• 17 مىڭ كىشى قانۇن بويىچە ئاپتوموبىل ھەيدەشتىن ئۆمۈرۋايەت چەكلەندى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • 17 مىڭ كىشى قانۇن بويىچە ئاپتوموبىل ھەيدەشتىن ئۆمۈرۋايەت چەكلەندى

    ج خ مىنىستىرلىقى بۇلتۇر مەملىكەت بويىچە 17 مىڭ كىشى قانۇن بويىچە ئاپتوموبىل ھەيدەشتىن ئۆمۈرۋايەت چەكلەندى، دېدى

    ج خ مىنىستىرلىقى 2018-يىلىدىن بۇيان يۈز بەرگەن زور قاتناش ۋەقەلىرى ئاشكارىلانغان مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنى تەكشۈرۈش ۋە تۈزەشنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى. تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم قىلىش ۋە ئىستاتىستىكىلىق رەتلەش ئارقىلىق تەكشۈرۈپ چىقىلغان بىر تۈركۈم ئاپتوموبىل، يول، قاتناش-تىرانسپورت كارخانىلىرى جەھەتتىكى خەۋپ-خەتەر مەنبەلىرىنى ئاشكارىلىدى. 1-ئاينىڭ 30- كۈنى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، دۆلىتىمىزنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈلگەن قاتناش بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەمدە ھادىسە كۆپ يۈز بېرىدىغان يول بۆلەكلىرى، خەۋپ _ خەتىرى يۇقىرى يولۇچىلار تىرانسپورت كارخانىلىرى، قانۇنغا گەۋدىلىك خىلاپلىق قىلغان يولۇچىلار ئاپتۇبۇسلىرىنى ئاشكارىلىدى.

      ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو لىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2018-يىلى، 22 مىليون 850 مىڭ ئاپتوموبىل، 22 مىليون 550 مىڭ شوپۇر، 86 مىڭ كىلومېتىر يول قاتناش مۇساپىسى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەھۋال ئاستىدا، قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 2017-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %0.9 تۆۋەنلىدى، بىر قېتىمدا ئۈچ ئادەم، بەش ئادەمدىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان ئاپتوموبىل ۋەقەسى ئايرىم-ئايرىم % 22.9 ۋە %14.9 تۆۋەنلىدى، بىر قېتىمدا 10 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن زور ھادىسە دېلوسى 5 قېتىم يۈز بېرىپ، 2017-يىلىدىكىدىن % 44.4 ئازىيىپ، يېڭى تۆۋەن چەككە چۈشتى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2018 -يىلى مەملىكەت بويىچە جەمئىي 17 مىڭ 264 ئادەم قانۇن بويىچە ئاپتوموبىل ھەيدەشتىن ئۆمۈرۋايەت چەكلەنگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ھاراق ئىچىپ ياكى مەس ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەپ قاتناش ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەردىن 5149ى بار ئىكەن؛ قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەن ھەمدە قېچىپ كېتىش قىلمىشى بارلاردىن 12 مىڭ 115ى بار ئىكەن.

    مەنبەسى :تېڭشۈن





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • مەردان مىجىتنىڭ ئەڭ يېڭى سۈرەتلىك ناخشىسى«شەلىرىڭدە ئوينايلى» تارقىتىلدى

    1970-01-01 08:00

  • 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى ئالاھىدە لاتارىيە بېلىتى : «ئەتىرگۈل كېلىشىمى»

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ كۈرۈپ بېقىشن ئويلىغان لاتارىيەچى 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئانا بۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ئامەتلىك قىز 20 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • تەلەي سىناپ باقماقچى بولغان ئامەتلىك لاتارىيەچى بىر مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ياش ھەم كېلىشكەن قازاق يىگىتىگە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقتى

    1970-01-01 08:00

  • لاتارىيە سېتىۋالسا چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولامدۇ-يوق؟ لى ئەپەندىم بۇ سوئالغا ياخشى جاۋاب بەردى

    1970-01-01 08:00

  • <قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش> ھەقىقەتەن خۇشاللىققا خۇشاللىق قۇشىدىغان ئۇيۇن!

    1970-01-01 08:00

  • پېشقەدەم لاتارىيەچى 104 يۈەنگە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك مۇكاپاتقا ئېرىشىتى

    1970-01-01 08:00

  • ياش يىگىت تەلەي سىناپ بېقىش ئۈچۈن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00