۈپ سىياسىي ئالدىنقى شەرت ۋە تۈزۈم ئاساسى ھازىرلىدى. يولداش دېڭ شياۋپىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ مەركىزىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا يۆتكەشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ تارىخى ھەل قىلغۇچ تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتتى. يولداش جياڭ زېمىن ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ ئىسلاھات نىشانى ۋە ئاساسىي رامكىسىنى تۇرغۇزۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتا ئومۇميۈزلۈك يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى 21-ئەسىرگە مۇۋەپپەقىيەتلىك يۈزلەندۈردى. يولداش خۇ جىنتاۋ ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئومۇميۈزلۈك تەڭكەش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلەپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى ۋە ئىلغارلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تارىخى باشلىنىش نۇقتىسىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا مۇۋەپپەقىيەتلىك چىڭ تۇردى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇردى.
    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، خەلقئارا ۋە مەملىكەت ئىچىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىگە ئومۇميۈزلۈك دىققەت قىلىپ، ئەمەلىيەتنى يەكۈنلەپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش ئارقىلىق، يېڭى دەۋىردە قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ زور دەۋر تېمىسىغا چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، يېڭى دەۋىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈشتە، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشتە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئومۇمىي روھىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمىتىگە بىر يۈرۈش يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستىراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخى ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى يېڭى دەۋرگە كىرگۈزدى.
    شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جاپا-مۇشەققەت ئادەمنى تاۋلايدۇ ۋە نەتىجە ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. 40 يىلدىن بۇيان، بىز ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، دادىللىق بىلەن سىناق قىلىپ، جەسۇرلۇق بىلەن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، يېڭى دۇنيانى بارلىققا كەلتۈردۇق. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، يېڭى مەزگىلنى باشلاشتىن يېڭى ئەسىرگە كىرىشكىچە، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇشتىن يېڭى دەۋىرگە كىرىشكىچە، 40 يىل بوران-چاپقۇننى باشتىن كەچۈرۈپ، 40 يىل تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، 40 يىل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدۇق، پارتىيىمىز خەلققە يېتەكچىلىك قىلىپ، قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن، ھەيۋەتلىك تارىخنى يارىتىپ، يەر-جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان، مەردانە كۆرەش قەسىدىسىنى يېزىپ چىقتى.
    شى جىنپىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيىلىك قۇرۇلۇشى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش، دىپلوماتىيە خىزمىتى، پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغ نەتىجىلىرىنى خۇلاسىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 40 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ئاسماندىن چۈشۈپ قالمىغان شۇنداقلا باشقىلارنىڭ ھەدىيەسىمۇ ئەمەس، بەلكى بۇ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تىرىشىشى، ئەقىل-پاراسىتى، جاسارىتى ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن. بىز نەچچە ئون يىل ۋاقىتتا تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر نەچچە يۈز يىلدا بېسىپ ئۆتكەن سانائەتلىشىش مۇساپىسىنى تاماملىدۇق. جۇڭگولۇقلارنىڭ قولىدا مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلار مۇمكىنلىككە ئايلاندى. بىز دۇنيا مۆجىزىسىنى ياراتقان جۇڭگو خەلقىدىن چەكسىز ئىپتىخارلىنىمىز ھەم چەكسىز مەغرۇرلىنىمىز.
    شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان توپلانغان قىممەتلىك تەجرىبە پارتىيە ۋە خەلقنىڭ قىممەتلىك مەنىۋىي بايلىقىدۇر، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىنتايىم مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە، شۇڭا بۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا ئۈزلۈكسىز بېيىتىشىمىز ۋە راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك. بىرىنچى، پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، تۆت ئاڭنى كۈچەيتىپ، تۆت ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت بۇ پاراخوتنىڭ توغرا لىنىيەنى بويلاپ، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. ئىككىنچى، خەلقنى مەركەز قىلىشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئەل قەلبىگە ماسلىشىپ، ئەل رايىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئەل ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا كۈچ چىقىرىپ، خەلقنى ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش نەتىجىلىرىدىن بەھرىلەندۈرۈپ، خەلقنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش شۇنداقلا سوتىسىيالىستىك زامانىۋىيلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىشلىرىغا تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇشىمىز كېرەك. ئۈچىنچى، ماركىسىزىمنىڭ يېتەكچى ئورنىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەت ئاساسىدا نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، دەۋىر سوئالىغا، خەلق سوئالىغا ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇپ، ماركىسىزمنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىمىز كېرەك. تۆتىنچى، جۇڭگوچە سوتىسىيالىزم يولىدا جەزمەن قەتئىي مېڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى داۋاملىق راۋاجلاندۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئىلگىرىلەش يۆلىنىشىنى چىڭ تۇتىشىمىز كېرەك. بەشىنچى، جۇڭگوچە سوتىسىيالىزم تۈزۈمىنى قەتئىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ تۈزۈم ئۈستۈنلۈكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشى، تېخىمۇ قېلىپلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. ئالتىنچى، تەرەققىياتنى بىرىنچى ۋەزىپە قىلىشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتىسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچلۈك ماددىي ئاساس سېلىشىمىز كېرەك. يەتتىنچى، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، تەڭ ئۇتۇققا قازىنىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، خەلقئارانىڭ ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى قوغداپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، يەرشارىنى تەرتىپكە سېلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. سەككىزىنچى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادكارلىقى، ئۇيۇشۇش كۈچى، جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىيغا رەھبەرلىك