• 《封神演义》تويۇقسىز قويۇلۇشتىن توختىتىلدى،ئەرز قىلىنغان بولىشى مۇمكىن

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-06-04 12:38
  • 《封神演义》تويۇقسىز قويۇلۇشتىن توختىتىلدى،ئەرز قىلىنغان بولىشى مۇمكىن


    ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى سالونى خەۋىرى: 3-ئىيۇن كەچ سائەت 10دا، ئەسلىدە خۇنەن سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئالتۇن ۋاقتىدا كۆرسىتىلىدىغان 封神演义«  ئەۋلىيا ھەققىدە قىسسە» ناملىق قەدىمىي فىلىمنى قويۇشنى تۇيۇقسىز ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، جاڭ شىنچېڭ، جۇ يۈتۇڭ باش رول ئالغان« بۈيۈك سۇڭ سۇلالىسى ھەققىدە قىسسە» ناملىق قەدىمىي فىلىمنى قويۇشقا ئۆزگەرتىپ قويدى.


    مۇخبىرنىڭ « 封神演义» ۋە« بۈيۈك سۇڭ سۇلالىسى ھەققىدە قىسسە» دىكى مۇناسىۋەتلىك ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتلاردىن سەۋەبىنى  بىلىشنى تەلەپ قىلغاندا، قارشى تەرەپ ئارخىپقا ئۆزگەرتىشنى ۋاقىتلىق ئۇقتۇرۇش قىلغانلىقىنى، كونكرېت سەۋەبىنى تېخى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. 


    لوجىن، ۋاڭ لىكۈن، يۈ خېۋېي، دېڭ لۈن قاتارلىق باش رول ئالغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى «  ئەۋلىيا ھەققىدە قىسسە»   يېقىندا خۇنەن سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسىدە قويۇلغاندىن كىيىن ، بۇ فىلىمنىڭ توردا كۆرۈلۈش نىسبىتى 1-ئورۇننى ئېگەللىگەن ئ‍ىدى ، ، 55 شەھەردە كۆرۈلۈش نىسبىتىمۇ% 10.8 كە يېتىدىغان بولۇپ، مۇشۇنداق ياخشى ن نەتىجىگە ئېرىشكەن دىگىلىمۇ بولىدۇ. لېكىن كۈتۈلمىگەن يېرى شۇكى، ئەڭ يېڭى خەۋەرگە قارىغاندا ، بۇ فىلىمنى قويۇش تۈنۈگۈن تويۇقسىز توختىتىلغان بولۇپ ، بۈگۈن ئەسلى فىلىمنىڭ 65 قىسىم ئىكەنلىكىنى بىراق قويۇلمىغان 12 قىسىمنىڭ ئىككى قىسىمغا يېغىنچاقلىنىپ ، بۈگۈن كەچتە بىراقلا فىلىمنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار تارقالدى .

    خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ، بۇ فىلىمنىڭ داۋامى قويۇلۇشقا ئامالسىز قالغان بولۇپ ، فىلىم ئىچىدىكى نۇرغۇنلىغان مەزمۇنلار تارىخنى قالايمىقان ئ‍ۆزگەرتىش سەۋەبى بىلەن ئەرز قىلىنغان ئىكەن ،خۇنەن سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى ئامالسىز فىلىمنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى قارار قىلغان ، نۆۋەتتە بۇ فىلىمنىڭ زادى قالغان 12 قىسىمنى داۋاملىق قۇيالىشى ياكى 12 قىسىمنىڭ 2 قىسىمغا يېغىنچاقلىنىپ ، 690 مىنۇتلۇق جايى بىراقلا 90مىنۇتقا يىغىنچاقلىنىپ قويۇلىشى نۇرغۇنلىغان ھەۋەسكارلارنىڭ گاڭگىراپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك