• جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى يېڭى بەلگىلىمە چىقاردى!

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-12-30 08:03
  • جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى يېڭى بەلگىلىمە چىقاردى!

    12-ئاينىڭ 29-كۈنى، ج خ مىنىستىرلىقى كىشىنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغان بىر يۈرۈش سانلىق مەلۇماتنى ئېلان قىلدى. 2013-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە بولغان بەش يىلدىن بۇيان مەملىكەت بويىچە قۇربان بولغان خەلق ساقچىلىرى 2003كە، ئىش ئۈستىدە يارىلانغان ياكى مېيىپ بولۇپ قالغان خەلق ساقچىلىرى 25 مىڭغا يەتكەن. قانۇن ئىجرا قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىش، زوراۋانلىق بىلەن قانۇنغا قارشى چىقىش، پىتنە -ئېغۋا تارقىتىش قاتارلىق قىلمىشلار ج خ خەلق ساقچىلىرىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى ۋە شەخسىي نام -ئابرۇيىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن. 
    بۇ يىلنىڭ باشلىرى، ئىككى ھەپتىدە ئۇدا بەش قېتىم يۈز بەرگەن يۇقىرىقىغا ئوخشاش ئىشلار ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، يېقىندا «جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ خەلق ساقچىلىرى قانۇن ئىجرا قىلىشىنىڭ نوپۇزىنى قوغداش خىزمىتى بەلگىلىمىسى» تۈزۈپ چىقىلدى. بۇ بەلگىلىمە 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ، بۇ يەنە ج خ ئورگىنىنىڭ خەلق ساقچىلىرى قانۇن ئىجرا قىلىشىنىڭ نوپۇزىنى قوغدايدىغان تۇنجى نىزامى ھېسابلىنىدۇ. 


    قانۇن بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش قوغدىلىدۇ، قانۇن بار تۇرۇپ يەنە نېمىشقا تەپسىلىي قائىدە تۈزۈپ چىقىلىدۇ؟ 

    «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ساقچىلىرى قانۇنى» دا «خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ» دېگەن بەلگىلىمە بار. ئۇنداقتا بۇ قېتىم تۈزۈپ چىقىلغان بەلگىلىمىگە تېخىمۇ كۆپ تەپسىلىي قائىدىلەرنى كىرگۈزۈشنىڭ رولى نېمە؟ 
    «بەلگىلىمە» دە مۇنۇلار ئېنىق بەلگىلەندى: ج خ خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، زىيانغا، توسقۇنلۇققا ئۇچرىمايدۇ، خەلق ساقچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ جىمسانىي، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى تۈپەيلى تەھدىكە، دەخلىگە ئۇچرىمايدۇ، خەلق ساقچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ كىشىلىك ئىززىتى خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە  مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى تۈپەيلى ھاقارەتكە، كەمسىتىشكە ئۇچرىمايدۇ. 
    ھەرىكەت ئىگىسى خەلق ساقچىسىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش نوپۇزىغا دەخلى -تەرۈز يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرسە، قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمەي، ئامانلىق ساقلاش بويىچە باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلار ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالىنىدۇ. 
    خەلق ساقچىلىرى قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق -مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزسە، خەلق ساقچىلىرى قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ، شۇ ساقچى قاراشلىق ج خ ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، پەيدا بولغان زىيانغا تۆلەپ بېرىدۇ. 
    ج خ ئورگانلىرى قانۇن ئىجرا قىلىشتىكى سەۋەنلىكنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق قانات يايدۇرۇشى، قانۇندا بەلگىلەنگەن سەۋەب كۆرسىتىلمەي، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپتىن ئۆتكۈزۈلمەي تۇرۇپ، خەلق ساقچىلىرىغا ۋەزىپە ئىجرا قىلىشنى توختىتىش، قاماپ قويۇش قاتارلىق چارىلەرنى قوللىنىشقا، جازالاشقا ياكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا، ۋەزىپىسىنى تۆۋەنلىتىشكە، ئىشتىن بوشىتىشقا بولمايدۇ.
    «بەلگىلىمە»دە يەنە خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش نوپۇزىغا دەخلى -تەرۇز يەتكۈزۈشنىڭ كونكرېت ئەھۋاللىرى، بىر تەرەپ قىلىش تەلەپلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، خەلق ساقچىلىرى دەخلى- تەرۇزگە ئۇچرىغاندىن كېيىن قۇتقۇزۇشنى ئىلتىماس قىلىش، دېلونى بېجىرىش، ۋەزىپە ھەرىكىتىنى بېكىتىش، ئىسپاتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە ئالاقىدار خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەمدە ساقچى ئىشلىرى ياردەمچى خادىملىرى، ساقچىلارنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى قوغداش دائىرىسىگە بىردەك كىرگۈزۈلدى.

    بۇنىڭدىن بۇرۇن قانۇن -بەلگىلىمىلەر خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە بەكرەك مايىللاشقانىدى، ئەمدى تەپسىلىي قائىدە قانۇن ئىجرا قىلىشتىكى مۇرەككەپ ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىشقا پايدىلىق بولدى. 

    ھوقۇقنى قانۇن بويىچە قوغداش قانداق بېكىتىلىدۇ؟ 

    قانۇن ئىجرا قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىش ياكى زوراۋانلىق بىلەن قانۇنغا قارشى چىقىش قىلمىشلىرى ھەر خىل بولىدۇ، ئۇنداقتا خەلق ساقچىلىرى قانداق ئەھۋالدا ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغدىيالايدۇ؟ 
    يېڭى بەلگىلىمىنىڭ 8-ماددىسىدا خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش نوپۇزىنى قوغداشقا تېگىشلىك بولغان 10 خىل ئەھۋال بەلگىلەندى، بولۇپمۇ خەلق ساقچىلىرى ھازىر قانۇن ئىجرا قىلىشتا يولۇقىۋاتقان دەخلى -تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىغا ئاساسەن «ئاپتوموبىل بىلەن سوقىۋېتىش، بېسىپ ئۆتۈپ كېتىش، سۆرەپ مېڭىش، سۈركەپ ئۆتۈپ كېتىش»، «قاماپ قويۇش، چىشلىۋېلىش، تارتىش، ئىتتىرىش قاتارلىق دەخلى -تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشلىرى»، «يامان غەرەزدە ئەرز-شىكايەت قىلىش، كۆپتۈرۈۋېتىش»، «ساقچى ۋە ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكلىرى دەخلى- تەرۇزگە ئۇچراش» قاتارلىق قىلمىشلار قوشۇلدى، بۇ بەلگىلىمىدىكى تەپسىلاتلارنىڭ يېقىندىن بۇيان كۆرۈلۈۋاتقان ساقچىلارنىڭ دەخلى -تەرۇزگە ئۇچراش دېلولىرىغا بولغان قاراتمىلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك. 

    بۇنىڭ بىلەن ئاساسلىنىدىغان قانۇن بولۇش مەسىلىسى ھەل بولدى، بىراق ئەمدى يەنە كىم ئىجرا قىلىدۇ، دېگەن مەسىلە پەيدا بولدى. 
    بەلگىلىمىدە ساقچىلارنىڭ «ھوقۇقىنى قوغدايدىغان» دائىمىي ئاپپارات ـــ خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش نوپۇزىنى قوغداش خىزمىتى كومىتېتى قۇرۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، دېمەك بۇ خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشتا ئۆزى يالغۇز قالمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ كومىتېتنىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ھەر دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرىنىڭ تەپتىش باشلىقى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالىدۇ، ئەزا ئورۇنلار كۆپ تارماقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

    قانۇن بويىچە ھوقۇقنى قوغداش رەھبەرلەرگە قانداق مەسئۇلىيەت يۈكلىدى؟ 

    بۇ بەلگىلىمە ئارقىلىق يەنە خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش نوپۇزىنى قوغداش جەريانىدىكى قىلىشقا تېگىشلىكنى قىلماسلىق ۋە قالايمىقان ئىش قىلىشقا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى، يەنى، رەھبەرلەر ۋە مەسئۇللارنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدىغان بولدى. 
    28-ماددىدا رەھبەرلەر ۋە مەسئۇللارنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈشلىدىغان ئالتە خىل ئەھۋال تەپسىلىي بېكىتىلدى. بۇ «تۈزۈمنى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك، دەل جايىدا كاپالەتلەندۈرمەسلىك، خاتا قوماندانلىق قىلىش تۈپەيلى پەيدا بولغان»، «كېيىنكى قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى دەل ۋاقىتىدا قوللانماسلىق» تۈپەيلى پەيدا بولغان ئەھۋاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىلگىرى يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلار خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرەتتى، ھازىر خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشى دەخلى -تەرۇزگە ئۇچرىسا يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدىغان بولدى. 

    يېڭى بەلگىلىمىدە يەنە خەلق ساقچىلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىش پىكىرىنى بايان قىلىشى ۋە ئاقلاش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىندى، ئەرز سۇنۇش تۈپەيلى جازانى ئېغىرلىتىشقا ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىشقا يول قويۇلمايدىغان بولدى. 


    مەنبەسى :ئۇيغۇرچە رادىيو تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك