• يولداش تۆمۈر داۋامەت ۋاپات بولدى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-12-20 12:05
  • يولداش تۆمۈر داۋامەت ۋاپات بولدى


    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، سادىق كوممۇنىزم  جەڭچىسى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلانى، 8-نۆۋەتلىك، 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يولداش تۆمۈر داۋامەت كېسەل سەۋەبىدىن 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 14 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە بېيجىڭدا 92 يېشىدا ۋاپات بولدى.

    تۆمۈر داۋامەت 1927-يىلى6-ئايدا تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ توقسۇن ناھىيەسىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئالىي تېخنىكوم مەلۇماتىغا ئىگە. 1952-يىلى 12-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن، 1950-يىلى 5-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان. 
    سابىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى بولغان.
    1950-يىلىدىن 1954-يىلىغىچە، شىنجاڭ توقسۇن ناھىيەسى ئىككىنچى رايون 3-يېزىسىنىڭ باشلىقى، رايوننىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىنى ئۆتىگەن. 
    1954-يىلىدىن 1964-يىلىغىچە، شىنجاڭ توقسۇن ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى، ج ك پ توقسۇن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ بىرىنچى شۇجىسى، تۇرپان مەركىزىي ناھىيىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان. (ئارلىقتا: مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ تەتقىقات سىنىپىدا ئوقۇغان)
    1964-يىلىدىن 1968-يىلىغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.
    1968-يىلىدىن 1974-يىلىغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومىتېت ئىشلەپچىقىرىش قوماندانلىق گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.
    1974-يىلىدىن 1978-يىلىغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومىتېت دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومىتېت داجەيدىن ئۆگىنىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومىتېت دېھقانچىلىق چارۋىچىلىق ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.
    1978-يىلىدىن 1979-يىلىغىچە، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى (شۇ چاغدا 1 - شۇجى تەسىس قىلىنغان)، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.
    1979-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى (شۇ چاغدا 1-شۇجى تەسىس قىلىنغان)، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. 
    1985-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى بولغان.
    1993-يىلىدىن 1994-يىلىغىچە، 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى بولغان. 
    1994-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە، 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان. 
    1996-يىلىدىن باشلاپ 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.
    1998–يىلى 3-ئايدىن 2003-يىلى 3-ئايغىچە 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

    ئۇ ج ك پ 12-، 13-، 14-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى. 5-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 8-نۆۋەتلىك، 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.


    مەنبەسى :مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك