• شىنجاڭنىڭ يېقىنقى ئۈچ كۈنلۈك ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات يوللاندى ، كۆرىۋېلىڭلار

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-05-24 01:07
  • شىنجاڭنىڭ يېقىنقى ئۈچ كۈنلۈك ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات يوللاندى ، كۆرىۋېلىڭلار


      ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى سالونى خەۋىرى: بۈگۈن ئەتتىگەن ئاپتونۇم رايونلۇق ھاۋارايى ئىدارىسى شىنجاڭنىڭ يېقىنقى ئۈچ كۈنلۈك ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات بەردى.

      بۈگۈن كۈندۈزدىن كېچىگىچە، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شەرقىي قىسمى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاغلىق رايونى، قىزىلسۇ ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى تاغلىق رايون، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايون قاتارلىق قىسمەن رايونلاردا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاغلىق رايونى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ، قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدۇ، قىسمەن جايلاردا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۈچلۈك يامغۇر، مۆلدۈر، گۈلدۈرمامىلىق بوران قاتارلىق كۈچلۈك كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايى كۆرۈلۈشى بىرقەدەر چوڭ بولىدۇ، شەرقىي شىنجاڭدىكى شامال ئېغىزلىرىدا 8 ~ 9 بال قىيپاش شىمال شامىلى چىقىدۇ، ئۆتكۈنچى شامال 10 ~ 11 بالغا يېتىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىنىڭ كۆپ قىسمىدا 5 ~ 6 بال شەرق شامىلى چىقىدۇ ھەمدە كۆرۈنەرلىك قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، قىسمەن رايونلاردا توپا ياغىدۇ ياكى قۇم-بوران چىقىدۇ. 

     شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا بەزىدە ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، ئانچە كۈچلۈك شامال چىقمايدۇ.  

    قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ئىلى ئوبلاستى، بورتالا ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا 25-ئاۋغۇست كۈندۈزدىن كېچىگىچە ئازراق يامغۇر ياغىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايون، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ، قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر ياغىدۇ، قىسمەن جايلاردا قىسقا ۋاقىتلىق قاتتىق يامغۇر، مۆلدۈر، گۈلدۈرمامىلىق بوران قاتارلىق كۈچلۈك كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. 

     جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا 5 ~ 6 بال قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدۇ ھەمدە بىر قەدەر روشەن قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، قىسمەن رايونلاردا چاڭ-توزان كۆتۈرۈلىدۇ ياكى قۇم-بوران چىقىدۇ.  

    شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا بەزىدە ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، ئانچە كۈچلۈك شامال چىقمايدۇ. 

     26-ئىيۇن كۈندۈزدىن كېچىگىچە ئىلى ئوبلاستى، قىزىلسۇ ئوبلاستى ۋە بورتالا ئوبلاستىنىڭ غەربىي قىسمى، شىخەنزە شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايون، قەشقەر ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى ئوبلاستىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى تاغلىق رايون ۋە قىزىلسۇ ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدۇ؛ جەنۇبىي شىنجاڭ تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىدا بەش بال ئەتراپىدا شەرق شامىلى چىقىدۇ ھەم ئوخشىمىغان دەرىجىدە چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ.  شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا بەزىدە ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، ئانچە كۈچلۈك شامال چىقمايدۇ. 

     ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 22-ماي سائەت 16 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە بوران كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتقان ۋە 23-ماي سائەت 12 دە ئېلان قىلغان قۇم-بوران سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.

      نۇقتىلىق ئەسكەرتىش:1. بۈگۈن كۈندۈزى شىمالىي شىنجاڭنىڭ قىيپاش غەربىي شىمال رايونلىرىدا قىسقا ۋاقىتلىق يامغۇر، مۆلدۈر، گۈلدۈرمامىلىق بوران قاتارلىق كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايى ئاسان كۆرۈلىدۇ، تاغلىق رايونلاردا قىيان، لاي لاتقا ئېقىنى، تاغ گۈمۈرۈلۈش قاتارلىق ئاپەتلەرنىڭ يۈز بېرىش خەتىرى چوڭ بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدىكى شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، قاتناشقا بىر قەدەر چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ، مۇداپىئەنى كۈچەيتىش كېرەك. 

     2. بۈگۈن كۈندۈزدىن 26-كۈنىگىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىدا قۇم بورانلىق ھاۋارايى قاتناش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.  ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كەلگۈسى 24 سائەتلىك ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇماتتا بۈگۈن كۈندۈزدىن كېچىگىچە: كۆپ بۇلۇت ئارىلىقىدا ھاۋا ئوچۇق ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا:18 ℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا:8 ℃، شامال يۆنىلىشى:3 ~ 4 بال غەربىي شىمال شامىلى 


    مەنبەسى :ھاۋارايى ئىستانسىسى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك