• 2019-يىللىق چاغانلىق كېچىلىكنىڭ يارقىن نۇقتىلىرى تونۇشتۇرۇلدى، رىياسەتچىلىرى ئېلان قىلىندى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-02-01 04:26
  • 2019-يىللىق چاغانلىق كېچىلىكنىڭ يارقىن نۇقتىلىرى تونۇشتۇرۇلدى، رىياسەتچىلىرى ئېلان قىلىندى

    «يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، بەختلىك چاغان ئۆتكۈزەيلى» تېمىسىدىكى 2019-يىللىق مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى چاغان ھارپىسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بۇ نۆۋەتلىك چاغانلىق كېچىلىكتىكى نومۇرلارنىڭ يارقىن نۇقتىلىرى ۋە نۇرغۇن يېڭى تېخنىكىلارنىڭ قوللىنىشىنى تونۇشتۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە چاغانلىق كېچىلىكنىڭ رىياسەتچىلىرىنى ئېلان قىلدى. 

    بۇ نۆۋەتلىك چاغانلىق كېچىلىكتە بېيجىڭدا ئاساسلىق مەيدان تەسىس قىلىنغاندىن سىرت يەنە جياڭشىنىڭ جىڭگاڭشەن، جىلىننىڭ چاڭچۈن، گۇاڭدۇڭنىڭ شېنجىندىمۇ ئۈچ شۆبە مەيدان تەسىس قىلىندى. كاڭ خۇي، جۇ شۈن، رىن لۇيۈ، لى سىسى، نېغمەت بېيجىڭدىكى ئاساسلىق كېچىلىكنىڭ رىياسەتچىلىكىنى قىلىدۇ، باشقا ئۈچ شۆبە كېچىلىكنىڭ رىياسەتچىلىكىنى مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ۋە يەرلىك رادىيو تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرىنىڭ رىياسەتچىلىرى قىلىدۇ. 

    مەيلى كېچىلىكنىڭ كۆلىمى ياكى نومۇر ئورۇنلاشتۇرۇشى بولسۇن، مەيلى قاتنىشىدىغان ئارتىسلار ياكى تېما مەزمۇنى بولسۇن، بۇ نۆۋەتلىك چاغانلىق كېچىلىكتە تاماشىبىنلارغا كۈلكە، خۇشاللىق، ئېسىل نومۇرلار تەقدىم قىلىنىدۇ. مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى چوڭ تىپتىكى نومۇرلار مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چىن لىڭچۈن مۇنداق دېدى: 2019-يىللىق چاغانلىق كېچىلىك مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۆتكۈزۈلىدىغان تۇنجى چاغانلىق كېچىلىك. تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىدىن ئىبارەت دەۋر چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن، بۇ نۆۋەتلىك چاغانلىق كېچىلىكتە ئىنتېرنېت ۋە يېڭى تېخنىكا پائال قوللىنىلدى، ئومۇمىي تاراتقۇ كۆپ ئېكراندا ھەم تۈرتكە بولۇش ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ. 

    2019-يىللىق چاغانلىق كېچىلىك تۇنجى قېتىم 4K سۈزۈكلۈك دەرىجىسىدە بىۋاسىتە تارقىتىلىدۇ، 5G تورىدا مەزمۇن تارقىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ ھەمدە قىزىل بولاق، مەزمۇن جەھەتتە ئۆز-ئارا پىكىرلىشىشتە ئىجادىي ئۇسۇل قوللىنىلىدۇ، قاتنىشىش دەرىجىسى ئاشۇرۇلىدۇ، تاماشىبىنلار يانفون ئارقىلىق چاغانلىق كېچىلىكنى كۆرۈش بىلەن بىرگە چوڭ-كىچىك ئېكراندا پىكىرلىشىشكە ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىدۇ، بۇ ئارقىلىق چاغانلىق كېچىلىكنىڭ كەيپىياتى كۆتۈرۈلىدۇ، سەمىمىي تىلەكلەر يەتكۈزۈلىدۇ. 

    مەنبەسى :تېڭشۈن




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك