• كۇچا تۇنجى نۆۋەتلىك ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى باشلاندى

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-04-02 12:12
  • كۇچا تۇنجى نۆۋەتلىك ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى باشلاندى

    دۆلەت يولى 217- لىنىيەسى ساياھەت مەنزىرە يول قۇرۇلۇشىنىڭ تىجارەت تۈرلىرىدە ئىش باشلاندى

    3- ئاينىڭ 29- كۈنى، كۇچانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆرۈكلەر ئارقا - ئارقىدىن چېچەكلەپ، ساياھەتچىلەرنى كۆكلەم سەيلىسىگە جەلپ قىلدى.

          شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى لى خەۋەر قىلىدۇ: 3- ئاينىڭ 29- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، كۇچا ناھىيەسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئۆرۈك چېچىكى بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ھەم دۆلەت يولى 217- لىنىيەسى ساياھەت مەنزىرە يول قۇرۇلۇشىنىڭ تىجارەت تۈرلىرىدە قۇرۇلۇش باشلاش مۇراسىمى كۇچا ناھىيەسىنىڭ كۈسەن ئاياللار دۆلىتى مەدەنىيەت - ساياھەت سودا كىچىك بازىرىدا ئۆتكۈزۈلدى.

      جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ باھار پەسلىگە دەل ئۈلگۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ساياھەت كەسىپكارلىرىنىڭ ساياھەت لىنىيەسى بىلەن تونۇشۇش ئۆمىكى كۇچاغا يېتىپ كەلدى، 200گە يېقىن ساياھەت كەسىپكارى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. كۆپچىلىك قوللىرىدىكى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى پۇلاڭلىتىپ، بىر تەرەپتىن ئۈنلۈك ئاۋازدا «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ، بىر تەرەپتىن ئېچىلىش مۇراسىمى نەق مەيدانىغا كىردى.

      بۇ قېتىملىق ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى سۈرەتكە تارتىپ ماتېرىيال توپلاش، گۈزەل - سەنئەت كۆرگەزمىسى، مىللىي ئۆرپ - ئادەتكە ئائىت نومۇرلار، خاس نازۇنېمەتلەرنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان. «بىز ئۆرۈك چېچىكى بايرىمىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش ئېففېكتىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، كۇچانىڭ ئۆزگىچە ساياھەت مەنزىرىلىرى ۋە خاس مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتىگە تايىنىپ، يېڭىچە ئىجادىي تەپەككۇرغا ئىگە، جەلپ قىلىش كۈچى زور، قاتنىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولغان بىر قاتار مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن <قەدىمكى كۈسەن يىپەك يولىدىكى كۇچا> مەدەنىيەت داڭلىق ماركىسى بەرپا قىلىشقا ھاياتىي كۈچ بېغىشلايمىز» دېدى كۇچا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نىڭبو شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى جاڭ شىڭبو.

      كۇچا ناھىيەسى مايتاغ - كۇچا تاشيولى جەنۇبىي بۆلىكىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىغا جايلاشقان. بۇ ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ، شاڭخەي بويا فاڭلۆ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى مەنزىرە نۇقتىسى ساياھىتىنى يادرو قىلغان ئەنئەنىۋى ساياھەت ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىپ، دەم ئېلىش، ئېكسپېدىتسىيە، ھۇزۇرلىنىش بىر گەۋدە قىلىنغان «ساياھەت يولدا» تېمىسىدىكى يېڭى ساياھەت شەكلىنى ياراتتى. «بىز دۆلەت يولى 217- لىنىيەسىنىڭ كۇچا بۆلىكىنى ئاساسىي گەۋدە قىلىپ، غەربىي يۇرت مۇزىكا - ئۇسسۇلى، تاش كېمىر تام رەسىملىرى، يارداڭ يەر شەكلى قاتارلىق ئامىللار بىلەن تاشيولنى بىرلەشتۈرۈپ، چوڭ - كىچىك ئەجدىھا كۆلچىكى ئېكولوگىيە ساياھىتى، تىيانشان سىرلىق چوڭ جىلغىسى ساياھىتى، كۈسەن مەدەنىيەت ساياھىتىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۈردىكى خاس ساياھەت مەھسۇلاتىنى يارىتىپ، تىيانشان ئېكولوگىيە ساياھىتى، جىلغىدا يۇرت مېھرىنى ھېس قىلىش، باياۋان ئېكسپېدىتسىيە تەتقىقاتى، كۈسەن مىللىي ئۆرپ - ئادەت ئىستىراھىتى قاتارلىق تۆت چوڭ ساياھەت مېلودىيەسىنى ياڭرىتىپ، جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل، ئەڭ كۆڭۈللۈك غەربىي يۇرت ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئايلىنىش يولىنى بەرپا قىلىمىز. ئەڭ ئاخىرىدا كۇچانى مۇھىم نۇقتا قىلغان چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت - ساياھەت كەسىپلەر توپى، دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى، ساياھەت+قاتناش يۇغۇرۇلما تەرەققىيات ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى شەكىللەندۈرىمىز» دېدى شاڭخەي بويا فاڭلۆ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى چېن خۇا.

      دۆلەت يولى 217- لىنىيەسى ساياھەت مەنزىرە يولىدا 2020- يىلىنىڭ ئاخىرىدا قۇرۇلۇشنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاش مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، كۇچا كۈسەن ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ چېڭدۇ - كۇچا بىۋاسىتە ئۇچۇش لىنىيەسىنى ئېچىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، «ساياھەت»تىن باشقا «مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش، تاماق، ياتاق، قاتناش، ئۆگىنىش، ئىستىراھەت، ھۇزۇرلىنىش، ھەيران قېلىش» قاتارلىق چوڭقۇرلاپ ساياھەت قىلىش ئامىللىرى بازىرىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، ئاساسلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىدىن ئۇنىۋېرسال تىپتىكى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى، ئائىلىۋى ياتاق، قۇراشتۇرما مېھمانساراي، شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش، غەربىي يۇرت ئاشخانىسى، ماشىنا ئۆي لاگېرى، دالا ئاپتوموبىلى كۇلۇبى، تاش ئورمان ئېكسپېدىتسىيەسى قاتارلىقلار بار بولۇپ، تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، يىللىق ساياھەتچى كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارى 1 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشىدىكەن.

    كۇچا «ئۆرۈك چېچىكى پەرىسى» كۈسەن ئاياللار دۆلىتى مەدەنىيەت - ساياھەت سودا بازىرىدا سەييارە ئويۇن قويماقتا.
    يەرلىكتىكى ئامما ئۆرۈك چېچىكى بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشماقتا. (سۈرەتلەرنى ۋاڭ خوۋيۈن تارتقان.)

    مەنبەسى :تيانشان تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • شاھرۇلخان بىلەن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت ئەلكۈيىدە تارقىتىلدى现场直播

    1970-01-01 08:00

  • ھەدىيە كۆزگە ئاق چۈشۈشنى داۋالاش نەتىجىسى ئەلكۈيىدە 现场直播

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ كوماندىسى ساھىپخان مەيداندا لياۋنىڭنى2 قېتىم مەغلۇب قىلدى

    1970-01-01 08:00

  • ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

    1970-01-01 08:00

  • بايرامدا شىمالىي شىنجاڭدا يامغۇرى يېغىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا قۇم-توزان كۆرۈلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى جەمئىيەتتىن ئاشكارا 1027 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃19 بولىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ دىن ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بىخەتەرلىك تاسمىسى بويىچە مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چىڭمىڭ بايرىمىدا ئايروپىلان بېلەتلىرىنىڭ باھاسىدا ئېتىبار كۆپ

    1970-01-01 08:00