• ئۈرۈمچىدە ئاپتوموبىللارنى يىللىق تەكشۈرتكەندە «چوڭ دەپتەر» بىلەن تەمىنلىمىسىمۇ بولىدۇ

  • يوللىغۇچى : دىلشات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-01-28 01:46
  • ئۈرۈمچىدە ئاپتوموبىللارنى يىللىق تەكشۈرتكەندە «چوڭ دەپتەر» بىلەن تەمىنلىمىسىمۇ بولىدۇ

     يېقىنقى مەزگىللەردە، تەكشۈرۈش پونكىتىغا بېرىپ ئاپتوموبىلىنى يىللىق تەكشۈرتمەكچى بولغان نۇرغۇن شوپۇر باشقىلاردىن «يىللىق تەكشۈرتۈشتە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسىنى بىللە ئېلىپ كېلىش كېرەككەن، ئۇنداق بولمىغاندا ئاپتوموبىلىنى يىللىق تەكشۈرتۈش قىلغىلى بولمايدىكەن» دېگەن گەپلەرنى ئاڭلىغان. بۇنىڭغا قارىتا ئۈرۈمچى قاتناش ساقچى تارماقلىرى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئاپتوموبىلنى يىللىق تەكشۈرتۈش قىلغاندا شوپۇرلار موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسىنى تەمىنلىمىسىمۇ، پەقەت كىملىكى، يۈرۈش گۇۋاھنامىسى، قاتناش ۋاسىتىسىنى مەجبۇرىي سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش تالونىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى تەمىنلىسىلا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

        مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، 1-ئاي كىرىشى بىلەن ئاپتوموبىللارنى يىللىق تەكشۈرۈش بېسىق مەزگىلگە قەدەم قويغاندىن بۇيان، قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىدىن يىللىق تەكشۈرتۈشتە «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى» بىلەن تەمىنلەش كېرەكمۇ - يوق؟ توغرىسىدا مەسلىھەت سورايدىغانلار بىر قەدەر كۆپ بولغان. قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئېرفان تاشقىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسىدا ئاپتوموبىلنىڭ ئاساسلىق ئۇچۇرلىرى ۋە تېخنىكىلىق پارامېتىرى بار، ئادەتتە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش، ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ئۆزگەرتىش، يېشىم رەنە كەسپىنى بېجىرگەندە ئاپتوموبىل ئىگىسى «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى» بىلەن تەمىنلىشى كېرەك، باشقا كەسپلەرنى بېجىرگەندە بۇ گۇۋاھنامە بىلەن تەمىنلىمىسىمۇ بولىدۇ. يەنى، ئاپتوموبىلنى يىللىق تەكشۈرتىش قىلغاندا «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى» ئىشلىتىلمەيدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، شوپۇرلار موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يىللىق تەكشۈرتۈش قىلغاندا، ئەگەر موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى تەكشۈرۈش پونكىتى «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى»نى تەمىنلەشنى تەلەپ قىلسا، قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىنىڭ نازارەت قىلىش تېلېفون نومۇرىغا تېلېفون قىلىپ ئەرز قىلسا بولىدۇ، ئەرز قىلىش تېلېفون نومۇرى 3130232-0991.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • شاھرۇلخان بىلەن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت ئەلكۈيىدە تارقىتىلدى现场直播

    1970-01-01 08:00

  • ھەدىيە كۆزگە ئاق چۈشۈشنى داۋالاش نەتىجىسى ئەلكۈيىدە 现场直播

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ كوماندىسى ساھىپخان مەيداندا لياۋنىڭنى2 قېتىم مەغلۇب قىلدى

    1970-01-01 08:00

  • ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

    1970-01-01 08:00

  • بايرامدا شىمالىي شىنجاڭدا يامغۇرى يېغىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا قۇم-توزان كۆرۈلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى جەمئىيەتتىن ئاشكارا 1027 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃19 بولىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ دىن ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بىخەتەرلىك تاسمىسى بويىچە مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چىڭمىڭ بايرىمىدا ئايروپىلان بېلەتلىرىنىڭ باھاسىدا ئېتىبار كۆپ

    1970-01-01 08:00