• شى جىنپىڭ جۇڭگو - فىرانسىيە يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش مۇنبىرىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-04-02 12:26
  • شى جىنپىڭ جۇڭگو - فىرانسىيە يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش مۇنبىرىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى


    3- ئاينىڭ 26- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پارىژدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - فىرانسىيە يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش مۇنبىرىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جۇنكېر تەكلىپكە بىنائەن قاتناشتى.(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

      شىنخۇا ئاگېنتلىقى، پارىژ، 3- ئاينىڭ 26- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار چېن جى، لى جۇڭفا، خۇاڭيىن جيازى) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3- ئاينىڭ 26- كۈنى پارىژدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - فىرانسىيە يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش مۇنبىرىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جۇنكېر تەكلىپكە بىنائەن قاتناشتى.

      شى جىنپىڭ ۋە ماكرون، مېركىل، جۇنكېر قىزغىن چاۋاك ساداسى ئىچىدە يېپىلىش مۇراسىمى نەق مەيدانىغا بىللە كىرىپ كەلدى.

      شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ئوخشاشلا يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم قاتناشقۇچىلىرى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش، كۆپ تەرەپچىللىك ۋە ئەركىن سودىنى قوغداش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسلىلەردە كەڭ سىياسىي ئورتاق تونۇش ۋە مۇستەھكەم ھەمكارلىق ئاساسىغا ئىگە. جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى ئورتاق قوغداپ، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلاندى.

      شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، كەسكىن يەرشارىۋى خىرىس ئالدىدا، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىدا نەگە بېرىپ نەدە تۇرۇشنى تاللىشى ئالدىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئاكتىپ ھالدا ھەرىكەت قىلغۇچىلاردىن بولۇپ، قاراپ تۇرغۇچىلاردىن بولماي، ئورتاق تىرىشىپ ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى ئۆز قولىدا ئىگىلەپ تۇرۇشى كېرەك.

      بىرىنچىدىن، ئادىل، مۇۋاپىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدارە قىلىش قىزىل رەقىمىنى يېشىش كېرەك. ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، يەر شارىۋى ئىشلارنى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى مەسلىھەتلىشىپ بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش قائىدىسىنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈشنى پائال ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن ئىبارەت بۇ كۆپ تەرەپچىللىك بايراقنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈپ، يەر شارىۋى ۋە رايون كۆپ تەرەپلىك مېخانىزمىنىڭ ئىجادىي رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىنىسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

      ئىككىنچىدىن، ئۆزئارا كېڭىشىپ، ئۆزئارا ئەپۇ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشىنىش قىزىل رەقىمىنى يېشىش كېرەك. ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، سۆزلىشىش كېڭىشىشتىن پايدىلىنىپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش، ئوخشاشلىقلارنى مۇجەسسەملەپ، پەرقلەرنى تۈگىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا گۇمانلىنىشنى ئازايتىش كېرەك. توغرا بولغان ھەققانىيەت - مەنپەئەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەققانىيەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ھەققانىيەت بىلەن مەنپەئەتكە تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەك. ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەر ئارا ئالماشتۇرۇش، سۆزلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

      ئۈچىنچىدىن، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تىنچلىق قىزىل رەقىمىنى يېشىش كېرەك. ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان يېڭى خەۋپسىزلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ۋە نۆل يىغىندىلىق تىرىكىشىش كونا تەپەككۇرىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئورمان قائىدىسىنى چۆرۈپ تاشلاپ، تىنچلىق ئۇسۇلى بىلەن ماجىرالارنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باشقىلارغا ئورا كولاش، ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىنى دەپ باشقىلارنى زىيانغا ئۇچرىتىشقا قارشى تۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى دۆلەتلەر تىنچ تەرەققىيات يولىدا بىللە مېڭىشى كېرەك.

      تۆتىنچىدىن، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات قىزىل رەقىمىنى يېشىش كېرەك. ئىجادىيەتلىك قوزغىتىش، ماسلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش، ئادىل، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مول ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئېشىش ئەندىزىسى، ئوچۇق، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىق ئەندىزىسى، تەڭپۇڭ، ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنى ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىش تەرەققىيات نەتىجىسىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا قارىتا زۆرۈر ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى قوللايدۇ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغدايدۇ، فىرانسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا پائال قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. بىز جۇڭگو - ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

      شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو - فىرانسىيە دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. يېڭى ۋەزىيەتتە، ئىككى تەرەپ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، «پارىژ كېلىشىمى»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ يىللىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ھەرىكىتى باشلىقلار يىغىنىنىڭ پائال نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە ھەرقايسى دۆلەت خەلقى ئۈچۈن بەخت - سائادەت يارىتىش كېرەك. جۇڭگو - فىرانسىيە ئىككى تەرەپ ۋە ئالاقىدار ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ سۆزلىشىش يوللىرىنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاپ، ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىق ئارقىلىق ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ گۈزەل بولغان يەرشارىدىن ئىبارەت يۇرت - ماكاننى قۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى بېغىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

      ماكرون سۆز قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياۋروپا - جۇڭگونىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش، سۆزلىشىشنى ساقلىشى كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداشتا كەم بولسا بولمايدىغان رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. ياۋروپا بىلەن جۇڭگونىڭ ئېران يادرو مەسىلىسى، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئافرىقا خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىياتى قاتارلىق ساھەلەردىكى مەيدانى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ھەممىسى كۈچلۈك، ئادىل كۆپ تەرەپلىك سىستېما بەرپا قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. جۇڭگونىڭ تېز سۈرئەتلىك تەرەققىياتى، مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ نەچچە يۈز مىليون كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغانلىقى كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى. فىرانسىيە جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى مۇھىم ئىجابىي رولىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ياۋروپا بىلەن جۇڭگو دۇنيادىكى مۇھىم كۈچ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، سۆزلىشىش شەكلى ئارقىلىق ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىيالايدۇ. ياۋروپا تەرەپ يېڭىلىق يارىتىش شەكلى ئارقىلىق، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ياۋروپا - ئاسىيانىڭ ئالاقىنى تۇتاشتۇرۇشى، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرسە بولىدۇ.

      مېركىل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى ياخشى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. ياۋروپا تەرەپ ياۋروپا - جۇڭگو مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىگە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»دىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ھەمكارلىق تەشەببۇسىغا قاتنىشىش توغرىسىدا پائال ئىزدىنىشى، ياۋروپا بىلەن جۇڭگو ھەمكارلىشىپ كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك ئاپپاراتلار ئىسلاھاتى توغرىسىدا ئورتاق كېڭىشىشى كېرەك. گېرمانىيە كېلەر يىلى ياۋروپا - جۇڭگو رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى بېرىدۇ.

      جۇنكېر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياۋروپا بىلەن جۇڭگو مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلار. ئىككى تەرەپنىڭ باراۋەر ئاساستا سۆزلىشىشنى ساقلىشى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ياۋروپا - جۇڭگو مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىشى ھەم دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىسلاھاتى قاتارلىق مۇھىم، زور خەلقئارا مەسىلىلەردە ماسلىشىشنى ساقلىشى كېرەك. مەن پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا - جۇڭگو رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ پائال نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

      دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

    مەنبەسى :سىنا تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • شاھرۇلخان بىلەن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت ئەلكۈيىدە تارقىتىلدى现场直播

    1970-01-01 08:00

  • ھەدىيە كۆزگە ئاق چۈشۈشنى داۋالاش نەتىجىسى ئەلكۈيىدە 现场直播

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ كوماندىسى ساھىپخان مەيداندا لياۋنىڭنى2 قېتىم مەغلۇب قىلدى

    1970-01-01 08:00

  • ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

    1970-01-01 08:00

  • بايرامدا شىمالىي شىنجاڭدا يامغۇرى يېغىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا قۇم-توزان كۆرۈلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى جەمئىيەتتىن ئاشكارا 1027 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃19 بولىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ دىن ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بىخەتەرلىك تاسمىسى بويىچە مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چىڭمىڭ بايرىمىدا ئايروپىلان بېلەتلىرىنىڭ باھاسىدا ئېتىبار كۆپ

    1970-01-01 08:00