• ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ ھاۋارايى ئىمتىھانغا پايدىلىق بولىدىكەن

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-06-05 10:57
  • ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ ھاۋارايى ئىمتىھانغا پايدىلىق بولىدىكەن

    ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى سالونى تەرجىمىسى : مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بايراملىق دەم ئېلىش ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە (6-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە) ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇرغۇن جايلاردا ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى بولىدىكەن، ئاساسلىقى تاغلىق رايونلارغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، تېمپېراتۇرا ئانچە تۆۋەن بولمايدىكەن. 

    ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىمتىھان نۇقتىلىرىدا ھاۋا ئوچۇق، ھاۋا بۇلۇتلۇق بولىدۇ، جايلارنىڭ تېمپراتۇرىسى مۇۋاپىق، شامال كۈچى ئاجىز، ھاۋارايى شارائىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا پايدىلىق. 

    مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 7-ئىيۇندىن 9-ئىيۇنغىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلاردا ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، شىخەنزە شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق قىسمەن رايونلاردا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر ياغىدىكەن. 

    ئۈرۈمچى شەھىرىدە 7-چېسلا كۈندۈزى ۋە 9-چېسلا كۈندۈزى ئازراق يامغۇر ياغىدۇ، باشقا ۋاقىتلاردا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق ھاۋا رايى كۆرىلىدۇ، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃13-℃20، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃26-℃33-بولىدۇ، تېمپېراتۇرا بىر قەدەر مۇۋاپىق بولىدۇ. 

    ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش مۇلازىمىتىنىڭ باش باشلىقى دۇ شىنيىڭ مۇنداق دېدى: ئىلى ئوبلاستى، بورتالا ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋە جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭنىڭ تاغلىق رايونلىرى قاتارلىق جايلاردا قەرەللىك يامغۇر ياغىدۇ، قىسمەن جايلاردا ئاسان يامغۇر ياغىدۇ، چاقماق چېقىپ، بوران چىقىدۇ، مۆلدۈر ياغىدۇ. 

    ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك. 

    كەڭ ساياھەتچىلەر، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلار شۇ جايدىكى مېتېئورولوگىيە ئىستانسا-پونكىتلىرى ئېلان قىلغان ھاۋارايى ئۇچۇرلىرىنى ئاڭلاشقا دىققەت قىلىپ، ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئالدىن ياخشى ئىشلەپ، يامغۇرنى ياخشى ئېلىپ، بوران-چاپقۇن، چاقماق قاتارلىق ناچار ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

      ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە، غۇلجا شەھىرى، چۆچەك شەھىرى، قاراماي شەھىرى، كورلا شەھىرىدە يامغۇر كۆپ ياغىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قاراماي شەھىرىدە بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، شۇڭا، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يامغۇرنى تەييارلاپ، بوراندىن مۇداپىئەلىنىشكە دىققەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. 

    بۇنىڭدىن باشقا، بورتالا شەھىرى، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، سانجى شەھىرى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شەرقىي شىنجاڭدىكى ئىمتىھان نۇقتىسى شەھەرلىرىنىڭ كۈندۈزلۈك ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرىسى 32 سېلسىيە گرادۇستىن يۇقىرى، ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ كۈچلۈكلۈك كۆرسەتكۈچى بىرقەدەر يۇقىرى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلار ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپتاپتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك؛ ھەر قايسى ئىمتىھان نۇقتىلىرى سۇ بىلەن تەمىنلەش، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش قاتارلىق ئالاقىدار مۇلازىمەت خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

    مەنبەسى :ياشىن تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك