• پەرزەنتلىرىنى چەتئەلدە ئوقۇتۇۋاتقانلار دىققەت!

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-01-28 01:45
  • پەرزەنتلىرىنى چەتئەلدە ئوقۇتۇۋاتقانلار دىققەت!

    2018-يىلى، كانادادا "نەشىنىڭ قانۇنلىشىشى" پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. بىر قىسىم پەرزەنتلىرىنى چەتئەلدە ئوقۇتىۋاتقان ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن بۇ ھەقىقەتەن شۇم خەۋەر. 

    بۇ خەۋەر ناھايىتى تېزلا خۇاڭ خانىمنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: مەن بالامدىن سورىدىم، ئۇنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك چېكىدىغان ساۋاقداشلىرى باركەن، ئۇلار نەشىلا ئەمەس، خىروئىنمۇ چېكىدىكەن، چېكىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوغۇللاركەن، قىزلارمۇ باركەن، جۇڭگولۇقلارمۇ چەتئەللىكلەرمۇ باركەن، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار دائىم بىر يەرگە يىغىلىپ، ھاراق ئىچىپ، زەھەرلىك چېكىملىك چېكىدىكەن. 

    چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى قۇرۇۋالغان مەلۇم ئۈندىدار توپىدا زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىنى تىلغا ئېلىنغاندا، نۇرغۇن ئاتا-ئانا ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

    ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، پەرزەنتلىرىنى يولغا سېلىش ئالدىدا، ئۇلارنىڭ ئەڭ كۆپ ئويلايدىغىنى يەنىلا ئۆگىنىش، پۇل، تىل مەسىلىسى. ئەمما پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسىدە باشقا دۆلەتنىڭ مائارىپ سىستېمىسىغا كىرگەندىن كىيىن دۇچ كېلىدىغان تۈرلۈك مەسىلىلىرىنى كۆپ ئويلاشمايدۇ. شۇڭلاشقا بۇ خەۋەر نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنى ساراسىمىگە سېلىپ قويغان. ئەمەلىيەتتە، ئۇرۇگۋاي، گوللاندىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم ئىشتاتلىرى قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەت، رايونلار ئاللىقاچان نەشىگە يېشىل چىراغ ياندۇرۇپ بەرگەن. ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ نەشە قاتارىدىكى زەھەرلىك بۇيۇملارغا بىر قەدەر كەڭچىلىك قىلىدۇ. 

    ئامېرىكىدا بەش يىل ئوقۇغان لى كاكا مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزدە نەشە چەكسە قانۇنغا خىلاپ، لىكىن چەتئەلدە بۇ چوڭ ئىش ئەمەس. 

    ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئوخشىمىغان زەھەر چەكلەش سىياسىتى چىقىرىشىدا ئۆز ئالدىغا سەۋەبى بولىدۇ، شۇڭلاشقا ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئوخشىمىغان زەھەر چەكلەش ئىدىيەسى شەكىللەنگەن. ئەمما ھەربىر ئوقۇغۇچى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۇلار نەشىگە ئوخشاش بۇنداق خىلدىكى زەھەرلىك چېكىملىك ئالدىدا زادى قانداق قىلىشى كېرەك؟ 

    ئالدى بىلەن نېمە ئۈچۈن بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ نەشىنى چەكلىمەيدىغانلىقى ھەققىدە توختىلايلى. خەلقئارادىكى بۇنداق پەرقنى نېمە كەلتۈرۈپ چىقارغان؟ بۇ چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنى گاڭگىرتىپ قويغان بىر مەسىلە. ئالدى بىلەن بىز نەشىنىڭ قانۇنلىشىشىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك. شىنەن سىياسىي قانۇن داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى، دۆلەت زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئەزاسى يۈەن لىن بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: نۇرغۇن ياش-ئۆسمۈلەر نەشىنىڭ قانۇنلىشىشى شۇ دۆلەتنىڭ نەشىنى زىيانسىز دەپ قارىغانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ دەپ قارايدۇ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، نەشىنىڭ قانۇنلىشىشى زەھەر چەكلەش تەدبىرىنىڭ بىر خىلى بولۇپ، ئىككى خىل تاللاشتىن بىرنى تاللىغانغا باراۋەر. 

    زەھەرلىك چېكىملىكنى كونترول قىلىش ۋە ئازايتىش خەلقئارادىكى ئورتاق قاراش، ئەمما بۇ خىل ئورتاق قاراش ئاستىدا، يەنىلا سىياسەت ۋە ئەمەلىي تەدبىر جەھەتتە پەرق مەۋجۇت. 

    يۈەن لىننىڭ قارىشىچە، نەشىنىڭ قانۇنلىشىشى مەلۇم دەرىجىدە ھۆكۈمەتنىڭ مۇرەسسە قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: خېروئىنغا ئوخشاش ئاسان خۇمار قىلىپ قويىدىغان، ئادەم بەدىنىگە زىيىنى ئېغىر بولغان زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن سېلىشتۇرغاندا، نەشىنىڭ زىيىنى بىرقەدەر يىنىك بولىدۇ. بىر قىسىم دۆلەتلەر كىشىلەرنىڭ خېروئىنغا ئوخشاش ئېغىر زەھەرلەرنى ئىشلىتىشىنى توسۇش ئۈچۈن، نەشىگە ئوخشاش يېنىك زەھەرلەرنى قانۇنلاشتۇرغان. 

    يۈەن لىننىڭ ئېيتىشىچە، بىر قىسىم زەھەر ئىشلەپچىقىرىدىغان، زەھەر سودىسى قىلىدىغانلار پايدا ئىلىش ئۈچۈن قەستەن نەشىگە ئوخشاش يىنىك زەھەرلىك چېكىملىكنى قانۇنلۇق دەپ ئەسكەرتىپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى ئۇقمايدىغان ياشلارنى قىلتاققا دەسسىتىدىكەن. يۈەن لىن مۇنداق دېدى: بۇ بالىلار زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن ئۇچراشقاندىن كىيىن كەلگۈسىدە ئۆزلىرىنىڭ قانداق ئاقىۋەتتە قالىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. 

    گەرچە، زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئىلىپ كېلىدىغان خەتىرى ئېنىق بولسىمۇ، لېكىن نەشىنى قانۇنلاشتۇرغان بىر قىسىم دۆلەتلەردە بۇنداق خەتەر ھازىرقى مەدەنىيەت مۇھىتى ئالدىدا كۆزدىن ساقىت قىلىنغان. 

    ئىلگىرى ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىدا ئوقۇغان خې يىن تۇنجى قېتىم نەشە سورىنىغا بېرىپ قالغان ۋاقتىدىكى قورقۇنۇچلۇق ئەھۋالنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: بىر يىلى ئامېرىكىلىق دوستۇم مېنى ئۆيىگە مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلدى، مەن ئۆيىگە بارسام، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھەممىسى نەشە چېكىۋاتقان ئىكەن. 

    خى يىن ئېيتىشىچە، ئامېرىكىلىق ياشلارنىڭ ئولتۇرۇشلىرىدا، باشقىلارغا نەشە تەڭلەش خۇددى جۇڭگودا باشقىلارغا تاماكا تەڭلەش بىلەن ئوخشاش ئىش ئىكەن، نۇرغۇن ئەھۋالدا نەشە چېكىش بىر خىل ئالاقە قورالى بولۇپ قالغان، كىشىلەر بۇنى قىزىقارلىق بىر ئىش دەپلا قارايدىكەن. بولۇپمۇ قىزلار نەشە چېكىپ بولغاندىن كىيىن، خۇدىنى يوقىتىپ ئاسانلا خەتەرلىك ئەھۋالدا قالىدىكەن. 

    زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى نەشە چېكىش زەھەرلىك چېكىملىك ھاياتىنىڭ باشلانغانلىقىنىڭ بەلگىسى دەپ قارىغان. خى يىن مۇنداق دېدى: چەتئەلدە ئوقۇۋاتقاندا، مەن تونۇيدىغان جۇڭگولۇق تۆت، بەش ئوقۇغۇچى دەل زەھەرلىك چېكىملىك سەۋەبىدىن ۋەيران بولغان. دەسلەپتە ئۇلارمۇ نەشە چېكىشتىن باشلىغان، كەينىدىن بارلىق زەھەرلىك چېكىملىكنى سىناپ باقساق بولغۇدەك دەپ ئۆزىنى نابۇت قىلغان. 

    ئەمەلىيەتتە زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسىگە ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى يەنىلا چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان بۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى، چەتئەلدە ئوقۇپ قايتىپ كەلگەن لى كاكا مەلۇم چەتئەلدە ئوقۇش مۇلازىمىتى شىركىتىدە ئىشلىگەن، ئۇ ئارام ئىلىش كۈنلىرىدە نەچچە يۈز ئاتا-ئانىنىڭ تۈرلۈك سوئاللىرىغا جاۋاب بىرىدۇ. ئۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى 3خىل تۈرگە بۆلگەن: 

    25% ئاتا-ئانا بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچىگەن، ئەگەر مىنىڭ بالام زەھەرلىك چېكىملىك چەكسە ئۇنى قايتۇرۇپ ئەكېلىپ، پاچىقىنى چىقىۋىتىمەن دېگەن. %15 ئاتا-ئانا بالىسىنىڭ نەشىگە ئۇچراپ قالسىمۇ ياخشى بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قالغان ئاتا-ئانىلار بولسا بۇنداق ئىش مىنىڭ بالامدا يۈز بەرمەيدۇ، بۇ ئىشنىڭ بالام بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دەپ قارىغان. 

    ئەمما نۇرغۇن ئاتا-ئانا ئادەتتە كۆپ تىلغا ئىلىنىدىغان نەشە، كوكائىن، خېروئىن، مۇزسىمان زەھەر قاتارلىقلاردىن باشقا يەنە ھازىر پەرقلەندۈرۈش تەس بولغان بىر تۈركۈم دورىلاردىنمۇ پەخەس بولۇش كېرەكلىكىنى بىلمەيدۇ. 

    مەسىلەن "كۈلدۈرىدىغان گاز"بىرخىل كاربون ئىككى ئوكسىدى بولۇپ، رەڭسىز، ئازراق تاتلىق تەمى بار گاز، كىلىنىكىدا ئادەتتە ئاغرىقنى پەسەيتىش ئۈچۈن ناركوز دورىسى ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ، ئەمما يېقىنقى يىللاردا بۇ خىل "كۈلدۈرىدىغان گاز"نى غەرب دۆلەتلىرىدىكى بىر قىسىم ياشلار كۆڭۈل ئىچىش ئۈچۈن ئىشلەتمەكتە. 

    لى كاكانىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان بىر دوستى دەم ئىلىپ ياتىقىغا قايتىپ كەلسە، ھەممە يەر ئەخلەتكە توشۇپ سېسىپ كەتكەن، ئەسلىدە ئۇنىڭ قىز دوستى "كۈلدۈرىدىغان گاز"نى جىق سۈمۈرۈپ، كارىۋاتتا چوڭ-كىچىك تەرەپتىن قىلىپ ھوشسىز ياتقان ئىكەن، ئاخىرىدا ئۇ قىز دوستىنى چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ جۇڭگوغا قايتۇرۇپ ئەكەلگەن. 

    "كۈلدۈرىدىغان گاز"دىن باشقا يەنە بىر خىل كىشىنى ئەقىللىك قىلىدىغان دورىمۇ ناھايىتى خەتەرلىك ئىكەن. بۇ خىل دورىنى چەتئەلدىكى داڭلىق مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار توختىماي ئۆگىنىش قىلىش ئۈچۈن يەيدىكەن، بۇ دورىنى يېگەندە ئادەم ھاياجانلىنىپ، ماشىنا ئادەمگە ئوخشاش توختىماي ئۆگىنىش قىلالايدىكەن. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل دورا كوكائىن، مورفىنغا ئوخشاش بولۇپ، خۇمار قىلىپ قويىدىغان دورىغا تەۋە ئىكەن. 

    گەرچە بۇ دورىلار بىز كۆپ ئاڭلايدىغان زەھەرلىك چېكىملىكلەرگە ئوخشىمىسىمۇ ئەمما ئوخشاش دىققەت قىلىشىمىز ۋە پەخەس بولۇشىمىز كېرەك! ئاخىرىدا ئەسكەرتىدىغىنىمىز جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار نەدە بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر چوقۇم جۇڭگونىڭ قانۇنىغا رىئايە قىلىشىڭىز كېرەك! 

    مەنبەسى :رادىيو تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • شاھرۇلخان بىلەن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت ئەلكۈيىدە تارقىتىلدى现场直播

    1970-01-01 08:00

  • ھەدىيە كۆزگە ئاق چۈشۈشنى داۋالاش نەتىجىسى ئەلكۈيىدە 现场直播

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ كوماندىسى ساھىپخان مەيداندا لياۋنىڭنى2 قېتىم مەغلۇب قىلدى

    1970-01-01 08:00

  • ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

    1970-01-01 08:00

  • بايرامدا شىمالىي شىنجاڭدا يامغۇرى يېغىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا قۇم-توزان كۆرۈلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى جەمئىيەتتىن ئاشكارا 1027 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃19 بولىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ دىن ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بىخەتەرلىك تاسمىسى بويىچە مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چىڭمىڭ بايرىمىدا ئايروپىلان بېلەتلىرىنىڭ باھاسىدا ئېتىبار كۆپ

    1970-01-01 08:00