قىلىش، ئىدىيەنى يېتەكلەش، ئاممىنى تەشكىللەش، جەمئىيەتنى چاقىرىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، بارلىق چىرىك ئۇنسۇرلارنى قەتئىي تازىلاپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىنى ئىزچىل ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. توققۇزىنچى، دېئالىكتىك ماتېرىيالىزملىق بىلەن تارىخىي ماتېرىيالىزملىق دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەدە جەزمەن چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، يۈرەكلىك سىناپ بېقىش، يۈرەكلىك بۆسۈپ بېقىشقا ئىلھام بېرىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىشنى تىرىشىپ قىلىپ، ياخشى قىلىپ، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ مۇقىم ئۇزاققىچە ئىلگىرلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا قەتئىي مېڭىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايدىغان، ئىستىلى ياخشى خەلق ئارمىيەسى قۇرۇپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيەنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشقا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.
    شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇن بويىچە قاتتىق ئىش كۆرۈپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيلىقىغا تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىشىنى قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنى ۋەتەن خەلقى بىلەن بىرلىكتە مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىپ، ۋەتەننىڭ گۈللەپ قۇدرەت تېپىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ شان-شەرەپتىن تەڭ بەھىرلەندۈرىشىمىز كېرەك. ۋەتەننىڭ پۈتۈنلەي بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈپ مەنپەئەتى. بىز بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92-يىلىدىكى ئورتاق تونۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىيات ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارغا بەخت يارىتىشىمىز كېرەك.
    شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئۇلۇغ ئارزۇ كۈتۈش، توۋلاش بىلەنلا ئىشقا ئاشمايدۇ، جان تىكىپ كۆرەش قىلىپ، تىرىشىپ ئىشلەش ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ. بىز ھازىر كېمە ئوتتۇرا ئېقىنغا بارغاندا دولقۇن تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدىغان، تاغنىڭ يېرىمىغا چىققاندا يول تېخىمۇ تىك بولىدىغان مەزگىلدە تۇرۇۋاتىمىز، ماڭغانسېرى جاپالىق، ئالغا ئىلگىرىلىگەنسېرى خەتەرلىك بولىۋاتقان ئەمما ئىلگىرىلىمىسەك چېكىنىدىغان، ئىلگىرىلىمىسەك بولمايدىغان مەزگىلگە كەلدۇق. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇزۇن ۋە جاپالىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا تاغ-داۋانلارنى ئېشىپ داۋاملىق ئىلگىرىلەشكە توغرا كېلىدۇ. پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان بۇرچ تېخىمۇ شەرەپلىك، ۋەزىپە تېخىمۇ مۈشكۈل، خىرىس تېخىمۇ ئېغىر، خىزمەت تېخىمۇ ئۇلۇغ. ھەممە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان، ھەممە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان دەۋرىدە، بىز ھەرگىز مەغرۇرلىنىپ كەتمەسلىكىمىز، قانائەتلىنىپ قالماسلىقىمىز، بىر ئىزدا توختاپ قالماسلىقىمىز، ھەرگىز ئىككىنىلىپ قالماسلىقىمىز، ھەرگىز ئارىسالدى بولۇپ گاڭگىراپ قالماسلىقىمىز كېرەك، جەزمەن دىققىتىمىزنى ئۇلۇغ كۆرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىشلار، ئۇلۇغ ئارزۇغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىشىمىز كېرەك.
    شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ئۇزۇن تارىخىي مۇساپىدا جۇڭگو خەلقى ناھايىتى نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈردى، ناھايىتى نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى بەردى، جاسارەت بىلەن ئېلىشتى. ھازىر جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخىي مۇساپىدا توپلىغان غايەت زور ئېنېرگىيەسى يېتەرلىك قوزغىتىلدى، بۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا توسىۋالغىلى بولمايدىغان غايەت زور كۈچ ئاتا قىلدى.
    شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: پۈتۈن پارتىيە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە مەھكەم ساقلاپ، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇشى، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېڭى، تېخىمۇ زور مۆجىزىسىنى يارىتىشى، دۇنيا يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان يېڭى، تېخىمۇ زور مۆجىزىنى يارىتىشى كېرەك.
    لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيانقى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇلۇغ نەتىجە ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلەر چوڭقۇر يەكۈنلىنىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ئۈچۈن قوشقان ئاجايىپ تۆھپىسى يۈكسەك مەدھىيلەندى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ توختاپ قالماي بەلكى داۋاملىشىدىغانلىقى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىغانلىقى، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسى داغدۇغىلىق جاكارلاندى، ئىسلاھاتنى قەتئىي ئېغىشماي ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش نىشانى ۋە تەلىپى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە مەھكەم ساقلاپ، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىككى يۈز يىللىق» كۆرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىيەتلىك، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىيلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۆرەش قىلايلى!



    تەبرىكلەش يىغىنى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار تەقدىرلەنگەنلەر ۋە تەقدىرلەنگەنلەر تۇققانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.



    بېيجىڭدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى ھەمدە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.
    مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، پىشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پىشقەدەم كادىرلار ۋەكىللىرى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە كۆزگە كۆرۈنگەن تۆھپە قوشۇپ تەقدىرلەنگەنلەر ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى ۋەكىللىرى، شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، چەتئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار ۋە ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار، مۇھاجىرلار ئۇرۇق-تۇققانلىرى ۋەكىللىرى، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئاممىنىڭ ۋەكىللىرى، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئوفېتسىر-ئەسكەرلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېلىمىزدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى، ھەرقايسى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئېلىمىزدە تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى ۋە ئېلىمىزدە خىزمەت قىلىۋاتقان چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ تەخمىنەن 3000 ئادەم يىغىنغا قاتناشتى.

    مەنبەسى :مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك