• داڭلىق ناخشىچىدىن زەھەر ئەتكەسچى كاتتىبېشىغا ئۆزگەرگەن كىشى

  • يوللىغۇچى : akida
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-12-24 01:09
  • داڭلىق ناخشىچىدىن زەھەر ئەتكەسچى كاتتىبېشىغا ئۆزگەرگەن كىشى

    شەندۇڭ ۋېيفاڭ ساقچىلىرى سەككىز ئايدىن ئارتۇق ئەتراپلىق رازۋېدكا قىلىش ئارقىلىق، يېقىندا ج خ مىنىستىرلىقى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلغان بىر قېتىملىق زەھەر ياساش، ئەتكەسچىلىك قىلىش دېلوسىنى پاش قىلىپ، 11 نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالغان، بىر قانچە زەھەر ياساش ئۇۋىسىنى بىتچىت قىلىپ، 10 توننىدىن ئارتۇق زەھەر ياساشتا ئىشلىتىلىدىغان خىمىيەلىك بۇيۇمنى قولغا چۈشۈرگەن.

    چەت جايدىكى دېھقان ئۆيىدە چوڭ تىپتىكى زەھەر ياساش ئۇۋىسى بايقالغان
    ۋېيفاڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى يۇقىرى پەن-تېخنىكا تارماق ئىدارىسى زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىتى، بۇ يىلنىڭ بېشىدىكى خىزمەت جەريانىدا، ئۆزىنى كۈن ئاكا دەپ ئاتىۋالغان بىر ئەرنىڭ QQ توپىدا كرىستال زەھەر سېتىۋاتقانلىقىنى، ھەمدە ئۈندىدار توپلىرىدا ئۆزىنىڭ زەھەر ياساپ چىققانلىقىنى دېگەنلىكىنى بايقىغان. بىر قانچە ئايلىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق ساقچىلار بۇ كۈن ئاكا دەپ ئاتىۋالغان ئەرنىڭ ئىسمىنىڭ با X ئىكەنلىكىنى، سىچۈەن موشۈي ناھىيىسىدىن بولۇپ، قىز دوستى بىلەن چىڭداۋ جياۋجوۋ لىگېجۇاڭ بازىرىدا ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان.

    ۋېيفاڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى يۇقىرى پەن-تېخنىكا تارماق ئىدارىسى زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى جاڭ شۈنلياڭ:
    تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭ قىز دوستى، يەنە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە زەھەر ياسايدىغان شېرىكى، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەر، يەنە ئۇنىڭ تېخنىك خادىملىرىنىمۇ تەپسىلىي ئېنىقلاپ چىقتۇق.
    ساقچىلارنىڭ تەھلىل قىلىپ ، با X نىڭ كرىستال زەھەرنى سېتىپ چىقىرىش مىقدارى زور، بەلكىم ئۆزى ياساپ چىققان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان. ئۇنداقتا، با X نىڭ زەھەر ياساش ئۇۋىسى قەيەردىدۇ؟ بىر قانچە كۈن تەكشۈرۈش ئارقىلىق ساقچىلار با X نىڭ زەھەر ياساش ئۇۋىسىنىڭ جياۋجوۋ جياۋشى بازىرى جاۋجياجۇاڭدىكى بىر دېھقان قورۇسى ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان.

    ۋېيفاڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى يۇقىرى پەن-تېخنىكا تارماق ئىدارىسى زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى جاڭ شۈنلياڭ:
    زەھەر ياساشنىڭ ئالدىنقى باسقۇچىدا پەيدا بولغان پۇراق بەك چوڭ بولغانلىقتىن، ئۇ بۇ باسقۇچنى ئىنتايىن چەت جايدىكى بىر يېزىدا ئىجارە ئالغان ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرغان.

    11 نەپەر جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىنغان، زەھەر ياساش ئۇۋىسى بىتچىت قىلىنغان
    ساقچىلارنىڭ رازۋېدكا قىلىپ بايقىشىچە، با X نىڭ جىنايەت شايكىسى تېخى يېقىندىلا بىر تۈركۈم زەھەر ياساش خام ماتېرىياللىرىنى كىرگۈزگەن بولۇپ، زور تۈركۈمدە زەھەر ياساشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىكەن. ساقچى تەرەپ دەرھال تۇتۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان.
    ھەرىكەت باشلانغان كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتىن ئاشقاندا، با X نىڭ ئاساسلىق يېرىم پىششىقلاپ ئىشلەنگەن كرىستال زەھەرنى ئىشلەپچىقىرىشقا مەسئۇل ئىككى شېرىكى زا X، جى X بىر ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا پەيدا بولغان.


