• غولجىدىكى28ياشلىق يىگىت5-قەۋەتتنى چۈشۈپ كەتكەن بالىنى تۇتىۋالدى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-05-25 12:42
  • غولجىدىكى28ياشلىق يىگىت5-قەۋەتتنى چۈشۈپ كەتكەن بالىنى تۇتىۋالدى

    ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى كۆرسىتىلگەن ۋىدىئو

       ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى سالونى تېمىسى: 5-ئاينىڭ 23-كۈنى ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستى غولجا شەھىرىدىكى مەلۇم بىر بىنانىڭ 5-قەۋىتىدىن تويۇقسىز ئىككى ياشلىق بىر كىچىك بالا چۈشۈپ كەتكەن، دەل مۇشۇ دەقىقىدە (ئارانلا ئىككى سىكۇنت) غولجا شەھىرىدىكى 28 ياشلىق يىگىت تۇنىق تۇرغانبېك بۇ بالىنى تېز سۈرئەتتە تۇتىۋالغان،بىراق نەق مەيداندا ئۆزىمۇ ھوشىدىن كەتكەن.

    بۇ ئىككى ياشلىق بالا جىددىي دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كىيىن ، ئىككى سائەت كۆزىتىلىپ ئۆيىگە قايتقان ، تۇنىق تۇرغانبېك دەل ۋاقتىدا بۇ بالىنىڭ ھاياتىنى قوتقۇزۇپ قېلىپ ھەممەيلەننىڭ ماختىشىغا ، ئالقىش ياڭرىتىشىغا ئېرىشكەن.


    بۇ باتۇر يىگىتكە ھەممەيلەن ئالقىش ياڭرىتايلى! 


    ۋەقەنىڭ تولۇق تەپسىلاتى مۇنداق بولغان:

    بۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىككى سىكونت، ھۇدۇقۇپ توۋلاش بىلەن باشلىنىپ، ھاياجانلىق  تەنتەنە بىلەن ئاخىرلاشتى. 

     ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇن  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا شەھىرى .  28 ياشلىق يىگىت تونى تۇرغانبېك 5 – قەۋەتتىن چۈشۈپ كەتكەن ئىككى ياشلىق بالىنى تۇتۇۋالدى، ئەمما ئۇمۇ ھۇشىدىن كەتتى.

    5-ئاينىڭ 23-كۈنى  سائەت 21 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، تۇنىق تۇرغانبېك ماشىنا ھەيدەپ ئولتۇراق رايونغا قايتىپ كەلدى ، ئەمدىلا ماشىنىنى توختىتىپ يېقىنلا يەردە ئادەملەر توپى بارلىقىنى بايقىدى. 

    «مەن ئاپتوموبىلنى 2-كورپۇس ئىشىكنىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويۇپ، كۆپچىلىكنىڭ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۈستىگە قاراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىشىكنى ئېچىپ بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىدىم»  ئۇ شۇ چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ شۇنداق دېدى.

    بېشىنى كۆتۈرگەن ۋاقىتتا، ئەتراپتىكى ئاھالىلەر چىرقىرىشقا باشلىدى، تۇنىق تۇرغانبېكبىر بالىنىڭ ئېگىز بوشلۇقتىن چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:«مەن بالىغا ئەڭ يېقىن ئادەم، بىر، ئىككى مېتىر يىراقتا، بالا بېشىمنىڭ ئۈستىدە» ئۇ بۇرۇلۇپ بالىغا قاراپ يۈگۈردى، قولىنى ئاچتى، بىر بۇرۇقتۇرما بولغان سوقۇلۇش ئاۋازىغا ئەگىشىپ، بالا ئۇنىڭ قۇچىقىغا چۈشتى .

      5 – قەۋەتتە چۈشۈپ كېتىش ئادەتتە ئۆلۈم ياكى ئېغىر يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق دوستلۇق دوختۇرخانىسى سۆڭەك ئىككىنچى بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى لى ۋېنچياڭ مۇنداق دېدى: بالىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلگەندە بالىدىكى سالامەتلىك ئالامەتلىرىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولغاچقا، كۆزىتىش ئارقىلىق ئىككى سائەتتىن كېيىن ئۆيگە قايتۇرۇلدى.


      قۇتقۇزۇۋېلىنغان بالىنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن بولغان تاڭ فامىلىلىك مۇنداق دېدى: بالىمىز 13 كىلوگىرامدىن ئېغىركەن، تۇنىق تۇرغانبېكبالىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالدى، بىز ئۇنى بىر ئۆمۈر تۇغقىنىمىز دەپ قارايمىز، كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە رەھمەت، بالىنىڭ ھازىر ئەھۋالى بەكلا ياخشى .

    غۇلجا شەھىرى تەرەققىيات رايونى رېنخې گۈللۈكى ئولتۇراق رايونىدىكى تىجارەتچى شياڭ شۇيوڭمۇخبىرغا مۇنداق دېدى ، تۇرغانبېكنىڭئادەم قۇتقۇزۇش ئىشى ئولتۇراق رايوندا تارقىلىپ يۈرگەن قىزىق پاراڭ بولۇپ قالدى. مېنىڭچە كۆپچىلىك ئۇنىڭدىن ئۆگىنىشى كېرەك، ئۇ يېڭى دەۋردىكى لېي فېڭنىڭ ياخشى ئۈلگىسى.  


    ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى سالونى مەخسۇس تەييارلىغان ، رۇخسەتسىز ، باشقا سالون 

    ۋە تور بېكەتلەردە كۆچۈرۈپ تارقاتسىڭىز دەرھال پاش قىلىنىدۇ

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك