• دىلرابا بىلەن نىغمەت چاغانلىق كېچىلىكتە نامايەن بولىدۇ

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-02-01 04:39
  • دىلرابا بىلەن نىغمەت چاغانلىق كېچىلىكتە نامايەن بولىدۇ


    چۈشتىن كېيىنكى ۋە كەچتىكى رەپىتىسكە قاتناشقان سەنئەتچىلەردىن ۋۇ يىفەن، لى يىفېڭ، TFBOYS، جۇ يىلۇڭ، جاڭ يىشىڭ، خەن لېي، سۈن نەن، جاڭ يۈخەن، لىن جىشۈەن، روڭ زۇئېر، جىڭ تيەن، توڭ داۋېي، دۇ جياڭ، جياڭ شۇيىڭ، ۋۇ لېي، دىلرابا، دېڭ لۇن، يەن نى، پەن چاڭجياڭ، جيا لىڭ، شېن تېڭ، ما لى، لى ۋېنچى، شۈەن زى قاتارلىقلار بار بولۇپ، كەيپىياتى ئالاھىدە ياخشى بولغان.

    بەش چوڭ رىياسەتچىمۇ كوللېكتىپ بىلەن كۆرۈشكەن
    ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق چاغانلىق كېچىلىكنىڭ ئاساسلىق مەيدانىدىكى رىياسەتچىلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا كاڭ خۇي، رېن لۇيۈ، جۇ شۈن، نىغمەت، لى سىسىلار ئىكەن. قىرىقتىن ئارتۇق ئېتوت، ناخشا-ئۇسۇل، ئەلنەغمە، سېرىك ئويۇنلىرى ئايرىم-ئايرىم نامايەن قىلىنىپ، تاماشىبىنلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.

    2019-يىللىق مەركىزىي تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ رىياسەتچىلىرى، ئۆتكەن يىلدىكىگە ئوخشاش.
    باھار بايرىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى جۇڭگولۇقلار ئورتاق كۈتۈۋاتقان مەركىزىي تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ «2019-يىللىق چاغانلىق بىرلەشمە كېچىلىكى» ئۆزىنىڭ سىرلىق نىقابىنى ئېچىش ئالدىدا تۇرىدۇ. مەركىزىي رادىئو تېلىۋېزىيە باش ئىستانسىسى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يىللىق كېچىلىك «يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، بەختكە تولغان يىلنى شادلىق ئىچىدە ئۆتكۈزەيلى»نى باش تېما قىلىپ، ئەسلىنى ساقلىغان ئاساستا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش مېلودىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاكتىپ ئېنىرگىيە تارقىتىپ، شاد-خۇرام ئىناقلىققا تولغان چاغانلىق كەيپىيات يارىتىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى جۇڭگولۇقلارغا چاغان ھارپىسىدا مول مەزمۇن سوۋغات قىلىدۇ. 

    مەنبەسى :ۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك