• ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى جەمئىيەتتىن ئاشكارا 1027 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-04-04 06:00
  • ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى جەمئىيەتتىن ئاشكارا 1027 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ

    يېقىندا، جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى كارخانىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس كۇرس (ئالىي كەسپى مائارىپ) ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە 2019-يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان 1027 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ، تىزىملىتىش ۋاقتى 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە.

      مۇخىبرىمىزنىڭ شىنجاڭ ئىمتىھان ئۇچۇرى مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىم قوبۇل قىلىنىدىغانلار دۆلەتنىڭ خادىم قوبۇل قىلىش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن، ئەۋەتىش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس كۇرس (ئالىي كەسپى مەكتەپ) ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە 2019-يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۆمۈريول كەسپىنى قىزغىن سۆيىدىغان، تۆمۈريول كارخانا مەدەنىيىتىنى ئېتراب قىلغان، كەسىپنى قىزغىن سۆيۈش روھى ۋە كوللېكتىپ ھەمكارلىق روھىغا ئىگە بولۇشى؛ ئىدارىنىڭ ئىش ئورنى ۋە خىزمەت نۇقتىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەڭشىشىگە بويسۇنۇپ، تۆمۈريولنىڭ يول خىزمەت مۇھىتى ۋە نۆۋەتلىشىپ ئىشلەش تۈزۈمىگە ماسلىشالايدىغان بولۇشى كېرەككەن.

       بۇ قېتىم خادىم قوبۇل قىلىدىغان ئورۇنلار كورلا شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى پاراۋۇز ئىشلىرى ئوچاستىكىسى، يولۇچى توشۇش ئوچاستىكىسى، مال توشۇش مەركىزى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى ئوچاستىكىسى ۋە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - كونتىرول قىلىش ئورنىنىڭ كەسپىي تېخنىكا ئىش ئورۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە تولۇق كۇرس ئوقۇش مەلۇماتىغا ئىگە 515 ئادەم، مەخسۇس كۇرس (ئالىي كەسپى مەكتەپ) مەلۇماتىغا ئىگە 512 ئادەم قوبۇل قىلىنىدىكەن.

      دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى تۈرى، قانۇن تۈرى، سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈرى، ئاممىۋى باشقۇرۇش تۈرى، ئىقتىساد - سودا تۈرى، ئىستاتىستىكا ئىلمى تۈرى قاتارلىق كەسىپتىكىلەرگە قارىتا «يۈز تۇرانە ئىمتىھان+يېزىقچە ئىمتىھان» تەكشۈرۈپ باھالاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدىكەن. يۈز تۇرانە ئىمتىھان سىنىقىدىن ئۆتكەنلەر يېزىقچە ئىمتىھان بېرىدىكەن، يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسى ئەلالار قوبۇل قىلىنىدىكەن؛ باشقا تۈردىكى كەسىپتىكىلەرگە يۈز تۇرانە ئىمتىھاندىن ئىبارەت تەكشۈرۈپ باھالاش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، ئەلالىلىرى تاللىنىپ قوبۇل قىلىنىدىكەن.

      بۇ قېتىمقى خادىم قوبۇل قىلىشتا پەقەت توردا تىزىملىتىش شەكلى قوللىنىلىدىكەن. تىزىملاتقۇچىلار «جۇڭگو تۆمۈريولى ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش تورى» (http://rczp.china­railway.com.cn)غا چىقىپ ھەقىقىي ئىسىم بىلەن تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن مەشغۇلات ئېلىپ بارسا بولىدىكەن. تىزىملاتقۇچىلار ئۆزىنىڭ ئوقۇش تارىخى، ئوقۇغان كەسىپى بويىچە قوبۇل قىلىش ئىش ئورنىنى سېلىشتۇرۇپ تەرتىپ بويىچە تىزىملاش ئېلىپ بارسا بولىدىكەن، بىر ئادەم پەقەت بىرلا ئىش ئورنىغا تىزىملىتالايدىكەن. تىزىملىتىش ۋاقتى 2019-يىل 4-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە بولىدىكەن.

    مەنبەسى :تىيانشان تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • رونالدو بىلەن ئىبراھىموۋىچنىڭ مۇسابىقىسى ئەلكۈيىدە بىۋاستە تارقىتلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • رونالدو بىلەن ئىبراھىموۋىچنىڭ مۇسابىقىسى ئەلكۈيىدە بىۋاستە تارقىتلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • بازار باھاسىنى ئۆرلىتىۋېلىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى ئېنگلىزچە قىسقارتىلىپ « NCP» دىيىلىدىغان بولدى

    1970-01-01 08:00

  • رۇيدېسىۋېي دورىسى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلارغا بۈگۈن ئىشلىتىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • تۈركىيەنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى 3 پارچە بوپ كەتتى،3ئادەم ئۈلۈپ179ئادەم يارىلاندى

    1970-01-01 08:00

  • يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش مەزگىلىدە توك پۇلى تۈگەپ كەتسىمۇ توك توختىمايدىغان بولدى

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى تىجارەتچىلەرگە مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭدا 2020 - يىللىق ئەتىيازلىق ئوقۇش باشلاش مەۋسۇمى كېچىكتۈرىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى 1 مىليارد يۈەنلىك كاتتا سوۋغاتنى ئېلىپ يولغا چىقتى

    1970-01-01 08:00