• ئانار پىشتىنىڭ ئەڭ يېڭى MVسى مەملىكەتلىك مۇسابىقىدە شەرەپ قۇچتى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-12-21 04:30
  • ئانار پىشتىنىڭ ئەڭ يېڭى MVسى مەملىكەتلىك مۇسابىقىدە شەرەپ قۇچتى

    يېقىندا دۆلەتلىك زەھەر چەكلەش ئىشخانىسى 2018- يىللىق مەملىكەتلىك زەھەر چەكلەش جامائەت مەنپەئەتى ناخشا مۇسابىقىسىنىڭ باھالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. شىنجاڭ زەھەر چەكلەش ئىشخانىسى تەۋسىيە قىلغان "ماڭا دورا لازىم ئەمەس" (我不药) ناملىق ناخشا مەملىكەت بويىچە ئىككىنچى دەرىجىگە ئېرىشتى. 

    ماڭا دورا لازىم ئەمەس

    تۆۋەندە "ئانار پىشتى" گۇرۇپپىسى ئىشلىگەن بۇ ناخشىنىڭ MV سىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:



    ▼ 
    ئىجادىيەتچىسى ھەم ئورۇندىغۇچىسى: لافېي (拉菲)
    روللاردا: مەمەت ھوشۇق پىچاق، ئاقباش، شياۋ دىڭداڭ، لاڧېي

    我的兄弟叫叨叨
    唱起歌儿来很劳道
    长得帅个子高高
    不少姑娘爱着他
    可他最近像个傻瓜
    这到底是怎么啦?
    我看到你吃了药丸
    不停的摇头的呢
    摇啊摇啊,摇啊摇啊摇啊摇啊
    保持清醒啊
    摇啊摇啊,摇啊摇啊摇啊摇啊
    那个可是毒品啊
    摇啊摇啊,摇啊摇啊摇啊摇啊
    不能染上啊
    你摇啊摇啊,摇啊摇啊摇啊摇啊
    你要完蛋啦
    我的兄弟叨叨江
    看你现在怎么啦
    买了一包摇头丸
    当场被抓 拘留啦
    你的青春像个花儿
    摇来摇去可以吗
    我要为你唱起歌儿
    你咋又摇头的呢?
    摇啊摇啊,摇啊摇啊摇啊摇啊
    保持清醒啊
    摇啊摇啊,摇啊摇啊摇啊摇啊
    那个可是毒品啊
    摇啊摇啊,摇啊摇啊摇啊摇啊
    不能染上啊
    你摇啊摇啊,摇啊摇啊摇啊摇啊
    你要完蛋的

    بۇ MV  "ئانار پىشتى" گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئىشلىگەن يېڭى فىلىمنىڭ قىسقارتىلغان كۆرۈنۈشى بولۇپ،  تولۇق فىلىم كۆرۈرمەن دوستلار بىلەن پات يېقىندا يۈز كۆرۈشىدۇ!

    ھاياتلىقنى قەدىرلەپ، زەھەردىن يىراق تۇرايلى!
    تىپىك شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مۇزىكا بىلەن قايناق ھېسسىيات گىرەلىشىپ كەتكەن بۇ ناخشا بىزنى ئىختىيارسىز ياشلارنىڭ قايناق تۇرمۇش مۇھىتىغا باشلاپ كىرىدۇ. 

    ئەپسۇسكى، بۇ قايناق تۇرمۇش مۇھىتىنىڭ ئارقىسىدا زەھەردىن ئىبارەت بىر قارا تۇماننىڭ سايىسى بار ئىدى.

    مانا بۇ قارا تۇمان ئۇلارنىڭ گۈلدەك ياشلىقىنى بىردەمدىلا خازانغا ئايلاندۇرىدۇ. 

    ئۇلارنىڭ بەزىسى ئۆلدى.



    بەزىسى تۈرمىگە كىرىپ تېگىشلىك جازاسىنى يېدى.

    بىراق ئۇلارنىڭ گۈزەل ياشلىقى، ھەتتا ھاياتى مانا مۇشۇ زەھەردىن ئىبارەت نىجىسنىڭ قولىدا ۋەيران بولدى. ئۇلارنىڭ ئاخىرلاشقان ھاياتىنىڭ ئورنىنى كىم تولۇقلاپ بېرىدۇ؟ ئۇلارنىڭ ياشلىقىنى كىم قايتۇرۇپ بېرىدۇ؟

    بەلكىم خاتا باسقان بىر قەدەم سەۋەبلىك مەڭگۈ تولۇقلاپ بولغىلى بولمايدىغان پاجىئە كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. زەھەر سەۋەبلىك ئائىلىسى ۋەيران بولغانلار، ئاتا-ئانا، خوتۇن-بالىلىرىدىن ئايرىلغانلار، تۈرمىگە كىرىپ ھاياتىنى نابۇت قىلغانلار، ھەتتا جېنىدىن ئايرىلغانلار ئازمۇ؟

    بىردەملىك ھېسسىياتىڭىز، ھاياجىنىڭىز جېنىڭىزنىڭ قاتىلى بولۇپ قالمىسۇن. ھاياتىمىزنى قەدىرلەپ زەھەردىن يىراق تۇرايلى!


    "ئانار پىشتى" گۇرۇپپىسىنىڭ بۇ نەتىجىسىنى گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ تىرىشىشى ۋە كەڭ دوستلارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىزنى ئۇزۇندىن بۇيان قوللاپ كەلگەن دوستلارغا سەمىمىي رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. 

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك