• 5G يىتىپ كەلدى،4Gنى قانداق قىلىمىز؟ يانفۇننى ئالماشتۇرامدۇق؟

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-06-03 10:21
  • 5G يىتىپ كەلدى،4Gنى قانداق قىلىمىز؟ يانفۇننى ئالماشتۇرامدۇق؟

    ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى سالونى تەرجىمىسى : بۈگۈن چۈشتە، بىر  خەۋەر ئاشكارىلاندى: سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى يېقىندا 5G سودا نومۇرى تارقىتىدۇ. 

    5G سودا ماركىسى راستىنلا كەلدى.

      5G نېمە ئۈچۈن سودىغا نومۇر تاختىسى ئىشلىتىلىدۇ، بازار ۋە تورداشلارنى شۇنچە روھلاندۇرىدۇ؟ 

    5G سودا نومۇر تاختىسىنىڭ تارقىتىلىشى، بىزگە نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ 

    5G ھەققى بەك قىممەتمۇ قانداق؟ 

    4G نى قانداق قىلىمىز؟ 

    چوقۇم تېلېفون ئالماشتۇرۇشۇم كېرەكمۇ؟
    سوئال:5G ھەققى بەك يۇقىرى بولۇپ كېتەرمۇ؟ 

    خەۋەرلىشىش ھەققى ئۆرلەيدۇ، لېكىن ئېرىشكەن قىممىتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.  پەقەت ئەنئەنىۋى ئېقىم مىقدارى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بىر قەدەر ئېنىق بولغىنى، 5G بولسا 4Gدىن تېخىمۇ ئەرزان بولىدۇ.  بۇ 2G دىن 3G غىچە ئاندىن 4Gغىچە بولغان ئۆزگىرىش جەريانىدىن بۇلارنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. 

    图片

      ئەلۋەتتە، ئەنئەنىۋى ئېقىم مىقدارى 5G دەۋرىدە قايتا قوللىنىلمايدۇ.

      5G تورنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، ھەق ئېلىش ئەھۋالىدا كۆپ خىل ئۇسۇللار كۆرۈلىدۇ.  تورنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىشلىتىلىش ئورنىغا ئاساسەن، ئوخشاش بولمىغان ھەق ئۆلچىمىنى بەلگىلەيدۇ.

      مەسىلەن، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ۋە ئويۇن كەسپىنى ئاساس قىلىپ ھەق ھېسابلاش؛ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى بىۋاسىتە كۆرسىتىش چوڭ ئېقىم مىقدارى بويىچە ھەق ھېسابلاش.

      ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ھەر بىر ئادەمنىڭ خەۋەرلىشىش ھەققى چوقۇم يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، ئەمما قوشۇلغان ھەقمۇ ئابونتلارنى تېخىمۇ يۇقىرى قىممەتكە ئىگە قىلىدۇ. 

    تۇنجى كۈنى ئېقىم مىقدارىنى ئېتىۋېتىشنى ئۇنتۇپ قېلىپ، ئىككىنچى كۈنى ھەتتا ھەممە ھەقنى تۆلەپ بولغان ئەھۋال چوقۇم يۈز بەرمەيدۇ.

      ئىككىنچى مەسىلە:5G پەيدا بولغاندىن كىيىن، 4Gقانداق قىلىمىز؟  

    4G تېخنىكىسى پۈتۈنلەي شاللىنىپ كەتمەيدۇ.  بىر قىتىمدىلا پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا پەقەت مۇستەقىل 5G تورىنى ئىشلىتىش مۈشكۈل ۋەزىپە، شۇڭا 4GLTE تېخنىكىسى پۈتۈنلەي شاللىنىپ كەتمەيدۇ دېيىشكە بولىدۇ.  ئەمەلىيەتتە، شۇ يىلى 3GPP دا 4Gلىق LTE قېلىپلاشقان يېڭىلىق يارىتىش نۇسخىسى تەييارلىنىپ بولدى ھەمدە كېيىنكى ئەۋلاد كۆچمە تور دەۋرىنىڭ تۈۋرۈكى بولۇپ قالدى. 

    مۆلچەرلىنىشچە، 3GPP شىركىتى LTE ئالى دەرىجىلىك Pro نى ئېلان قىلىدىكەن، قىسمەن تىجارەت ئورۇنلىرى ئۇنى 4.5G ياكى 4.5 GPro دەپ ئاتايدىكەن، يەنە بەزىلەر بۇنى 5G نىڭ تەدرىجى تەرەققى قىلىشى ياكى 5G تۈرى دەپ ئاتايدىكەن،   ئۇ تېخىمۇ يۇقىرى سۈرئەت، تېخىمۇ يۇقىرى ئىشەنچلىك ۋە 5G نىڭ ماسلىشىشچانلىقىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ. 

    تېخىمۇ تۆۋەن بولغان 2G تورغا كەلسەك، ئەمەلدىن قالدۇرۇش پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى.

    图片

      ئۈچىنچى مەسىلە: قايسى ساھەلەردە ئالدى بىلەن 5G ئىشلىتىلىدۇ؟ ھەممىسى 5G تور سۈرئىتى تېز، كېچىكىش تۆۋەن دەيدۇ، زادى 5G تورى قانچىلىك راۋان، قايسى ساھەلەردە ئىشلىتىلىدۇ؟

      1. يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى فىلىملەرنى ھېچقانداق قىينالماي ، ساقلىماي ھەرقانداق يەردە  تولۇق كۆرەلەيسىز.

    5G دەۋرىدە، 720P/1080P نىڭ ۋىدىئولىرى چۈشۈرۈپ ئولتۇرمايمىز، كۆرمەكچى بولسىڭىز 4K/8K نىڭ سۈزۈك كۆرۈنمە چاستوتىلىرىدىن تاللاپلا كۆرەلەيسىز.  مەيلى كۆرۈنۈش ياكى ئېنىقلىق دەرىجىسى بولسۇن، بىر نەچچە بالداق ئۆرلەپ، سىزنى ھەر كۈنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

      2. ھەيدىگۈچىسىز ئاپتوموبىل ھەيدەش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

      شوپۇرسىز ئاپتوموبىل ھەيدەش سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى ۋە كۆپ مىقداردىكى ئالاقە تورىغا ئۇلانغان سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق نورمال خىزمەت قىلىدۇ. 

    5G تورى سانلىق مەلۇماتلارنى يوللاپلا قالماي، يەنە ھەمكارلىشىپ تەھلىل قىلىپ، ئاخىرىدا ماشىنىنى ئۆزى سانلىق مەلۇماتلارنى ھېسابلاپ بىر تەرەپ قىلدۇرۇپ، ھەيدىگۈچىسىز قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. 

    图片

      3. مەۋھۇم رېئاللىق رېئاللىققا قاراپ ماڭىدۇ.

      5G نىڭ ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى يوللاش سۈرئىتى VR نىڭ مەنزىرىسىنى تېخىمۇ راۋان ۋە ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپلا قالماي، يەنە VR نىڭ تېخىمۇ كۆپ كۆرۈنۈشلەردىكى مودېلىنى قوللىنىشىنى قوللايدۇ، رېئال تۇرمۇش، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياساش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى قوللايدۇ.

    بۇنىڭدىن باشقا، ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق، ئېلېكتىر كۈچى، داۋالاش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەر قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ ئىشلىتىلىش ئىستىقبالىغا ئىگە.

    图片

     قىسقىسى، 5G نىڭ مەيدانغا كىلىشى بىلەن تۇرمۇش ھەر خىل گۈزەللىك بىلەن ئۆتىدۇ. 

    تۆتىنچى مەسىلە:5G سودا قۇرۇلۇشى چەتئەلگە ئېچىۋېتىلدىمۇ؟ 

    چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشىنى بۇرۇنقىدەكلا قارشى ئېلىنىدۇ.

      ئېلىمىز يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ئېچىۋېتىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، 5G تېخنىكىسى، ئۆلچىمى، كەسپىدە رىقابەت ئەۋزەللىكىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلدى.  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېلىمىز ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇش، ھەمكارلىشىش، تەڭ مەنپەئەتلىنىش ئىدىيەسىدە ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا كەسىپ ساھەسى بىلەن بىرلىكتە 5G تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

      2013-يىلى ئېلىمىزدە IMT-2020 (5G) نى ئىلگىرى سۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان، ئېرىكسون، نوكىيا، گاۋتوڭ، ئىنتېل، رود ۋە شىۋارتس قاتارلىق نۇرغۇن چەت ئەل كارخانىلىرى ئىلگىرى سۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى بولغان. 

    ئىلگىرى سۈرۈش گۇرۇپپىسى سۇپىسى ئاساسىدا، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كارخانىلار بىرلىكتە تېخنىكا تەتقىقاتى، تېخنىكا تەجرىبىسى ۋە مەھسۇلات ئۆلچەش، دەلىللەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تېخنىكا قائىدىسى ۋە سىناق قائىدىسىنى بىرلىكتە تۈزۈپ چىقتى ھەمدە سىناققا پائال قاتناشتى، يەر شارى سىستېما ئۈسكۈنىسى، ئۆزەك، تېرمىنال، ئۆلچەش ئەسۋابى قاتارلىق كارخانىلار ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، ئورتاق ئىلگىرى سۈردى. 

    5Gمۇتەخەسسىسى مۇنداق دېدى: چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ ئېلىمىزنىڭ 5G تورى قۇرۇلۇشى ۋە قوللىنىشنى ئومۇملاشتۇرۇشقا داۋاملىق قاتنىشىپ، ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، 5G تەرەققىياتى ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى ئورتاق پىلانلاپ، ئېلىمىزنىڭ 5G تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى قارشى ئالىمىز.

    5G رەسمىي يولغا قويۇلغاندا چوقۇم يانفۇن ئالماشتۇرۇش كىرەكمۇ؟
    ھازىرقى يانفونلارنىڭ ھەممىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 4G + تورنى قوللايدۇ، تېخى 5G يانفونىنى قوللايدىغان يانفۇن بازارغا سېلىنمىدى، .  ئەگەر كەلگۈسىدە 5G تور ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، ھازىرقى يانفونىڭىز بولمايدۇ، چوقۇم 5G تور قوللايدىغان يانفوننى ئالماشتۇرىشىڭىز كىرەك.

      چۈنكى 5G تورى رەسمىي يېيىلغاندا، 5G تورنى قوللايدىغان يانفونلار ئاندىن 5G تورىنى ئىشلىتەلەيدۇ. ھازىر 5G تورى رەسمىي ئەمەلىيلەشمىدى، بىز ئىشلىتىۋاتقان يانفوننىڭ بىر تەرەپ قىلغۇچىسى 5G لىق مودىمنى قوللىمىدى، بۇنداق يانفونلارمۇ بۇنىڭدىن كېيىن ئىچكى يۇمشاق دېتال ئارقىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ 5G تور قوللايدىغان بولىدۇ،  ئەمەلىيەتتە يانفون ئالماشتۇرۇش ھامان بىر كۈنى بولىدىغان ئىش، چۈنكى ھازىر 4G ئومۇملىشىۋاتقان دەۋردە، G3 ۋە G2 تورىنى ئىشلىتىدىغان ئادەم يوق دېيەرلىك، بەزىدە G4 سىگنالى ياخشى بولمىسىمۇ، G2 سىگنالىنى ئۇلىغاندىكى سۈرئىتىمۇ تورلاشمىغاندەك ھېس قىلىدۇ.

      4G دىن 5G غا چىققاندا چوقۇم يانفون ئالماشتۇرۇش كېرەكمۇ؟ 

     ئەلۋەتتە ،ئالماشتۇرۇشنى ئۆزىڭىز بىكىتسىڭىز بولىدۇ ،  چۈنكى 5G تورى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىنمۇ 4G تورى ئادەتتە ئەمەلدىن قالمايدۇ.  « ھازىر كۆپىنچە 4G تورىنى ئىشلىتىمىز، ئەمما تىجارەت قىلىدىغان سودىگەرلەرنىڭ G3 ۋە G2 تورى يەنىلا مەۋجۇت، سىزنىڭ G4 يانفونىڭىزنىمۇ داۋاملىق ئىشلەتكىلى بولىدۇ. »


    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك