• چاغانلىق مەدەنىيەت ساياھەت پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلدى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-02-05 03:42
  • چاغانلىق مەدەنىيەت ساياھەت پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلدى


    نەغمە-ناۋا ئىچىدە كونا يىلنى ئۇزاتتۇق، باھار كېلىپ تىيانشاننى ئىللىتىپ، چاغاننى كۈتۈۋالدۇق. ھەرمىللەت ئاممىنىڭ خۇشال-خۇرام چاغان ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار بىر يۈرۈش مەدەنىيەت ساياھەت پائالىيەتلىرىنى ھەمدە «چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى» باش تېما پائالىيىتىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللىدى، ئېسىل نومۇرلار كەينى-كەينىدىن ئوينالدى.


    مەدەنىيەت يالقۇنى پۈتۈن شىنجاڭدا كۆتۈرۈلدى

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان ئاپتونوم رايوننىڭ چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچتە شىنجاڭ سۈنئىي ھەمراھ قانىلىدا كۆرسىتىلىدۇ، كېچىلىك ئۈرۈمچى شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتى، قاراماي شەھىرى ۋە باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدە تۆت مەيدان تەسىس قىلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئامما خۇشال-خۇرام چاغان ئۆتكۈزۈۋاتقان كۆڭۈللۈك كەيپىيات يارىتىلىدۇ.

    چاغان مەزگىلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا 281 تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيىتى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئامما جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش جەريانىدا چاغاننى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزىدۇ.

    -1ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى خۇڭسەن باغچىسىدا باشلانغان «شىنجاڭ بىر ياخشى جاي− 6-نۆۋەتلىك تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا چاغاننى تەبرىكلەش غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىلى ئۆرپ-ئادەت كۆرگەزمىسى» 2-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.
    2-ئاينىڭ 1-كۈنى، «بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز» مەدەنىيەتنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش− 2019-يىللىق چاغانلىق مۇزىكا كېچىلىكى شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇزىكانتلار بىلەن شىنجاڭ كۈي سۆيەر ئوركېستىرى چاغان سىمفونىيەسىنى ئورۇنلىدى. شىنجاڭ كۈي سۆيەر ئوركېستىرىنىڭ ئۆمەك باشلىقى ۋاڭ شياۋلياڭ مۇنداق دېدى: «چاغان يېتىپ كېلىش پەيتىدە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە داڭلىق سەنئەتكارلارنى تەكلىپ قىلدۇق، بىز ئۇلار بىلەن بىللە، شىنجاڭدىكى تاماشىبىنلارغا يۇقىرى سۈپەتلىك مەنىۋى ئوزۇق ئاتا قىلىمىز».

    چاغان مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق كەسپىي سەنئەت ئۆمەكلىرىدىن قۇرۇلغان «بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز» مەدەنىيەتنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئەدەبىيات-سەنئەت شۆبە ئەترەتلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەرقايسى رايون، ناھىيە، يېزا، بازار، كەنت ۋە مەھەللىلىرىگە بېرىپ ئويۇن قويۇپ، چاغانلىق تىلەكلىرىنى ھەر مىللەت ئاممىغا يەتكۈزىدۇ.

    ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاستلارمۇ بەس-بەستە «چاغانلىق كېچىلىك» ئۆتكۈزىدۇ ھەم ئەدەبىيات-سەنئەت شۆبە ئەترىتى تەشكىللەپ، ئايرىم -ئايرىم ھالدا ئاساسىي قاتلام، بىرىنچى سەپكە بېرىپ «خۇشاللىق يەتكۈزۈش ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، سەرخىل ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى تەقدىم قىلىدۇ، پانۇس تېپىشمىقى تېپىش قاتارلىق قىزىقارلىق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرىدۇ.

    ساياھەت «باھار گۈللىرى» ھەممە جايدا پورەكلەپ ئېچىلدى

    چاغاننىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، چاغان تۈسى تېخىمۇ قويۇقلاشتى. پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار كۆپ خىل ساياھەت پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرنى چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىن بەھرىلەندۈرىدۇ.

    2-ئاينىڭ 3-كۈنى، قۇمقاناستا داغدۇغىلىق گۈلخان كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلىدۇ، ساياھەتچىلەر تۇۋالار، قازاق چارۋىچىلار بىلەن بىرلىكتە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ چاغاننى كۈتۈۋالىدۇ. 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، قۇمقاناس مەنزىرە رايونى يەنە «قار-مۇز− يېڭى يىلنى تەبرىكلەش قار ئېتىشىش بايرىمى» «قۇمقاناس ئىپتىدائىي يىلى» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى يولغا قويىدۇ.

    «چاغاندا شېخو كوچا ئويۇنى كۆرسىتىش− جۇڭگو يىلىدىكى مىللىي ئۆرپ-ئادەت». 2-ئاينىڭ 7-، 9-كۈنى ساياھەتچىلەر تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدا شېخو كوچا ئويۇنى كۆرۈش، قار-مۇز تاماشا قىلىش، مۇز ئۈستىدە ئارقان تارتىشىش، ئەجدىھا ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى، ئۆي قېيىق ئويۇنى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشالايدۇ.

    بىڭتۈەن 8-شىسىنىڭ 134-تۈەنىدىكى 71 پارنىكتا گىلاس دەرەخلىرى بەس-بەستە چېچەكلىدى، پىچان ناھىيەسى پىچان يېزىسىنىڭ چوڭ ھوڭ كەنتىدىكى پارنىكلاردا شاپتۇل دەرەخلىرى ھۈپپىدە چېچەكلەپ، قويۇق باھار مەنزىرىسى ئېلىپ كەلدى.

    ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خۇڭسەن باغچىسى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى پىيادىلەر كوچىسىدىكى «جۇڭخۇا مەززىلىك يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسى»دە، ئاشپەزلەر نەق مەيداندا شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى ئەتتى. نەنسەن مەنزىرە رايونى، تىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونىدا مۇز تېيىلىش، قار ئويناش ھۇزۇرىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

    سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى قىشلىق قار-مۇز پەسلى پائالىيىتىنى يولغا قويدى، ساياھەتچىلەر ئات چانىغا ئولتۇرۇپ، سايرام كۆلىنىڭ قىشلىق مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنالايدۇ؛ ئاۋات ناھىيەسىدىكى دولان قەبىلىسى مىللىي ئۆرپ-ئادەت «قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزىدۇ، ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، پالۋانلار چېلىشىشى، سارغايدى قاتارلىقلار ساياھەتچىلەرگە ئوخشاش بولمىغان مىللىي ئۆرپ-ئادەتنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

    1-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 300 تۈرگە يېقىن مەدەنىيەت ۋە ساياھەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، «مەدەنىيەت + ساياھەت» «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى + ساياھەت» «تەنتەربىيە + ساياھەت» قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، چاغانلىق ساياھەتنىڭ قاينام-تاشقىنلىققا چۆمۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

    چىراغ نۇرى چاغانغا ھۆسن قوشۇپ، بايرام تۈسىنى قويۇقلاشتۇردى

    چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە، رەڭگارەڭ چىراغ نۇرلىرى ئۈرۈمچىگە «ھۆسن قوشىدۇ»، «بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز» باش تېمىسىدىكى چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى پائالىيىتى ھەر مىللەت ئاممىنى كاتتا مەنزىرىدىن بەھرىمەن قىلىش بىلەن بىللە، ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە تىلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

    بۇ قېتىمقى چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسىدە «بەختلىك جۇڭگو يىلى، يېڭى جۇڭگونى ھۆرمەت بىلەن مەدھىيەلەش، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش» باش تېما قىلىنىدۇ. ھەر كۈنى سائەت 19دىن 30مىنۇت ئۆتكەندە باشلىنىپ، ئىككىنچى كۈنى سەھەر سائەت 2دە ئاياغلىشىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى جوۋ يۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى، غەربىي چوڭ كۆۋرۈك، خۇڭسەن تېغى گەۋدىسى، كۆرگەزمە تەۋەلىك رايونى، دوستلۇق تەۋەلىك رايونى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تەۋەلىك رايونىدىن ئىبارەت ئالتە رايوندا تەسىس قىلىنىدىكەن، كۆپ خىل تېخنىكا ۋاسىتىسىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق، جۇڭگو تۈگۈچى، چوڭ قىزىل پانۇس قاتارلىق جۇڭخۇا مىللىتى ۋە جۇڭگو روھىغا سىمۋول قىلىنغان ئامىللار ماسلاشتۇرۇلۇپ، سىن، يېزىق، ئوپتىك سايىلىك سۈرەتلەر ئارقىلىق، كەڭ شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىلەرگە بىر مەيدان كۆرۈنمە كاتتا پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ بېرىلىدىكەن.

    «ھازىر ئۈرۈمچى بارغانسېرى گۈزەللىشىۋاتىدۇ، تۇرمۇشىمىزمۇ بارغانسېرى قولايلىشىۋاتىدۇ، مۇشۇ شەھەردە ياشاۋاتقىنىمدىن تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىمەن. شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن، ۋەتىنىمىزنىڭ كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن!» دېدى شەھەر ئاھالىسى ۋاڭ ئەپەندى، مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۈرۈمچىلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ۋەتەننىڭ گۈللىنىپ قۇدرەت تېپىشىدىن، شىنجاڭنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىدىن، ئۈرۈمچىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىدىن ئىپتىخارلىق ھېس قىلدى.

    مەنبەسى :دۆڭكۆۋرۈك خاتىرلىرى سالونى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك