|
شاھى مەردان ئىمىن
ئەلكۈيى سالونى مەخسۇس خەۋىرى: بۇنىڭدىن ئون يىل مۇقەددەم ھەرقايسى چوڭ-كىچىك سەھنىلەردە ئۆزىنىڭ كېلىشكەن قەددى- قامىتى ، مۇڭلۇق ئاۋازى بىلەن نۇرغۇنلىغان كۈيگە تەشنا قەلىبلەرنى ئۆزىگە رام قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى نوپۇزلۇق مودىل مۇسابىقىلىرىدە كۆپلىگەن كاتتا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭ ئۈچۈن شان-شەرەپ ئېلىپ كەلگەن تالانتلىق ياش ناخشىچى شاھىمەردان ئىمىن تىلغا ئېلىنغاندا كۆرۈرمەنلىرىمىز ئۇنىڭ ناخشىلىرىدىكى ئۆزگىچە ئۇسلۇب، سەھنىدىكى جەسۇرانە قىياپىتى ، كىشىنى رام قىلىدىغان ئاۋازىنى ئەسكە ئالماي تۇرالمايدۇ.
«جانان» ناملىق ئەڭ يېڭى سۈرەتلىك ناخشىسىنى ئاڭلىسىڭىز شاھىمەردانغا يەنە بىر قېتىم قايىل بولماي تۇرالمايسىز،مۇڭلۇق ناخشا،تەسىرلىك ۋەقەلىك ، چىن سەمىمىيەت ،ساپ مۇھاببەت سۆزلىنىدىغان بۇ ئەسەر ھەممەيلەننىڭ يۈرەك تارىنى چىكىدۇ دەپ قارايمىز.
مەملىكىتىمىزدىكى كاتتا سەھنىلەردە نۇر چېچىپ، چولپانلىق ھاياتىنىڭ ئەڭ داغدام مەزگىللىرىگە قەدەم قويىۋاتقان چاغلاردا شاھىمەردان ئىمىن كىچىكىدىن قەلبىگە پۈككەن ۋەتەن-خەلقنىڭ تىنچ-ئامانلىقىغا ئۆزىنىڭ تۆھپىسىنى قوشۇش ئارزۇسىدا ، سەنئەت سەھنىدىن ۋاقىتلىق خوشلىشىپ، خەلق ساقچىسى بولۇپ، قانۇن ساھەسىدە ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشۇپ كىلىۋاتىدۇ.
بىز گاھى - گاھىدا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە بىر قىسىم چوڭ تىپتىكى كېچىلىكلەردە شاھىمەردان ئىمىننىڭ نادىر ناخشىلىرىنى ئۇچرىتىپ قالغىنىمىزدا «چولپانلىقتىن ساقچىلىق»قا قەدەم باسقان بۇ چولپانىمىزنىڭ يېڭى ئەسەرلىرىگە بولغان ئىنتىزارلىقىمىزمۇ ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ، ئەلۋەتتە شاھىمەردانمۇ يېقىندا ئۆزىنىڭ ئەڭ نادىر كۈيلىرىنىڭ بىرى بولغان«جاۋابسىز سۆيگۈ»ناملىق ناخشىسىنى قايتىدىن ئىشلەپ ، نەق مەيداندا ئاۋازغا ئېلىپ ، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كۆرۈنۈشلەر بىلەن خەلقىمىزنىڭ ھوزۇرىغا سۇنغاندىن كىيىن ،ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قىزغىن ياقتۇرىشىغا ئېرىشتى،مانا بۈگۈنگە كەلگەندە ئۇنىڭ يەنە بىر يېڭى ئىجادىيتى «جانان»نىڭ سۈرەتلىك نۇسخىسى رەسمىي ئېلان قىلىندى.
بۇ ناخشىنىڭ سۆزى ، مۇزىكىسىنى شاھىمەردان ئىمىن ئۆزى يېزىپ ، ئۆزى ئورۇنلىغان،ئەسئەت ئابدۇراخمان (يامغۇر ستودىيەسى)ئاكورتلاشتۇرغان،،سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتىنى سەيپۇللا ئىشلىگەن،زۇلپىقار يادىكار ئاۋازغا ئالغان ، شەمسىيە ئەنۋەر ، شەھرىبانۇ ياسىن، شاھىمەردان ئىمىن قاتارلىقلار ئاساسلىق رول ئالغان ناخشا بولۇپ،ۋەقەلىكى ۋە ناخشا -مۇزىكىسى ئادەمنىڭ ھەقىقىي يۈرەك تارىنى چىكەلەيدۇ.
ئەلكۈيى سالونى مەخسۇس خەۋىرى: ياش ناخشىچى ماھىرە تېلىۋالدى ئورۇنلىغان ئەڭ يېڭى سۈرەتلىك ناخشا«ئۇنتۇپ كېتەي» بىر قانچە كۈن بورۇن ئەلكۈيى يانفۇن ئەپ دىتالى ، ئەلكۈيى تورىدا ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، بۈگۈن ئەلكۈيى سالونىنىڭ ھەپتىلىك تېمىسىدا تارقىتىلدى.بۇ ناخشا توردا ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن تورداشلارنىڭ قىزغىن ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ،ناخشا مىلودىيەسىنىڭ گۈزەللىكى ۋە سۈرەتلىك كۆرۈنۈشلەرنىڭ بېرىكىشىشى بىلەن كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن.
پروگراممىمىز خاراكتىرى بار بولۇش،ياسالمىلىق يوق بولۇش،يالغان گەپ يوق بولۇشتەك ئالاھىدىلىك بىلەن ئىشلەنگەن بولۇپ ، ئەڭ يېڭى ،ئەڭ مودا، ئەڭ داڭلىق كىنولارنى بۇ يەردىن بىلەلەيسىز ۋە ھەر قىسىمدا تونۇشتۇرۇلغان شۇ كىنونى توردا كۆرۈش ئارزۇيىڭىزغا يىتەلەيسىز.
پروگراممىمىزنىڭ ھەر ھەپتىلىك يېڭى سانىدا سىز ۋە سىزنى قىززىقتۇرىدىغان نادىر مەزمۇنلار ئېلان قىلىنىدۇ.
شاھىمەردان ئىمىننىڭ ئەڭ يېڭى سۈرەتلىك ناخشىسى «جانان»ئەلكۈيى سالونىدا تارقىتىلدى
مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى