• خوشخەۋەر! 2019-يىلى بۇ پۇلىڭىزنىڭ ئۆسۈشىدىن ئۈمىد بار!

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-12-20 12:30
  • خوشخەۋەر! 2019-يىلى بۇ پۇلىڭىزنىڭ ئۆسۈشىدىن ئۈمىد بار!

    يېقىندا، نۇرغۇن جايلار ئارقا-ئارقىدىن ھۆججەت تارقىتىپ، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى بېكىتىش ۋە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى نورمال تەڭشەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنىڭ مۇقىم ئۆستۈرۈلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بەزىلىرى ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى ئۆستۈرۈش سوممىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

    كېلەر يىلى پېنسىيە كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئۆسۈشىدىن ئۈمىد بار

    كۈتۈنۈش پۇلىنى ئۆستۈرۈش كۆزنىكى يېڭى نۆۋەتلىك ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. «ئىقتىساد پايدىلىنىش خەۋەرلىرى گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، 2019-يىلى كارخانا ۋە ئورگان، كەسپىي ئورۇندىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى 15-قېتىملىق ئۇدا ئۆسۈش مەزگىلىنى كۈتۈۋالغاندىن سىرت، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتى ۋە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى داۋاملىق ئۆسۈشتىن ئۈمىد بار ئىكەن.
    يېقىندا، گۇاڭشى، شەنشى، چىڭخەي، جىلىن قاتارلىق جايلار ئارقا-ئارقىدىن ھۆججەت چىقىرىپ، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى بېكىتىش ۋە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى نورمال تەڭشەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى مۇقىم ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بەزىلىرى كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئۆسۈش سوممىسىنى ھەمدە 2019-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بولغان.
    2005-يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزدە پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى ئۇدا 14 قېتىم ئۆستۈرۈلدى. كۆپلىگەن نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەر «ئىقتىساد پايدىلىنىش خەۋەرلىرى گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا، ئېلىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسەت يۈزلىنىشى ۋە تۈزۈم لايىھەسىدىن قارىغاندا، كېلەر يىلى پېنسىيە كۈتۈنۈش پۇلى يەنە داۋاملىق ئۆسىدۇ، ئۆسۈش نىسبىتى %5 ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ، دېگەن.
    جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا ئىجتىمائىي كاپالىتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جېڭ بىڭۋېن مۇنداق دەيدۇ: «كېلەر يىلى كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئۆسۈشى ئېنىق، كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ كۆرسەتمىلىك ئۆسۈشى كۈتۈنۈش پۇلى تۈزۈمىنىڭ نېگىزلىك قانۇنىيىتى.»
    جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا ئىجتىمائىي كاپالىتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىي تەتقىقاتچىسى جاڭ يىڭخۇانىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۈتۈنۈش پۇلى ئۇدا 14 قېتىملىق ئۆسۈش نەتىجىسىدە، ئۇنىڭ ئوتتۇرىچە مۇتلەق سوممىسى كۆرۈنەرلىك ئۆسكەن، مال باھاسى كۆرسەتكۈچى ۋە مائاش ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتقاندا، 2019-يىلى ناۋادا مۇتلەق سوممىنىڭ ئۆسۈشى ساقلاپ قېلىنسا، ئۆسۈش نىسبىتى 2018-يىلنىڭكىدىن يۇقىرى بولماسلىقى مۇمكىن ئىكەن.
    جۇڭگو ماكرولۇق ئىقتىساد تەتقىقات ئاكادېمىيەسى جەمئىيەت ئورنىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى گۇەن بو مۇنداق دەيدۇ: «ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئورنىغا قويۇش نىسبىتىنىڭ %65تىن يوقىرى سەۋىيەدە مۇقىملاشقانلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا، پېنسىيەگە چىققان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى تەمىناتى بىلەن نىشانلىق ئورنىغا قويۇش نىسبىتى چەتنەپ كېتىش مەسىلىسى تۈپتىن ئۆزگەرتىلدى. ئىشچى-خىزمەتچىلەر كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى تەڭشەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى پۇل پاخاللىقى خەۋپىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە تەرەققىيات نەتىجىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشقا ئۆزگەردى، ئۆسۈش نىسبىتىنىڭ نىسبەتەن مۇۋاپىق دائىرىدە ساقلىنىدىغانلىقى كۆزلەنمەكتە.»


    نۇرغۇن جايلاردا 2019-يىللىق شەھەر-يېزا ئاھالىسى كۈتۈنۈش پۇلى تەمىناتىنىڭ ئۆسۈشىدىن ئۈمىد بار

    ئىشچى-خىزمەتچىلەر كۈتۈنۈش پۇلىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى تەمىناتى ئىزچىل تۈردە كەمچىل بۆلەك بولۇپ كەلدى. نۆۋەتتە، بۇ كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئادەم بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق ئوتتۇرىچە تارقىتىلىش نىسبىتى 125 يۈەن بولۇپ، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش  پۇلىغا بولغان ئېھتىياجىنى تېخى قامدىيالمايدۇ. بۇ يىل 3-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى «شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى بېكىتىش ۋە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى نورمال تەڭشەش مېخانىزمىنى ئورنىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى تارقاتتى. شۇندىن كېيىن، جايلار يولغا قويۇش پىكىرىنى تېزلىكتە تۈزۈپ چىقىشتى.
    2019-يىلى شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتى ۋە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى يەنە ئۆستۈرۈلىدۇ. مۇخبىرنىڭ جايلاردىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقىدىن ئىگىلىشىچە، نۇرغۇن جايلار 2019-يىلى شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش ئىشلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان. مەسىلەن:
    گۇاڭشىدا: 
    2019-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بويىچە دەپنە ياردىمىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى كىشى بېشىغا ئوتتۇرىچە 600 يۈەندىن ئاز بولمايدۇ، ئاپتونوم رايون تولۇق سوممىلىق ياردەم بېرىدۇ.
    چىڭخەيدە: 
    2019-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، 65 ياشقا تولغان ۋە ئاشقان ھەر بىر سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ھەر ئايلىق ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىغا 5 يۈەن قوشۇپ بېرىلىدۇ.
    شەنشىدە: 
    2019-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئۆلكە بويىچە شەھەر-يېزا ئاھالىسى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تاپشۇرۇش دەرىجىسى ۋە ئەڭ يوقىرى تاپشۇرۇش دەرىجىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھەر بىر ئادەمنىڭ ھەر بىر يىللىقى 200 يۈەندىن 5000 يۈەنگىچە تەڭشىلىدۇ، بىر قەدەر يوقىرى دەرىجىلىك ئۆلچەمدە تاپشۇرۇشنى تاللىغانلارغا مۇۋاپىق دەرىجىدە تاپشۇرۇش تولۇقلىما ياردىمى بېرىلىدۇ.

    گۇەن بۇ مۇنداق دەيدۇ: «تەمىنلەش جەھەتتىن قارىغاندا، ھەقنى ئازايتىش-باجنى كېمەيتىش قاتارلىق تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات پايدىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز مەلۇم بولۇشى، مالىيە كىرىمىنىڭ مۇقىم ئېشىشى ئاھالە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى تەڭشەشكە ماددىي ئاساس يارىتىپ بەردى؛ ئېھتىياج جەھەتتىن قارىغاندا، تەمىناتنى بېكىتىش ۋە تەڭشەش مېخانىزمى ئەمەلىيلىشىپ، تەمىنات كىرىمنىڭ ئېشىشى ۋە مال باھاسى سەۋىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ياخشى سۈپەتلىك، قېلىپلاشقان تەڭشىلىش ئىزىغا چۈشىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى تاپشۇرۇش تولۇقلىما ياردىمىنى ھەرىكەتلىك تەڭشەش مېخانىزمى قوشۇلۇپ، ئۇزاق تاپشۇرسا كۆپ ئېلىش ۋە كۆپ تاپشۇرسا كۆپ ئېلىش پىرىنسىپى گەۋدىلىنىدۇ. كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسى ئاھالىنىڭ كاپالەت ئارزۇسىنى تېخىمۇ ئوبدان قاندۇرالايدۇ.»
    تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، شەھەر-يېزا ئاھالىسى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى مەبلەغگە ئايلاندۇرۇش قەدىمى تېزلىتىلدى، بۇ ئاھالە كۈتۈنۈش تەمىناتىنى ئۆستۈرۈشكە نىسبەتەنمۇ ئۇزاق مۇددەت پايدا بېرىدىغان چوڭ ياخشى ئىش.
     مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا «شەھەر-يېزا ئاھالىسى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى ھاۋالىلىك مەبلەغگە ئايلاندۇرۇش خىزمىتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى. جايلارمۇ ھەرىكىتىنى تېزلەتمەكتە.
    يۈننەندە: 
    16 ئوبلاست-شەھەر بويىچە شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ قالدۇقىدىن 5 مىليارد يۈەن جۇغلىنىپ، مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى كېڭىشىنىڭ مەبلەغگە ئايلاندۇرۇپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە ھاۋالە قىلىنغان.
    شەنشىدە:
     ناھىيە (شەھەر، رايون)لار 2018-يىل 12-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن، 2017-يىللىق ھەر قايسى شەھەر، ناھىيە (شەھەر، رايون) ئاھالىسىنىڭ كۈتۈنۈش فوندىنى ئاتچوت فوندى %30لىك دومىلىما قالدۇقتىن ئاز بولماسلىق تەلىپى بويىچە ئۆلكىلىك مالىيە تارمىقىنىڭ جۇغلاش مەخسۇس ئىسچوتىغا توپلايدۇ، ئۆلكىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، مالىيە نازارىتى تەرتىپ بويىچە ھەرقايسى شەھەر، ناھىيە (شەھەر، رايون)غا ۋاكالىتەن مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى كېڭىشىنىڭ مەبلەغگە ئايلاندۇرۇپ باشقۇرۇشىغا ھاۋالە قىلىدۇ.

    جاڭ يىڭخۇا مۇنداق دەيدۇ: «شەھەر-بازار ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى مەبلەغگە ئايلاندۇرۇش باشلىنىپ بولدى ھەمدە 2018-يىلى ئوتتۇرىچە %5تىن يۇقىرى پايدا نىسبىتى يارىتىلدى، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئامانەت ئۆسۈمى نىسبەتتىن يۇقىرى، بۇنىڭدىن قىممىتىنى ئاشۇرۇش ئۈنۈمىنىڭ روشەنلىكى مەلۇم.  شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى مەبلەغگە ئايلاندۇرۇشمۇ ئوخشاش ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ.»
    گۇەن بو مۇنداق قارىدى: ئاھالە كۈتۈنۈش فوندىنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ بازار ئارقىلىق مەبلەغگە ئايلاندۇرۇپ باشقۇرۇشقا جۇغلىنىشى تۈزۈم جەھەتتىن تېخىمۇ كۆپ مالىيە كۈچى ئارقىلىق شەخسىي ئىسچوتنىڭ ھېسابقا ئېلىنىدىغان ئۆسۈمىنى قەدەممۇقەدەم يۇقىرى كۆتۈرۈش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بېرىدۇ، شۇ ئارقىلىق شەخسىي ئىسچوتنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى كاپالەت ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.
    ئەمما، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەبلەغگە ئايلاندۇرۇشتا ھەممە ئىشنى تەڭ باشلىۋېلىشقا بولمايدىكەن. «بۇنىڭغا شەھەر-يېزا ئاھالىسى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەبلىغىنىڭ كۆلەم جەھەتتىكى تارقاقلىقى ئاساسىي سەۋەب، شەھەر-بازار ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى فوندىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ مەبلەغ جەھەتتىكى جۇغلىنىش قىيىنچىلىقى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ» دېدى جىڭ بىڭۋېن.
    جاڭ يىڭخۇانىڭ قارىشىچە، كەلگۈسىدە ئاھالە كۈتۈنۈش پۇلى تەمىناتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى فوندىنىڭ سەرپ بولۇش ئىقتىدارى بولۇپ قالىدىكەن. تاپشۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، مەبلەغگە ئايلاندۇرۇپ قىممىتىنى ئاشۇرۇش، يىغىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، بىر تۇتاش پىلانلاش دەرىجىسىنى يوقىرى كۆتۈرۈش قاتارلىقلار كۆپەيتىشكە پايدىلىق بولىدىكەن. مۇۋاپىق تەمىناتنى ئاشۇرۇش، بەلگىلىمىگە خىلاپ بالدۇر پېنسىيەگە چىقىۋالىدىغان قىلمىشىنى ئازايتىش، ساختا، كۆپ ئېلىۋالىدىغان قىلمىشىنى تۈگىتىش قاتارلىقلار «ئوبوروتلۇق تېجەش»كە پايدىلىق بولىدىكەن.

    جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا ئىجتىمائىي كاپالىتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى چى چۇەنجۈن مۇنداق قارىدى: ھۆكۈمەتنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى ئاساسلىقى «ئاساسنى كاپالەتلەندۈرۈش» رولىنى ئوينايدۇ، نورمال تەڭشەش مېخانىزمىنى ئورنىتىش «ئاساسنى كاپالەتلەندۈرۈش»نى تۈزۈملەشتۈرۈش ئىزىغا ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. نۆۋەتتە كۈتۈنۈش پۇلى ئىسلاھاتىنىڭ مەركىزى كۆپ قاتلاملىق بولۇش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشقا يۆتكەلدى، كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ 2-تۈۋرۈكى ۋە 3-تۈۋرۈكىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش يەنىلا قىزىق نۇقتا بولۇپ تۇرماقتا.

    مەنبەسى :تېڭشۈن




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك