• ئاينەزەر ئامىرخانغا نەق مەيداندا ناخشا ئېيتىپ بىرىپ قىزىق نوقتا بولدى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-12-20 01:56
  • ئاينەزەر ئامىرخانغا نەق مەيداندا ناخشا ئېيتىپ بىرىپ قىزىق نوقتا بولدى


    ئەلكۈيى سەنئەت قانىلى ، ئەلكۈيى كۈندىلىك مەزمۇن ئۈندىدار سالونى خەۋىرى: 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچ دۆلىتىمىزنىڭ سەنيادا ئۆتكۈزۈلگەن كىنو فىستىۋالىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ھىندىستاننىڭ دۆلەت گۆھىرى دەرىجىسىدىكى چولپانى ئامىرخان يېڭى كىنوسى «ھىندىستان قاراقچىلىرى»نى ئېلىپ شىئەن ئىلىكتىرون پەن - تېخنىكا ئۇنىۋېرېستېتىغا كەلدى ۋە شىئەندىكى ئامىرخاننىڭ كىنو مەستانىلىرى بىلەن قىزغىن سۆھبەتتە بولدى ، بۇ قېتىملىق سۆھبەتنىڭ جەريانى 100 مىنۇتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان بولۇپ،ئامىرخان كىنو مەستانىلىرىنىڭ سۇئالىغا ئەستايىدىللىق بىلەن جاۋاب بەردى،ئۇنىڭ يېڭى كىنوسى  «ھىندىستان قاراقچىلىرى»ئامىرخاننىڭ 30يىللىق كىنو ھاياتىنى خاتىرلەش مەقسىتىدە سوۋغا قىلىنغان ئەسەر بولۇپ ، دۆلىتىمىزدە 12-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ قويۇلۇشقا باشلايدۇ .


    ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تىگىشلىك يەنە بىر نوقتا شۇكى ، بۈگۈنكى ئۇچرىشىشتا شىنجاڭدىن شىئەنگە ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا بارغان ئاينەزەر ئىسىملىك ئۇيغۇر قىزى ئامىرخاننىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان بولۇپ ، ئۇ ئامىرخانغا ھىندىستانچە ناخشا ئوقۇپ بىرىپ ، نەق مەيداندىكى تاماششىبىنلار ۋە ئامىرخاننىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن ، پائالىيەت جەريانىدا ئاينەزەر ئامىرخانغا مىللىيچە دوپپا سوۋغات قىلىپ نەق مەيدان كەيپىياتىنى كۆتۈرىۋەتكەن.ئامىرخاننىڭ شىئەندىكى پائالىيەتلىرى ۋە ئاينەزەرنىڭ ئامىرخانغا ناخشا ئېيتىپ بەرگەنلىكى دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى تاراتقۇلىرىنىڭ باش بەت سەھىپىسىدە شۇنداقلا ھىندىستان تاراتقۇلىرىدا خەۋەر بىرىلگەن.

    ئېگىلىنىشچە ، ئامىرخان جۇڭگولۇق مەستانىلەرنىڭ قىزغىنلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خوشال بولغان ، جۇڭگولۇق قىزنىڭ ھىندىستانچە ناخشىنى شۇنداق ياخشى ئېيتقىدىن سۆيۈنۈپ كەتكەن ھەمدە زىيارەت جەريانىدا جۇڭگو فىلىملىرىنى ناھايتى ياقتۇرىدىغانلىقىنى ، ئەڭ ھەمكارلاشقۇچىسى بار رېژىسسورنىڭ چىن كېشىن بىلەن «گۈلدەك ياشلىق »فىلىمىنىڭ رېژىسسورى فېڭ شياۋگاڭ ئىكەنلىكىنى ، ناۋادا ياخشى پۇرسەت ۋە ياخشى سىنارىيەلەر بولسا ئۆزىنىڭ خەنزۇ تىلىدا سەھنە دىيالوگلىرىنى ئورۇنلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.ئەڭ ھەمكارلاشقۇسى بار جۇڭگولۇق ئارتىس ھەققىدە سۇئال سورالغاندا ، ئۇ دېڭ چاۋ بىلەن ۋاڭ باۋچياڭنى تىلغا ئالغان . ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئۈندىداردا دائىم خۇاڭبو بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان(ئەسلىدە ئامىرخانمۇ دۆلىتىمىزنىڭ دۇنياغا داڭلىق ئۈندىدارىنى ئىشلىتىدىكەن ئەمەسمۇ!،لېكىن ئۈندىدار نۇمۇرىنى مەن دەپ بەرمەيمەن،سىز سالونىمىزنى قېتىۋېلىپ ئىزدەپ بېقىڭ!)

    پائالىيەت جەريانىدا مەستانىلەر ئامىرخاندىن «ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئوبرازىڭىز قايسى»دەپ سوئال سورىغاندا ، ئامىرخان ئوچۇق قىلىپ :«ھىندىستان قاراقچىلىرى»دىكى ئوبرازىمنى ئەڭ ياخشى كۆرىمەن ، چۈنكى بۇ رول ئىنتايىن ئۆزگىچە ، فرانكى بىر جاھانكەزدى ھارامتاماق ، بۇ رول ئۈچۈن مەن كۆپ ۋاقتىمنى سەرپ قىلدىم، كۆپچىلىك مىنىڭ بۇ كىنورىمنى تېخى كۆرمىدىڭلار شۇڭا سىلەر بەلكىم <دانگال> ، <ئۈچ ئەخمەق> تىكى ئوبرازىمنى ياقتۇرىشىڭلار مۇمكىن دېگەن.شۇنىڭغا قارىغاندا ئامىرخاننىڭ «ھىندىستان قاراقچىلىرى»كىنوسىنى دۆلىتىمىزدە قويۇلۇشقا باشلىغان ھامان كۆرمىسەك بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ جۇمۇ!

    ئەمدى گەپنى بىز ئاينەزەر بىلەن ئامىرخاننىڭ سۆھبىتىگە يۆتكەيلى ، ئامىرخانغا بۈگۈن ناخشا ئېيتىپ سوۋغات بەرگەن قىزنىڭ ئىسمى ئاينەزەر  ، شىنجاڭدىن شىئەن چەتئەل تىلى ئۇنىۋېرېستېتىغا ئوقۇشقا بارغان بولۇپ ، بۇ يىل ئالىي مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدا ئوقۇيدىكەن، ئۇ كىچىكىدىن ئامىرخاننىڭ كىنولىرىنى ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان بولغاچقا بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا شىنجاڭنىڭ مىللىيچە دوپپىسىنى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ دوستانە سالامىنى ئۆزگىچە ئۇسۇلدا يەتكۈزۈش مەقسىتىدە بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە بۇ مەزمۇننى تەييار قىلغان.

    ئامىرخاننىڭ ئەڭ يېڭى كىنوسى «ھىندىستان قاراقچىلىرى» 12-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ دۆلىتىمىزدە قويۇلىدىغان بولۇپ ، فىلىمنى ھىندىستان ياش راج فىلىم شىركىتى ئىشلىگەن،جۇڭگو كىنو گورۇھى شىركىتى ھەمكارلىشىپ ئىمپورت قىلغان ، جۇڭگو كىنو پاي چەكلىك شىركىتى ، «خۇاشيا »كىنو تارقىتىش شىركىتى ھەمكارلىشىپ تارقىتىشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ ،مۇشۇ ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ دۆلىتىمىزدىكى ھەرقايسى كىنوخانىلاردا قويۇلۇشقا باشلايدۇ،ئەلۋەتتە ئەلكۈيى ئۈندىدار سالونى ،ئەلكۈيى تور بېتى ، ئەلكۈيى ئۈندىدار كىنوخانىسىدىمۇ ماس قەدەمدە تارقىتىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدۇ .

    تېمىنى ئۆزگەرتىپ ياكى مەنبەنى ئەسكەرتمەي تارقىتىشقا بولمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلار قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ

    تۆۋەندىكىسى بۇ فىلىمنىڭ قىسقىچە ۋىدىئوسى

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك