• چىڭمىڭ بايرىمىدا ئايروپىلان بېلەتلىرىنىڭ باھاسىدا ئېتىبار كۆپ

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-04-02 11:00
  • چىڭمىڭ بايرىمىدا ئايروپىلان بېلەتلىرىنىڭ باھاسىدا ئېتىبار كۆپ

     چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىش يېتىپ كېلىش ئالدىدا، 3-ئاينىڭ 31-كۈنى، مۇخبىرنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى بېلەت ئىشلىرى تور بېكەتلىرىدىن ئىگىلىشىچە، چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭغا كىرىپ چىقىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ بېلەتلىرى كۆپىنچە %10-%30 لىك باھادىن باشلىنىدىكەن، قىسمەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە 500 يۈەن بىلەن شىنجاڭدىن «ئۇچۇپ» چىققىلى بولىدىكەن.

      مەسىلەن، ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭ، شاڭخەيگىچە، چىڭمىڭ بايرىمى كۈنى (4-ئاينىڭ 5-كۈنى) بېلەت باھاسى بىردەك 500 يۈەنلىك تۆۋەن باھانى چۆرىدەيدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا 438 يۈەندىن باشلىنىپ، %17 لىك باھادا سېتىلىدىكەن، ئۈرۈمچىدىن شاڭخەيگە 585 يۈەندىن باشلىنىپ، %18 لىك باھادا سېتىلىدىكەن، شىنجاڭغا كىرىش بېلىتى ئاساسەن شىنجاڭدىن چىقىش بېلىتى بىلەن تەڭلىشىدىكەن.

      چىڭمىڭ بايرىمى مەزگىلىدە، ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ چېڭدۇ، گۇيجوۋ قاتارلىق جايلارغا بارىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ بېلىتىنى ئوخشاشلا 500 يۈەن ئەتراپىدا سېتىۋالغىلى بولىدىكەن. چىڭمىڭ بايرىمى كۈنى، ئۈرۈمچىدىن گۇيياڭغا ئۇچىدىغان ئايروپىلاننىڭ بېلىتى 584 يۈەندىن باشلىنىپ، %23 لىك باھادا سېتىلىدىكەن؛ ئۈرۈمچىدىن چېڭدۇغا ئۇچىدىغان ئايروپىلاننىڭ بېلىتى 588 يۈەندىن باشلىنىپ، %25 لىك باھادا سېتىلىدىكەن؛ ئۈرۈمچىدىن چاڭشاغا ئۇچىدىغان ئايروپىلاننىڭ بېلىتى 574 يۈەندىن باشلىنىپ، %18 لىك باھادا سېتىلىدىكەن؛ ئۈرۈمچىدىن خېفېيغا ئۇچىدىغان ئايروپىلاننىڭ بېلىتى 580 يۈەندىن باشلىنىپ، %18 لىك باھادا سېتىلىدىكەن. ئۈرۈمچىدىن خاڭجوۋ، جىنەن، كۇنمىڭ قاتارلىق جايلارغا ئۇچىدىغان ئايروپىلاننىڭ بېلىتى چىڭمىڭ بايرىمى مەزگىلىدە يەنىلا 500 يۈەندىن سەل ئاشىدىكەن.

      چىڭمىڭ بايرىمى كۈنى، ئۈرۈمچىدىن چۇڭچىڭ، ۋۇخەن، شىئەن، لەنجوۋ، شىنىڭ، تەييۈەن، يىنچۈەنگە ئۇچىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ بېلەت باھاسى ھەتتا 500 يۈەنگىمۇ يەتمەيدىكەن.

      ئۈرۈمچىدىن چىڭداۋ، شيامېن، خەيكوۋ، سەنيا قاتارلىق جايلارغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ بېلىتى چىڭمىڭ بايرىمى مەزگىلىدە بىردەك %20-%40 لىك باھادا سېتىلىدىكەن.

      شىنجاڭ ئىچى جەھەتتە، چىڭمىڭ بايرىمى مەزگىلىدە كۆپىنچە يۇرتىغا، ئۆيىگە قايتىدىغان يولۇچىلار ئاساس قىلىنىدىكەن، ئۈرۈمچىدىن قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، كورلا، غۇلجا، قاراماي، ئالتاي قاتارلىق جايلارغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ بېلىتى %10-%30 لىك باھادىن باشلىنىدىكەن.

    مەنبەسى :سىنا تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • رونالدو بىلەن ئىبراھىموۋىچنىڭ مۇسابىقىسى ئەلكۈيىدە بىۋاستە تارقىتلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • رونالدو بىلەن ئىبراھىموۋىچنىڭ مۇسابىقىسى ئەلكۈيىدە بىۋاستە تارقىتلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • بازار باھاسىنى ئۆرلىتىۋېلىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى ئېنگلىزچە قىسقارتىلىپ « NCP» دىيىلىدىغان بولدى

    1970-01-01 08:00

  • رۇيدېسىۋېي دورىسى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلارغا بۈگۈن ئىشلىتىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • تۈركىيەنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى 3 پارچە بوپ كەتتى،3ئادەم ئۈلۈپ179ئادەم يارىلاندى

    1970-01-01 08:00

  • يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش مەزگىلىدە توك پۇلى تۈگەپ كەتسىمۇ توك توختىمايدىغان بولدى

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى تىجارەتچىلەرگە مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭدا 2020 - يىللىق ئەتىيازلىق ئوقۇش باشلاش مەۋسۇمى كېچىكتۈرىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى 1 مىليارد يۈەنلىك كاتتا سوۋغاتنى ئېلىپ يولغا چىقتى

    1970-01-01 08:00