    شۇ كۈنى كەچ سائەت 11 دىن ئاشقاندا، با X نىڭ تۇرالغۇسىدا، ساقچىلار ئۇنى، قىز دوستىنى ۋە زەھەر ياساشتىكى تېخنىك خادىمى دۇ X قاتارلىقلارنى تۇتقان. ساقچىلار بىر كارىۋاتتا ئۇلار ياساپ چىققان بىر كىلوگرام كرىستال زەھەرنى بايقىغان، ئۈستەلدە يەنە تېخى ئۇلار ئۆزى ياسىغان زەھەر چېكىش قوراللىرى ۋە كۆيدۈرگۈچ ئىستاكان قاتارلىقلار بار ئىكەن.


    با X نىڭ زەھەر ياساش ئۇۋىسى، ئۇنىڭ تۇرالغۇسىدىن 30 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، جياۋشى بازىرى جاۋجياجۇاڭدىكى بىر دېھقان قورۇسىغا ئورۇنلاشتۇرغان. ساقچىلار بۇ يەردە بىر توپ ئاق رەڭلىك سۇلياۋ تۇڭلارنىڭ قويۇلغانلىقىنى، يەنە 40 تىن ئارتۇق 200 كىلوگراملىق چوڭ تۇڭلارنىڭ ئىچىگە ئاتسىتون، مېتىل بېنزول قاتارلىق زەھەر ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان خىمىيەلىك بۇيۇملارنىڭ قاچىلانغانلىقىنى بايقىغان. يەنە بىر تەرەپكە، زەھەر ياساشتا ئىشلىتىلىدىغان ئەينەكلىك رېئاكسىيە قازىنى قاتارلىق نەرسىلەر قويۇلغان. ئۆينىڭ بىر بۇرجىكىگە يېرىم پىششىقلاپ ئىشلەنگەن نۇرغۇن كرىستال زەھەر قويۇلغان. قورۇدا يەنە تېخى ئاغزى ئېچىلمىغان ئىككى ياغاچ ساندۇق بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىگىمۇ زەھەر ياساشتا ئىشلىتىلىدىغان خام ماتېرىياللار قاچىلانغان. بۇ ئۇۋىدا ئاساسلىقى يېرىم پىششىقلاپ ئىشلەنگەن كرىستال زەھەر ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن.



    ۋېيفاڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى يۇقىرى پەن-تېخنىكا تارماق ئىدارىسى زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى جاڭ شۈنلياڭ:
    با X ئۆزىنىڭ زەھەر ياساش تېخنىكىسىنى شايكىدىكى ئەزالىرىنىڭ ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن، بۇ جىنايەت شايكىسىنى كونتىرول قىلالماسلىقىدىن ئەنسىرەپ، پۈتۈن زەھەر ياساش تېخنىكىسىنى ئىككى بۆلەككە بۆلۈۋەتكەن: ئالدىنقى بۆلەكنى ئادەتتىكى ئەزالىرى تاماملىغان، كېيىنكى ئەڭ مۇھىم باسقۇچىنى ئۆزى بىلەن يەنە بىر ئاساسلىق جىنايەت گۇماندارى ئۆزى تاماملىغان.

    ساقچىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بىر ئايدىن ئارتۇق قايتا-قايتا تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، دېلو يۈز بەرگەن ۋاقىتتا، با X نىڭ جىنايەت شايكىسى زەھەر ياساش تېخنىكىسىنى تولۇق ئىگىلەپ بولغان. ئەگەر نەق مەيداندا قولغا چۈشۈرۈلگەن بارلىق خام ماتېرىياللار بىلەن كرىستال زەھەر ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان بولسا، بىر توننىدىن ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىشقا بولىدىغان بولۇپ، جەمئىيەتكە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىكەن.



    زەھەر چېكىپ چۈشكۈنلەشكەن، داڭلىق ناخشىچى جىنايەتچىگە ئايلانغان
    جياۋجوۋدىكى زەھەر ياساش ئۇۋىسىنى بىتچىت قىلغاندىن سىرت، سىچۇەن ساقچىلىرى يەنە ۋېيفاڭ ساقچىلىرىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن، با X نىڭ سىچۇەندىكى بىر زەھەر ياساش ئۇۋىسىنى بىتچىت قىلغان. خېبىي جاڭجياكوۋدىكى بىر زەھەر ياساش ئۇۋىسىمۇ ساقچىلار تەرىپىدىن بىتچىت قىلىنغان. با X نى زەھەر ياساش خام ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەيدىغانلار بىلەن زەھەر سېتىپ بېرىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىر پۈتۈن زەھەر ياساپ سېتىش تورى پۈتۈنلەي بىتچىت قىلىنغان. ئۇنداقتا، بۇ جىنايەت شايكىسىنىڭ كاتتىبىشى با X، قانداق قىلىپ زەھەر ئەتكەسچىسىگە ئايلىنىپ قالغاندۇ؟


    با X جىنايەت شايكىسى ياساپ چىققان كرىستال زەھەر

    بۇ يىل 36 ياشقا كىرگەن با X، ئىلگىرى مەركىزىي مۇزىكا شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، بېيجىڭدا مۇزىكا ئەترىتى قۇرغان، ئۆزى ناخشا يېزىپ، ناخشا پلاستىنكىسىنىمۇ ئېلان قىلىپ باققان. نۇرغۇن KTV لاردا يەنە تېخى ئۇنىڭ ناخشىلىرىمۇ بار بولۇپ، شۇ يىللاردا خېلى نام چىقارغان.
    با X نىڭ مۇزىكا ئىجاد قىلىپ تاپقان كىرىمىمۇ يامان ئەمەس بولغان. لېكىن ئۇ ھەمىشە ئۆزىنىڭ تاپقان پۇلىنىڭ باشقا سەنئەتچىلەردەك كۆپ ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ، پىسىخىكىسى نورمالسىزلاشقان، ھەمىشە بىر كېچىدىلا باي بولۇشنى ئويلىغان، ئاستا-ئاستا زەھەر چېكىشكە خۇمار بولۇپ قالغان.


    با X ساقچىلار تەرىپىدىن كونتىرول قىلىنغان

    شۇنىڭ بىلەن، با X توردىن ماتېرىيال ئاختۇرۇپ، زەھەر ياساش تېخنىكىلىرىنى ئۆگەنگەن، ھەمدە چېڭدۇدا بىر زەھەر ياساش ئۇۋىسى تەسىس قىلىپ، كرىستال زەھەر ياساشنى قايتا-قايتا تەجرىبە قىلغان.

    ۋېيفاڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى يۇقىرى پەن-تېخنىكا تارماق ئىدارىسى زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى جاڭ شۈنلياڭ:
    ئالدىنقى باسقۇچتىكى تەجرىبىلەردە، ئۇ يەنىلا بىر قانچە تېخنىكىنى ئىگىلىيەلمىگەن، ئۆزى قىلالمىغانلىقتىن نائىلاج، تور ئارقىلىق گۇاڭدۇڭ چىڭيۈەندىكى دۇ X ئىسىملىك بىر تېخنىك بىلەن ئالاقىلاشقان.
    زەھەر ياساش ئۈچۈن پۇل كېتىدۇ، با X شۇنىڭ بىلەن ئوخشاشلا پۇل تېپىش ئىستىكىدە يۈرگەن دوستى شەنشىلىك جى X نى تاپقان.



    دېلو بېجىرگۈچى ساقچى:
    بۇ ئۈچەيلەن سىچۇەندە كرىستال زەھەرنى ئوڭۇشلۇق ياساپ چىققان، لېكىن سىچۇەننىڭ بىخەتەر ئەمەس، ئۆزىنىڭ زەھەرنى سېتىشىغا قولايلىق ئەمەس دەپ قاراپ، شەندۇڭدا يۇرتداشلىرىمۇ كۆپ بولغانلىقتىن، بۇ زەھەر ياساش ئۇۋىسىنى شەندۇڭغا يۆتكەپ كەلگەن.


    مەنبەسى :uycnr.com




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك