• راموس ئۆزىنىڭ خانلىق مادىرىدتا كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-05-31 08:54
  • راموس ئۆزىنىڭ خانلىق مادىرىدتا كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

    ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى سالونى تەرجىمىسى:خانلىق مادىرىد كاپىتانى راموس بۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ ، ئۆزىنىڭ خانلىق مادىرىدتا كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى ، بۇنىڭدىن كىيىنكى ئېشىپ قالغان كەسپىي ھاياتىدا خانلىق مادىرىدتا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    ئۆزىنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا 

    راموس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: « بۈگۈن مېنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىشتىكى مەقسىتىم بولسا سەمىمىيلىك بىلەن كۆپچىلىككە شۇنى دېمەكچىمەنكى، ھېچكىم مېنىڭ مادرىدقا بولغان سادىقلىقىمدىن گۇمانلانمىسۇن.  ئۇ سۆز-چۆچەكلەر مېنى بەك چارچىتىۋەتتى، مەن بۈگۈن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئايدىڭلاشتۇرماقچى.  15 كۈندىن كېيىن توي مۇراسىمىمنى كۈتۈۋالىمەن، مەن ئىسمىمنى گېزىتنىڭ باش بېتىگە چۈشۈرۈپ، بىر يازنى خۇشال ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.  ــ

     مەن بىر مادرىتچى، مادرىدتا چېكىنگۈم بار.  مېنىڭ رەئىس بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم خۇددى ئوغۇل بىلەن دادامغا ئوخشاش، مەن ئەزەلدىن مادرىدتىن ئايرىلىشنى ئويلاپ باقمىغان، مېنىڭ ئارزۇيۇم مۇشۇ يەردە چېكىنىش.  مەن مەڭگۈ مادرىدتىن ئايرىلالمايمەن، مەنمۇ مائاش قوشۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ باقمىدىم، مەن ھەقسىز مادرىد ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى خالايمەن.


      رەئىس بىلەن بولغان مۇناسىۋەت

     « مېنىڭ رەئىس بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم ئومۇمەن ياخشى، لېكىن ھەرقانداق ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ داۋالغۇپ تۇرىدۇ.  مەن ئىلگىرى رەئىس بىلەن يۈز تۇرانە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشىم، بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن.  بىز پۇل جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى ئەسلا تىلغا ئالمىدۇق، بىر مىنۇت بولسىمۇ يوق، بىزنىڭ دېگىنىمىز پەقەت ئىشەنچ ۋە ھېسسىيات جەھەتتىكى بەزى ئىشلار.  مەن ئەزەلدىن رەئىسنىڭ ئىمزا قويۇشىنى تەلەپ قىلىپ باقمىغان، بۇ مەن باشقۇرىدىغان ئىش ئەمەس.  مەن مادرىدنىڭ كاپىتانى، مەستانىلەر ۋە سەبداشلىرىمنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتىنى بۇ يەردە ھىس قىلالايمەن.  مەن بۇ يەردە ھەممە نەرسىگە ئىگە، پۇل پەقەت ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، مەن تۈنۈگۈن رەئىس بىلەن كۆرۈشۈپ بۇ ئىشنى ئېنىقلىدىم، مەن ئىلگىرى ھەر كۈنى رەئىس بىلەن پاراڭلىشىدىغان كۈنلەرنى بەك سېغىندىم.


      جۇڭگودىن كەلگەن باھا

     "مەن جۇڭگودىن كەلگەن باھانى ھەقىقەتەن تاپشۇرۇپ ئالدىم، بىراق مەن ئەركىن يۆتكىلىش ئۈچۈن كوماندىدىن ئايرىلىشنى ئويلاپ باقمىغان، مەنمۇ ئەزەلدىن تەلەپ قىلىپ باقمىغان، ئۇنىڭ ھەممىسى ئۆسەك سۆزلەر.  مەن رەئىس بىلەن بىر قېتىم شەخسىي كۆرۈشكەن، مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ جۇڭگودىن كەلگەن باھانى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىمنى ئېيتتىم، بۇ ئىش سەۋەبىدىن تاراتقۇلارنىڭ ھەر خىل پەرەزلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.  "مەن جۇڭگونى كەلگۈسىدە مۇمكىن بولىدىغان جاي قىلىشنى ئويلاشتىممۇ يوق، مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇ يەردە قىزغىن قارشى ئېلىنىدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم، ئەمما جۇڭگو ياكى ئامېرىكا توغرىسىدىكى ئىشلارنى ھازىر راستىنلا بىلمەيمەن.


     باشقا مەسىلىلەر

     « ئاجاكىس بىلەن بولغان ئۇ مەيدان مۇسابىقە بىزگە زور بېسىم بولدى، بۇ بىزنىڭ بىر قىسىم نەرسىلەرنى ئۆزگەرتىشكە مۇھتاج ئىكەنلىكىمىزنى چۈشەندۈرىدۇ.  بەزىدە توپ مەستانىلىرى بىزگە ۋارقىراپ كېتىدۇ، چۈنكى ئۇلار بىزنىڭ ئىنكاسىمىزنى كۆرمەكچى، مەندە ھۈش قىلغان ۋاقىت بولغان، كىرىستىيانو رونالدومۇ ئىلگىرى ئۈش قىلغان.  ھازىرغا قەدەر، مەن يەنىلا مادرىدقا تېخىمۇ كۆپ شان شەرەپلەرنى ئېلىپ كېلىشنى ئويلايمەن، كوماندىنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئۈمىدۋار ھېس قىلىمەن، تېخىمۇ كۆپ يېڭى ياردەملەرنىڭ قوشۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

     ‹‹ مەن داۋاملىق مادرىدتا قالىمەن، داۋاملىق مادرىتچى بولىمەن، ھازىر مەن دەم ئېلىشقا بارماقچى، ۋاقتى كەلگەندە بىز قايسى يېڭى ياردەملەرگە ئېرىشىمىزكۆرۈپ باقايلى.  مەن كىمنىڭ ئۇزغۇنلۇقنى يېڭىشىگە كۆڭۈل بۆلمەيمەن.

     خازارد؟  ئۇ مۇتلەق مەنىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك توپچى.


    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك